مۇسۇلمانلار

ما قوغۇننىڭ ئۆشرىسى قانداق ئايرىلىدۇ؟

سوئال:
مېنىڭ بىر دوستۇم 80 مو يەرگە قوغۇن تېرىغان بولۇپ، قوغۇن پىشقاندا پىلەكتىن ئۈزمەيلام ئالغان ئادەم ئۆزي يىغۋېلىشقا 185 مېڭ كويغا سېتىپتۇ. ئەمدى بۇنىڭ ئۆشرە- زاكىتىنى قايسى ھېساب بىلەن، قانداق ئايرىيمەن؟ يول كۆرسىتىڭلار، دەپ كەپتۇ. بىز بۇنىڭغا ئاجىز، شۇڭا سىزنىڭ مالال كۆرمەي چۇشەندۈرۈپ قۇيشىڭزنى سورايمىز. ئاللاھ سىىزدىن رازى بولسۇن!
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! تاپقان مېلىڭلارنىڭ ياخشىلىرىدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىڭلار. ئۆزۈڭلار كۆز يۇممىساڭلار ئالمايدىغان ناچارلىرىنى سەرپ قىلىشقا ئۇرۇنماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر»- بەقەرە 2/267.
بۇ ئايەت تىجارەت ماللىرىغا، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا نەخ پۇللارغا، يەر مەھسۇلاتلىرىغا، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارغا زاكات كېلىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
ئاللاھ تەئالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى باراڭلىق ۋە باراڭسىز باغلارنى، مەھسۇلاتى خىلمۇخىل خورما ۋە ئېكىنلەرنى، بىر- بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇنلارنى، ئانارلارنى ياراتتى. ھەر بىرى مېۋە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ئۇنى يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ، ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»- ئەنئام 6/141.
بۇ ئايەتتىكى «يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار» دېگەن ئىپادە يەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاكىتى بولغان ئۆشرىنى، زىرائەتنى يىغقان (خامان ئالغان) كۈندە، مېۋىلەرنىڭ زاكىتى بولغان ئۆشرىنى، ئۇ مېۋىلەرنى توپلىغان كۈندە ئايرىۋېتىشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. زاكاتنى (ئۆشرىنى) ئايرىش، زاكات ئۈچۈن ئايرىلغان مىقدارنى تېگىشلىك يەرگە بېرىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
قوغۇنمۇ ئاللاھ «زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەر» قاتارىغا كىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئو قۇنلارغا ئۆشرە كېلىدۇ. قوغۇننىڭ ئۆشرىسىنى ئايرىمايلا ساتقان ئۇ دوستىڭىزنىڭ قوغۇننىڭ پۇلىغا ئوندا بىر ئۆشرە ئايرىشى كېرەك.
شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ئۇ دوستىڭىز قوغۇنلىرىنىڭ پۇلى بولغان ئۇ 185000 (يۈز سەكسەن بەش مىڭ) كويغا 18500 (ئو سەككىز مىڭ بەش يۈز) كوي ئۆشرە ئايرىشى لازىم.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر