مۇسۇلمانلار
مىراس بالىلارنىڭ ئۈلۈشى 1

مىراس \ بالىلارنىڭ ئۈلۈشى

3) قىز – ئوغۇل بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۈلۈشلىرى

ئاتا – ئانىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بالىلار، ئۇلارنىڭ مىراسىدىن ئۈلۈش ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈلۈشلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئەگەر ۋاپات بولغۇچىنىڭ قىز – ئوغۇل ئارىلاش بالىلىرى بولسا، ئوغۇللارغا ئىككىدىن، قىزلارغا بىردىن ئۈلۈش تېگىدۇ. ئەگەر ۋارىسلار ئىككىدىن ئارتۇق قىز بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ، ئۇلار بۇنى ئۆزئارا ئوخشاش نىسبەتتە ئۈلىشىدۇ. ئەگەر ۋارىس بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يُوصِيكُمُ ٱللَّهُ فِيٓ أَوۡلَٰدِكُمۡۖ لِلذَّكَرِ مِثۡلُ حَظِّ ٱلۡأُنثَيَيۡنِۚ فَإِن كُنَّ نِسَآءٗ فَوۡقَ ٱثۡنَتَيۡنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَۖ وَإِن كَانَتۡ وَٰحِدَةٗ فَلَهَا ٱلنِّصۡفُۚ … ١١﴾

«ئاللاھ سىلەرگە بالىلىرىڭلار ھەققىدە مۇنداق ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ: بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ئۈلۈشى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالىلار ئىككىدىن ئارتۇق قىز بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالا بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ»[1].

ئەسكەرتىش

قۇرئان كەرىمدە «ئەب – ئاتا» كەلمىسى «بوۋا – جەد» مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ. بۇ، بوۋا بىلەن ئوخشاش مەرتىۋىدىكى نەۋرىلەرنىڭ بالا قاتارىغا كىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىككى ئايەتتە «نەۋرىلەر» ئايرىم زىكىر قىلىنمىغان:

﴿حُرِّمَتۡ عَلَيۡكُمۡ أُمَّهَٰتُكُمۡ وَبَنَاتُكُمۡ وَأَخَوَٰتُكُمۡ وَعَمَّٰتُكُمۡ وَخَٰلَٰتُكُمۡ وَبَنَاتُ ٱلۡأَخِ وَبَنَاتُ ٱلۡأُخۡتِ …  ٢٣﴾

«سىلەرگە ئانىلىرىڭلار، قىزلىرىڭلار، ھەمشىرىلىرىڭلار، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرى… ھارام قىلىندى»[2].

﴿… وَلَا يُبۡدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوۡ ءَابَآئِهِنَّ أَوۡ ءَابَآءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوۡ أَبۡنَآئِهِنَّ أَوۡ أَبۡنَآءِ بُعُولَتِهِنَّ أَوۡ إِخۡوَٰنِهِنَّ أَوۡ بَنِيٓ إِخۡوَٰنِهِنَّ أَوۡ بَنِيٓ أَخَوَٰتِهِنَّ …  ٣١﴾

«مۇئمىن ئاياللار زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئۆز ئاتىلىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئاتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن…. باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن»[3].

چۈنكى بىرىنچى ئايەتتىكى ﴿وَبَنَاتُكُمْ – قىزلىرىڭلار، ئىككىنچى ئايەتتىكى ﴿أَوْ أَبْنَائِهِنَّ – ئۆز ئوغۇللىرى «نەۋرىلەر»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نەۋرىلەر  «بالىلار» يەنى مېيىتنىڭ بالىلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئاتىلىرى ياكى ئانىلىرى ھايات بولسا مىراستىن ئۈلۈش ئالالمايدۇ، لېكىن ئۇلار ھايات بولمىغان ئەھۋالدا ئۈلۈش ئالالايدۇ. شۇنىڭدەك، قايسى نەۋرىنىڭ ئاتىسى ياكىى ئانىسى (مېيىتنىڭ بىۋاسىتە بالىسى) ھايات بولمىسا، بۇ نەۋرە شۇ ئاتىسىنىڭ ياكى ئانىسىنىڭ ئۈلۈشىنى ئالىدۇ. بىردىن كۆپ نەۋرە ئۇ ئۈلۈشنى، خۇددى ئۆزلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئاتىسىدىن ياكى ئانىسىدىن قالغان مىراستەك قىزغا بىر ئۈلۈش، ئوغۇلغا ئىككى ئۈلۈش قىلىپ ئۈلىشىدۇ. بۇ مەسىلە ئۈستىدە «ۋارىسلارنىڭ تەرتىپى»دە قايتا توختىلىمىز، ئىنشائاللاھ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 412 – 414.

[1] 4 – سۈرە نىسا ، 11 – ئايەت.

[2] 4 – سۈرە نىسا ، 23 – ئايەت.

[3] 24 – سۈرە نۇر ، 31 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر