مۇسۇلمانلار

ماۋۇ سىمنى سېتىپ خەجلىسەم بۇلامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! جۈمە نازى توغرۇلۇق سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى تور بېتىمىزدە تەپسىلىي بىر شەكىلدە بايان قىلىنغان:

بۇ ئادرېستا «جۈمە نامىزى ۋە دەلىللىرى» دەپ بىر ئەسەر بار. شۇ ئەسەرنى دىققەت بىلەن ئوقۇسىڭىز، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولىسىز. بولمىسا يۇقىرىدىكى «ئىزدەش» نىڭ خەت يازغىلى بولىدىغان يېرىگە «جۈمە» دەپ يېزىپ، «ئىزدەش» كە باسسىڭىز، جۈمە نامىزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنىڭ ھەممىسى ئالدىڭىزغا چىقىدۇ.

2 ـ يالغۇز ناماز ئوقۇغاندا تەكبىر ئوقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى تەكبىر، نامازنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى جامائەتكە ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى نامازغا تەييار بولۇشقا چاقىرىش ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ. يالغۇ ناماز ئوقۇيدىغان كىشى كىمگە ئېلان قىلىدۇ؟

3 ـ مىس سىم مەسىلىسى، سىز ئۇ سىمنىڭ «شۇ تاشۋەتكەن قىسمىنى سىزنى ئىشلەتكەن خەنزۇغا بىلدۈرمەي سېتىپ خەجلىسىڭىز» بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ، سىزنىڭ ھەققىڭىز ئەمەس. ئۆزىڭىزنىڭ ھەققى ئەمەس نەرسىنى سېتىپ خەجلىشىڭىز توغرا ئەمەس. سىز ئىش ئورنىڭىزدىن مائاشىڭىزدىن باشقا بىر نەرسە ئالسىڭىز، بۇ نەرسە نېمە بولسا بولسۇن، ئۆزىڭىزنىڭ ھەققى ئەمەس نەرسىنى ئالغان بولىسىز. لېكىن ئىش بەرگۈچىڭىز ئۆزى چاغلاپ بەزى ۋاقىتلاردا سىزگە مائاشىڭىزدىن باشقا بىر نەرسە بەرسە بۇ سىزگە ھالال بولىدۇ.

( يوللىغۇچى: ئەبۇلفاتىھ       يوللانغان ۋاقىت: 22-06-2009 )

2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مىنىڭ تەكبىر دىگىنىم ناماز ئىچىدىكى قىيامدىن رۇكۇغا قوپقاندا سەجدىگە بارغاندا دەيدىغان ئاللاھۇ ئەكبەر دىگەن ئاتالغۇنى بىلدۇردۇ
تاشۋەتكەن سىمنى نىمىشقا سېتىپ خەجلىسەم بولمايدۇ بىز ئىشلەتكەن سىمنىڭ قالدۇقلىرنى ئىشلەتكەن يەرلەرنى ئادالاش ئۈچۈن ئاتايىن يىغىپ ئاندىن ئەخلەت ساندۇققا تاشلايمىز مەن شۇ ئەخلەت ساندۇققا تاشلىغان سىملارنى تاشۋەتمەي يىغىپ قۇيمەن بىر ئاي ئەتراپىدا 2 كىلو ئەتراپىدا يىغلىدۇ بۇنى ساتسام 50 سومغا يېقىن پۇل بۇلدۇ ئالدىنقى قېتىممۇ شۇنداق قىلىپ بىر تۇنشۇمغا قۇر ئان ئېلىپ ھەدىيە قىلغان ئىدىم تاشلاندۇق سىمنى يىققىنىمنى لوبەن خەنزۇ بەزىدە كۈردۇ گەپ قىممايدۇ بەزىدى دوسلۇرۇم ساق سىملارنىمۇ قېتىپ بىردۇ ئەكەت دەپ بىراق مەن بۇ ماڭا ھارام دەپ ئالمىغان ئەجىبا تاشلىۋەتكەن سىمنى يېغىپ ساتسام ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالغان بولمايمەنمۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭدىن قىلغان كىرىمنى باشقىلارغا ھەدىيە قىلدىغان تۇرسام بولسا خاپا بولماي تۇلۇق بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز

( يوللىغۇچى:  ئىنسان                   يوللانغان ۋاقىت: 22-06-2009 )

3. ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

1 ـ نامازنىڭ ئىچىدىكى تەكبىرنى ئۈنلۈك دەڭ دەپ سىزگە كىم دېگەن؟ يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچى نامازنىڭ قىرائەت ۋە تەكبىرلىرىنى ئۆزى ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە ئىچىدە ئوقۇسا بولىدۇ. ناماز ھەققىدە يېزىلغان كىتابچىلەردە بۇ مەسىلە ناھايىتى ئېنىق بايان قىلىنىدۇ. سىزنىڭ مۇشۇنداق كىچىك بىر مەسىلىدىنمۇ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىڭىزگە ھەيرانمەن.

2 ـ مىس سىم مەسىلىسىگە كەلسەك، مەن سىزگە توغرىسىنى دەپ قويدۇم. قوبۇل قىلىش ـ قىلماسلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى! چىچاڭلاپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، بۇرادەر! سىزگە شۇنى دەپ قويايكى: سىزنىڭ باشقىسىغا قۇرئان ئېلىپ بېرىش نىيىتىڭىز، ناتوغرا يوللاردىن پۇل تېپىشىڭىزنى ھالاللىققا ئايلاندۇرمايدۇ. ئۇ سىم پارچىلىرىنى سىزنىڭ يىغىپ سېتىشىڭىزنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنىڭ سەۋەبى شۇكى:

سىز شۇ سىمنى كېسىدىغان ئىشنى قىلىسىز، بۇ سىزنىڭ مائاش ئېلىپ ئىشلەيدىغان ئىشىڭىز، شۇنداققۇ! سىز ئالدى بىلەن سىمنىڭ تاشلىۋېتىلگىنىنى يىغىپ سېتىپ خەجلەشكە باشلايسىز، ھەتتا بۇ ئىشنى ئاللىبۇرۇن باشلاپ بولاپسىز. ئەمدى مەسىلە بۇ ئىشنىڭ ھالاللىقىغا پەتىۋا ئېلىشتا قاپتۇ. ھازىر سىزنىڭ ئىشىڭىز مۇشۇ باسقۇچقا كەپتۇ، توغرىمۇ؟

سىز بۇنىڭ ھالاللىقىغا پەتىۋانى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن نەپسىڭىز بىلەن شەيتىنىڭىزنىڭ «ھە ـ ھۇ» دېيىشىپ بېرىشى بىلەن ئۇ سىملەرنىڭ تاشلىۋىتىلىدىغان قىسمىنى ئۇزۇنراق كېسىشكە باشلايسىز. سىز تېخى ئىشنىڭ بۇ باسقۇچىغا كەلمەپسىز. ئاندىن يەنە بىر ھىممەت بىلەن سىملارنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ چىقىپ ساتىدىغان باسقۇچقا تەرەققىي قىلىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھتىن تامامەن يىراقلىشىپ شەيتانغا تولۇق بەندە بولغان بولىسىز.

چوڭ گۇناھلار مانا مۇشۇنداق ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھېچبىر ئوغرى ئىشىنىڭ دەسلىپىدە كالا ئوغرىلىمايدۇ، ئىشنى تۇخۇم ئوغرىلاشتىن باشلايدۇ.

ئەھۋالدىن قارىغاندا دوستلىرىڭىزنىڭ ساق سىملارنىمۇ قوشۇپ بېرىشى، قەلبىڭىزنى خېلى قارايتىپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشنىڭ «بولمايدۇ» غان تەرىپىنى چۈشىنىش خىيالىڭىزغىمۇ كەلمەيدۇ، شۇنداقمۇ؟ ئاخىرىدا سىزگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئوقۇپ بېرىمەن:

«ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق. ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۈبھىلىك ئىشلار بار. بۇ شۈبھىلىك ئىشلارنى كۆپ كىشىلەر ئۇقالمايدۇ. شۈبھلىك ئىشلاردىن يىراق تۇرغان ئادەم دىنىنى ۋە نومۇسىنى پاك تۇتقان بولىدۇ. شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلغان ئادەم ھارامغا دۇچار بولىدۇ. ئۇ، چارىگاھنىڭ چۆرىسىدە پادا باققۇچى پادىچىغا ئوخشايدۇ، پادا چارىگاھقا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. ھەر پادىشاھنىڭ بىر چارىگاھى بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندىكى چارىگاھى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ھارام قىلىپ بېكىتكەن ئىشلىرىدىن ئىبارەتتۇر. قۇلاق سېلىڭلار، ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بولىدۇ، بۇ گۆش تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ گۆش بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ يۈرەكتىن ئىبارەتتۇر» – (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

( يوللىغۇچى: ئەبۇلفاتىھ

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر