مۇسۇلمانلار
مىراس ئەر - خوتۇنىڭ ئۈلۈشلىرى 1

مىراس \ ئەر – خوتۇنىڭ ئۈلۈشلىرى

2) ئەر – خوتۇن ۋە ئۈلۈشلىرى

بۇلار بىر – بىرىگە ۋارىس بولىدۇ. بۇلارنىڭ مىراستىن ئالىدىغان ئۈلۈشلىرىنىڭ مىقدارى ۋاپات بولغان تەرەپنىڭ بالىسى بولۇپ بولمىغانلىقىغىلا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. بۇ تۆۋەندىكىچە:

ئەگەر ئايال ۋاپات بولۇپ، ئەر ھايات قالغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ بالىسى بولمىسا ئېرىگە مىراسنىڭ يېرىمى، بالىسى بولسا تۆتتىن بىرى تېگىدۇ.

ئەگەر ئەر ۋاپات بولۇپ، ئايال ھايات قالغان بولسا، ئۇ ئەرنىڭ بالىسى بولمىسا ئايالىغا مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى، بالىسى بولسا سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَكُمۡ نِصۡفُ مَا تَرَكَ أَزۡوَٰجُكُمۡ إِن لَّمۡ يَكُن لَّهُنَّ وَلَدٞۚ فَإِن كَانَ لَهُنَّ وَلَدٞ فَلَكُمُ ٱلرُّبُعُ مِمَّا تَرَكۡنَۚ مِنۢ بَعۡدِ وَصِيَّةٖ يُوصِينَ بِهَآ أَوۡ دَيۡنٖۚ وَلَهُنَّ ٱلرُّبُعُ مِمَّا تَرَكۡتُمۡ إِن لَّمۡ يَكُن لَّكُمۡ وَلَدٞۚ فَإِن كَانَ لَكُمۡ وَلَدٞ فَلَهُنَّ ٱلثُّمُنُ مِمَّا تَرَكۡتُمۚ مِّنۢ بَعۡدِ وَصِيَّةٖ تُوصُونَ بِهَآ أَوۡ دَيۡنٖۗ …  ١٢﴾

«ئاياللىرىڭلار قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى سىلەرگە تېگىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولمىغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا سىلەرگە ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ. بۇ تەقسىمات ئۇلارنىڭ ۋەسىيىتى ئادا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ياكى ئۇنىڭ قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا، ئۇلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ. بۇ تەقسىمات سىلەرنىڭ ۋەسىيىتىڭلار ئادا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ياكى قەرزىڭلار تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ»[1].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 411 – 412.

[1] 4 – سۈرە نىسا ، 12 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر