مۇسۇلمانلار

كارتىدىكى پۇلمۇ، تاماقمۇ

سوئال:
ئەگەردە بىر ئوقۇغۇچى بىر كارتىغا تاماق يېيىش ئۈچۈن پۇل قاچىلىغاندىن كېيىن ئۇ ئوقۇغۇچى مەزكۇر كارتىنى ئەرزان باھادا باشقىلارغا ساتسا جازانە شەكىللىنەمدۇ؟ (يەنى كارتىدىكى پۇلنى ئەسلىي قىممىتىدىن چۈشۈرۈپ پۇلغا ساتقىنى ئۈچۈن)
جاۋاب:
بۇ سوئالغا ئۇ كارتىغا قاچىلانغان پۇلنىڭ ماھىيىتىنى ۋە جازانىنىڭ نېمىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ:
1- ئۇ كارتىغا قاچىلانغان پۇلنىڭ ماھىيىتى:
ئۇ كارتىغا قاچىلانغان پۇل ئەسلىدە مۇددەتكە بۆلۈپ يەيدىغان تاماققا تۆلەنگەن پۇلدۇر. يەنى ئۇ پۇل قاچىلانغاندا كارتىغا شۇ پۇلنىڭ بەدىلىدە يەيدىغان تاماقنىڭ مىقدارى ياكى مۇنچە ۋاقىتلىق تاماقنىڭ پۇلى دەپ قاچىلىنىدۇ. مەزكۇر كارتىنى كۆرسىتىپ تاماق يېگەنسېرى ئىچىدىكى پۇل ياكى تاماق يېيىش ھەققى/قېتىم سانى ئازلايدۇ.
2- جازانە (ئۆسۈم) نىڭ ماھىيىتى:
ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 275- ئايىتىدىن 280- ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلەردە، ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 130- ئايىتىدە، «رىبا» دىن توسىدۇ. «رىبا» دېگەن سۆز ئۆسۈم، ئۆسۈم مۇئامىلىسى، ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن بېرىلگەن مۇددەتلىك قەرز دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىدا قۇرئان كەرىمدىكى ئورنى زىكىر قىلىنغان ئايەتلەردە رىبادىن چەكلىگەنلىكى ئۆسۈم ئېلىشتىن، ئۆسۈم بېرىشتىن ۋە ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشتىن چەكلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىس مۇنداق:
1- «ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۆمۈشنى كۆمۈشكە، ئارپىنى ئارپىغا، بۇغداينى بۇغدايغا، تۇزنى تۇزغا، خورمىنى خورمىغا تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق سېتىشقا بولىدۇ. كىمكى ئارتۇق بەرسە ياكى ئارتۇق ئالسا ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدا ئالغۇچى بىلەن بەرگۈچى ئوخشاشتۇر»- مۇسلىم، مۇساقات 82؛ ئەبۇ داۋۇد بۇيۇئ 12.
مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن مۇنداق ھۆكۈملەر چىقىدۇ:
1- ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن قەرز بېرىش، ئۆسۈم بېرىش شەرتى بىلەن قەرز ئېلىش جازانە قىلغانلىقتۇر، شۇنداقلا ھارامدۇر.
2- بۇنداق بىر مۇئامىلە قىلغانلارنىڭ ئانا پۇلغا قوشۇپ ئۆسۈم ئېلىشى ۋە ئۆسۈم بېرىشى ھارامدۇر.
3- جىنسى ئوخشاش نەرسىلەرنى بىر – بىرى بىلەن ئالماشتۇرماقچى بولغانلار مەسىلەن: ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا…ئېلىپ – ساتماقچى بولغانلار، ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى شەرتكە رىئايە قىلىشلىرى لازىم. ئەكسى تەقدىردە ئۇلار ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشقان بولىدۇ.
4- جىنسى پەرقلىق نەرسىلەرنى بىر – بىرى بىلەن ئالماشتۇرماقچى بولغانلار مەسىلەن: بۇغداينى ئارپىغا، ئالتۇننى كۈمۈشكە  ئېلىپ – ساتماقچى بولغانلار، ھەر ئىككى بەدەلنىڭ نەقمۇنەق بولۇش شەرتىگىلا رىئايە قىلسا بولىدۇ. بۇ خىل سودىدا تەڭمۇتەڭلىك يەنى ھەر ئىككى نەرسىنىڭ مىقدارىنىڭ ئوخشاش بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ. بۇ خىل سودىدا بىرى نەق بىرى نېسى بولسا، ئۆسۈم مۇئامىلىسى شەكىللەنگەن بولىدۇ.
5- كۈنىمىزدىكىدەك ئەگەر مالنى پۇلغا سېتىۋالىدىغان ئىش بولسا، پۇلنىڭ نېسى بولۇشى ھەتتا مالنىڭ نەق باھاسى بىلەن نېسى باھاسىنىڭ پەرقلىق بولۇشى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ مۇئەييەن بىر باھاغا كېلىشىپ سودىنى پۈتتۈرۈشى ئۆسۈم مۇئامىلىسى ھېسابلانمايدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن بىر مالنى، پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش شەرتى بىلەن نېسى ئېلىش/سېتىش، ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلغانلىق بولمايدۇ. بۇنىڭدا پۇلنى تۆلەيدىغان ۋاقىتنىڭ ياكى ۋاقىتلارنىڭ ۋە ھەر ۋاقىتتا تۆلىنىدىغان پۇلنىڭ مىقدارىنىڭ ئېنىق بولۇشى لازىم. مالنىڭ پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش سودىسىدا مال باھاسىنىڭ، نەق باھاسىدىن يۇقىرى بولۇشى ئۆسۈم مۇئامىلىسى ھېسابلانمايدۇ.  چۈنكى بۇ تىجارەتتۇر.
6- قەرزدارغا بېرىلگەن ئانا پۇل/مالغا قوشۇپ ئېلىنغان ئارتۇق پۇل/مالغا ئۆسۈم دېيىلىدۇ. دىنىمىز بۇ ئارتۇق پۇل/مالنى يەنى ئۆسۈمنى ئېلىشتىن ۋە بۇنداق بىر مۇئامىلىنى قىلىشتىن چەكلەيدۇ. مەسىلەن: بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە بىر ئايلىق 10% ئۆسۈم ئېلىش شەرتى بىلەن 100 يۈەن قەرز بەرگەن بولسا، قەرزدار ئاي توشقاندا بۇ قەرزنى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرغان بولسا، 100 يۈەن قەرزدار قەرز بەرگۈچىدىن قەرز ئالغان 100 يۈەن پۇل، قوشۇپ بەرگەن 10 يۈەن بولسا ئۆسۈم پۇل ھېسابلىنىدۇ. دىنىمىز مانا بۇ 10 يۈەننى ئېلىشتىن ۋە بېرىشتىن چەكلىگەندەك باشتا بۇنداق بىر مۇئامىلىنى قىلىشتىنمۇ قەتئىي چەكلەيدۇ.
7- تىجارەتتە بولسا ئىش تامامەن پەرقلىق. تىجارەتتە ئىككى تەرەپ كېلىشىپ مەلۇم بىر مالنى مەلۇم بىر مىقدار پۇل بىلەن ئالماشتۇرىدۇ. بۇ پۇل، مىقدارى قانچىلىك بولسا بولسۇن شۇ مالنىڭ بەدىلى بولىدۇ. دېمەك، تىجارەتتە مال بىلەن پۇل ئالماشتۇرۇلىدۇ. ئەگەر ساتقۇچىمۇ بۇ مالنى باشقا بىرىدىن ئېلىپ، ئالغۇچىغا ئۆزى ئالغان باھادىن يۇقىرى بىر باھادا ساتقان بولسا ئارتۇقى پايدا ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: بىر كىشى 100 يۈەنگە بىر گىلەم سېتىۋېلىپ 110 يۈەنگە ساتقان بولسا، گىلەمنىڭ باھاسى بۇ ئادەم ئالغاندا 100 يۈەن، ساتقاندا 110 يۈەن بولغان بولىدۇ. بۇ ئىش تىجارەت ھېسابلىنىدۇ. 10 يۈەن پۇل ساتقۇچىنىڭ پايدىسى بولىدۇ.
خوش، ئەمدى ھېلىقى كارتا مەسىلىسىگە قايتا كېلەيلى:
بىر كىشى تاماق يېيىش ئۈچۈن كارتىسىغا پۇل قاچىلاپ ئۇنى ئەرزان باھادا ساتسا ئۇ ھەرگىزمۇ پۇلنى پۇلغا تېگىشكەنلىك بولمايدۇ. ئەكسىچە ئۇ نەق پۇلغا مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرتى بىلەن تاماق ئېلىپ بۇ تاماقنى باھاسىنى چۈشۈرۈپ ساتقان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كارتىنى ئالغان كىشى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا بېرىپ ماۋۇ كارتىدىكى پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىڭ دېيەلمەيدۇ. بەلكىدە ئۇ شۇ كارتىدىكى بويىچە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بېرىپ تاماقلارنى ئېلىپ يېيەلەيدۇ، خالاس.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە جازانە شەكىللەنمەيدۇ. ئەگەر مەزكۇر كارتىنى سېتىۋالغۇچىنىڭ كارتىدىكى پۇلنى ئەينەن قايتۇرۇپ ئېلىش ئىمكانىيىتى بولغان بولسا ئىدى، بۇ تەقدىردە ئۇ كارتىنى ساتقۇچىمۇ ئالغۇچىمۇ جازانە قىلغان بولاتتى. لېكىن بۇ يەردە ئۇنداق ئىش يوق.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر