مۇسۇلمانلار

موللىغا ئوقۇتساق بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! سىزنىڭ «موللىغا ئۇقۇتۇپ باخساق» دېگەن سۆزىڭىزدىكى موللا سېھىرگەردۇر. دىنىمىزدا سېھىر قىلىش ۋە سېھىر قىلدۇرۇش ھارامدۇر، چوڭ گۇناھدۇر، ھەتتا كاپىرلىقتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«… سۇلايمان (سېھرىگەر بولۇش ۋە سېھىر ئۆگىنىش بىلەن) كاپىر بولمىدى، لىكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى، ئۇلار بابىلدىكى ھارۇت- مارۇت دىگەن ئىككى پەرىشتىگە نازىل بولغان سېھىرنى ئۆگىتەتتى. (بۇ ئىككى پەرىشتە)بىز كىشىلەرنى سىنايمىز، كاپىر بولمىغىن، دىمىگىچە ھىچ كىشىگە ئۆگەتمەيتتى…» ـ (بەقەرە سۈرىسى 102 ـ ئايەت).

مانا بۇ ئايەتتىكى «كاپىر بولمىدى»، «كاپىر بولدى» ۋە «كاپىر بولمىغىن» دېگەن ئىپادىلەر سېھىر ئۆگەنگەن، سېھىر قىلغان ۋە سېھىر قىلدۇرغانلارنىڭ كاپىر بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

تۆۋەندىكى ھەدىس سېھىرنىڭ ھالاكەتلىك گۇناھلاردىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سېھىر ئۆگەنگەن، سېھىر قىلغان ۋە سېھىر قىلدۇرغان كاپىرلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ دوزاخقا تاشلىنىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «يەتتە خىل ھالاكەتلىك گۇناھتىن ساقلىنىڭلار» دېگەندە بەزىلەر: «يا رەسۇلەللاھ! ئۇ قايسى گۇناھلار؟» دەپ سورىغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەك، سېھىرگەرلىك قىلماق، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەك، ئۆسۈم يېمەك، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋالماق، غازاتتىن قاچماق، ئىپپەتلىك، پاك ئاياللارغا «زىنا قىلدى» دەپ بوھتان چاپلىماق» – (بۇخارى، ۋەسايا 23؛ مۇسلىم ئىمان145).

شۇنىڭ ئۈچۈن «موللىغا ئوقۇتۇپ بېقىش» تىن يەنى سېھىر قىلدۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. بولمىسا ئىمانغا دەخلى يېتىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر