مۇسۇلمانلار

بۇزۇپ ئالسام بولامدۇ؟

 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

 مەن بىر ئىشقا يۇلقۇپ قالدىم: مەن بىر يىلنىڭ ئالدىدا توردا بىر ئايال بىلەن تۇنشۇپ قالغان. ئۇ ئايال مەندىن بىر ياش چوڭ، بىر بالسىمۇ بار. بىراق ئېرى كاپىركەن، يەنى خۇدا يوق دەيدىكەن ئاجرىشىپ كېتىڭ دىسەم بالام با يىتىم بۇلۇپ كىتىدۇ دەپ ئۇنمىدى بالىڭىزنى كىملە بولسا باشقىلار باقىدۇ دىسەم ئۇنى دىسەم بۇنى دەپ ئاجرىشىپ كىتىشكە ئۇنمىدى پەقەت مەن ئۇ ئايالنى ئالسام ئاندىن ئاجرىشىپ كىتدىكەن ئۇ ئايال بولسا بەشۋاخ ناماز ئۇقۇيدۇ ئەمدى سۇرسام ئەگەر ئاشۇ ئايالنى ئىرىدىن ئاجراشتۇرۇپ ئۆز نىكايىمغا ئالسام گۇناھ بۇلامدۇ، ساۋاپمۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
بۇرادەر! سەمىمىيىتىڭىزگە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىمەن:
سىزنىڭ بىر نامەھرەم ئايال بىلەن ئۇ دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىشىشىڭىزنىڭ ئۆزى ناھايىتى چوڭ خاتالىقتۇر. ئۇ ئايالنىڭ ئېرى كاپىر بولسا، سىزنىڭ نېمە كارىڭىز؟
بىر ئايالغا ئېرىڭىزدىن ئاجرىشىپ كېتىڭ دەپ «ئەمر» قىلىش ھوقۇقىنى سىزگە كىم بەردى؟ بىر ئايالنى تۇل، بىر بالىنى يېتىم قىلىشنىڭ نەقەدەر چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟ «ساۋاب تېپىش» ئۈچۈن بىر ئايالنى ئېرىدىن ئاجراشتۇرۇپ ئېلىشتىن باشقا يول تاپالمىدىڭىزمۇ؟ يا سىزنىڭ ئەقلىڭىزدە بىر چاتاق بار، ياكى سىز ساددا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنغا بولغان ھۆرمىتىدىن پايدىلىنىشنى ناھايىتى ئۇبدان بىلىدىكەنسىز!
دىنىمىزدا، نىكاھلانماقچى بولغان مۇسۇلماننىڭ كاپىر بىلەن نىكاھلىنىشى توغرا ئەمەس. لېكىن نىكاھلىنىپ بولغان كاپىرلارنىڭ بىرى مۇسۇلمان بولسا، ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشى كېرەك ئەمەس.
ئەگەر ئاللاھنىڭ دىنىدا ئۇنداق بىر شەرت بولسا ئىدى، فىرئەۋن بىلەن ئايالى ئوتتۇرىسىدا، لۇت ئەلەيھىسسالام بىلەن ئايالى ئوتتۇرىسىدا نىكاھ بولمىغان بولاتتى.
ئەگەر ئاللاھنىڭ دىنىدا ئۇنداق بىر شەرت بولسا ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى ئىمان ئېيتمىغان مۇسۇلمان ئەرلەرنى ئاياللىرىدىن، ئەرلىرى ئېيتمىغان مۇسۇلمان ئاياللارنى ئەرلىرىدىن ئاجرىشىپ كېتىشكە بۇيرۇغان بولاتتى.
ئەگەر ئاللاھنىڭ دىنىدا ئۇنداق بىر شەرت بولسا ئىدى، كۈنىمىزدە ئىمان ئېيتماقچى بولۇپ كەلگەن بىر غەيرىيمۇسلىم (مۇسۇلمان ئەمەس) كىشىگە: «ئىمان ئېيتسىڭىز، ئايالىڭىزدىن ياكى ئېرىڭىزدىن ئاجرىشىپ كېتىشىڭىز كېرەك» دەپ، ئۇنى ئاگاھلاندۇشقا توغرا كېلەتتى ياكى: «ئەر ـ خوتۇن ئىككىڭلار بىرلىكتە كېلىپ ئىمان ئېيتىڭلار، بولمىسا سىز يالغۇز ئىمان ئېيتالمايسىز» دەپ ئۇنى ئىشىك ئالدىدىن قايتۇرۇۋېتىشكە توغرا كېلەتتى.
ئۇ تەقدىردە ئىمان ئېيتماقچى بولغانلار: «ئۇنداق بولسا، يەنى مۇسۇلمان بولسام ئائىلەم ۋەيران بولۇپ كېتىدىغان ئىش بولسا، مەن ھازىرچە مۇسۇلمان بولماي تۇرۇپ تۇراي» دەپ ئىمان ئېيتىشتىن ۋاز كېچىشكەن بولاتتى.
تارىخ بويىچە ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرگەنلەر ئەر ـ خوتۇن بىرلىكتە كېلىپ ئىمان كەلتۈرگەن ئەمەس؛ ئىمان كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن نىكاھى ئاجراپ كېتىپ، ئائىلىسى ۋەيران بولۇپ كەتكەنمۇ ئەمەس. بۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.
شۇڭا سىز دەرھال تەۋبە قىلىڭ ۋە ئۇ ئايال بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈڭ. ساۋاب تېپىشىڭىز ئۈچۈن ئەقىدىڭىز تۈزۈك، ئەمەل ـ ئىبادىتىڭىز ياخشى، ئەخلاقىڭىز گۈزەل، مۇئامىلىڭىز دۇرۇس بولسۇن. ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر