مۇسۇلمانلار

مائاشىمنى بانكىدىن ئېلىشىمغا بولامدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

1 ـ سىز بانكىدا ئۆسۈمگە پۇل قويمايسىز. ئىش ئورنىڭىز سىزنىڭ مائاشىڭىزنى بانكا ئارقىلىق بېرىدۇ. سىز مائاشىڭىزنى بانكىدىن لازىم بولغانسېرى ئالىسىز. بۇنىڭ بىر يامان تەرىپى يوق.

يامان بولدىغىنى پۇلنى ياكى بىر مالنى ئۆسۈمگە بېرىشتۇر، ئۆسۈم ئېلىشتۇر، ئۆسۈم بېرىشتۇر. ئۆسۈم مۇئامىلىسى قىلىشتۇر.

سىزنىڭ مائاشىڭىز قولىڭىزغا ئۆتكەنگە قەدەر، ئۇ مائاشنىڭ نەدىن تېپىلغانلىقىدىن ۋە قانداق ئىشتا ئىشلىتىلگەنلىكىدىن سىز مەسئۇل ئەمەس. سىز ھەققىڭىزنى ئالىسىز، ئىش ئورنىڭىز سىزگە ھەققىڭىزنى بېرىدۇ. ئىش ئورنىڭىز مائاشىڭىزنى خالىسا ئۆز قولىڭىزغا بېرىدۇ، خالىسا بىر مۇئەسسەسە ئارقىلىق بېرىدۇ.

شۇنداقتىمۇ ئەگەر مائاشىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ ئۆيىڭىزدە ياكى باشقا بىر ئۇيغۇن يەردە ساقلاپ ئىشلىتەلىسىڭىز، بانكىدا قويۇپ قويماي. مائاش ئالىدىغان كۈنى ھەممىسىنى بىراقلا ئالغىنىڭىز ياخشىدۇر.

2 ـ ھەر نامازنىڭ ئايرىم ۋاقتى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن نامازدىگەرنى نامازشام ۋاقتىدا ئوقۇشقا بولمايدۇ. ئالدىڭىزدا ئىككى يول بار؛ ياكى نامازدىگەرنى بىر ئامال قىلىپ ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇيسىز، ياكى پېشىننىڭ ئارقىسىدىنلا ئوقۇيسىز، بۇ جەمئى قىلىپ ئوقۇغانلىق بولىدۇ. بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە تور بېتىمىزدە كۆپ مەلۇماتلار بار.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر