مۇسۇلمانلار
مىراس ئۈلۈش پەرقىنىڭ ھېكمىتى 1

مىراس \ ئۈلۈش پەرقىنىڭ ھېكمىتى

2§. ئۈلۈش پەرقىنىڭ ھېكمىتى

ئاللاھ تائالا مىراس تەقسىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿… ءَابَآؤُكُمۡ وَأَبۡنَآؤُكُمۡ لَا تَدۡرُونَ أَيُّهُمۡ أَقۡرَبُ لَكُمۡ نَفۡعٗاۚ فَرِيضَةٗ مِّنَ ٱللَّهِۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمٗا  ١١﴾

«ئاتا – ئانىلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ قايسىسى سىلەرگە پايدا جەھەتتە ئەڭ يېقىن؟ بۇنى بىلمەيسىلەر. بۇ ئۈلۈشلەر ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[1].

ۋارىسلارنىڭ ئىچىدىن نىكاھ توختامى بىلەن ۋارىس بولغانلارنىڭ ۋارىسلىقى ئۆزلىرى بىلەن تۈگەيدۇ. يەنى ئەر – ئايال ئۆلگەن تەرەپنىڭ مىراسىدىن ئۆز ئۈلۈشىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇ تەرەپ بىلەن «يېقىن»لىقى تۈگەيدۇ. مىراسى تەقسىم قىلىنماقچى بولغان مېيىتنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن جۈپتىگە ئۇ مىراستىن ئۈلۈش ئايرىلىپ ئۇنىڭ يېقىنلىرىغا تاپشۇرۇلمايدۇ.

ئەمما جۈپلەردىن باشقا ۋارىسلار ئۇنداق ئەمەس. بۇلار بىلەن مېيىت ئارىسىدىكى مىراسخورلۇق تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىگە باغلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دەرىجە بار، بىر – بىرىنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ، ئۈلۈشىنى ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ئۈلۈشلىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشى، مېيىت بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەتكە قارىتا بەلگىلەنگەن. مەنپەئەت جەھەتتە مېيىتقا كىمنىڭ بەك يېقىنلىقىنى ئىنسانلار بىلەلمىگەنلىكى، بۇنى پەقەت ئاللاھ تائالا بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۈلۈشلەرنىڭ مىقدارىنى ئاللاھ تائالا ئۆزى بەلگىلىگەن.

ۋارىسلارنىڭ ئىچىدىن جۈپلەر چىقىرىۋېتىلسە قالغانلار مېيىتنىڭ يا ئاتا – ئانىسى ياكى بالىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتتە ﴿آبَآؤُكُمْ وَأَبناؤُكُمْ – ئاتا – ئانىلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار﴾ دېگەن. چۈنكى مېيىتنىڭ ئاتا – ئانىسى تەرەپتىن بوۋا – موما ۋە تاغا – ھاممىلىرى «ئاتا – ئانىسى»، نەۋرىلىرى «بالىسى» ھېسابلىنىدۇ.

قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرىگە كەلسەك، ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا – ئانىلىرىنىڭ (بۇ مېيىتنىڭمۇ ئاتا – ئانىسىدۇر) ئورنىغا ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ ئۈلۈشلىرىنى ئۆزئارا ئوغۇلغا ئىككى ئۈلۈش، قىزغا بىر ئۈلۈش پىرىنسىپى بويىچە بۆلىشىدۇ. قېرىنداش ۋە ھەمشىرىنىڭ بالىلىرى بولسا مېيىتنىڭ بالىلىرى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى مېيىت ئۇلارنىڭ تاغىسىدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن مېيىتنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ نەۋرىلىرى بولىدۇ. ئۆز ئاتا – ئانىلىرى ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ بوۋا – مومىسىنىڭ ئۆز بالىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 427 – 429.

[1] 4 – سۈرە نىسا ، 11 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر