مۇسۇلمانلار

لەۋھۇلمەفۇز دېگەن نېمە؟

سوئال:
لەۋھۇلمەھفۇز ئۇقۇمىنى چۇشەندۇرۇپ قويسىڭىز؟
جاۋاب:
لەۋھۇلمەھفۇز  ئاللاھ تەئالانىڭ دەرگاھىدىكى ئانا كىتابتۇر. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىلىملەرگە ئاللاھدىن غەيرىي ۋاقىپ بولالمايدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭدىكى ئىلىملەردىن خالىغىنىنى خالىغان مەخلۇقىغا بىلدۈرىدۇ. تارىخ بويىچە نازىل قىلىنغان ۋەھىيلەر ئاللاھ تەئالانىڭ ئىنسانلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان ئىلمىدۇر. ئاللاھ تەئالا ئۇ كىتابتا قىيامەتكە قەدەر يارىتىدىغان پۈتكۈل مەخلۇقاتىنىڭ ۋە مەيدانغا كەلتۈرىدىغان بارلىق ئىشلىرىنىڭ مىقدارلىرىنى يازغان.
قۇرئان كەرىمدە لەۋھۇلمەھفۇز دېگەن سۆز بىر يەردە ئۆتىدۇ. ئۇ يەردە قۇرئان كەرىمنىڭ شۇ لەۋھۇلمەھفۇزنىڭ ئىچىدە بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئايەت (نىڭ تەرجىمىسى) مۇنداق:
«بەلكى ئۇ[1] ئۇلۇغ قۇرئاندۇر، لەۋھۇلمەھپۇزدىدۇر» – بۇرۇج 85/21-22.
ئاللاھ تەئالا باشقا بىر ئايەتتە لەۋھۇلمەھفۇزنى «ئىمامى مۇبىن (روشەن دەپتەر)» دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە ئۇنىڭدا ھەر نەرسىنى يازغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەت (نىڭ تەرجىمىسى) مۇنداق:
«شۈبھىسىزكى، بىز ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ۋە قالدۇرغان ئەسەرلىرىنى يازىمىز. بىز ھەر نەرسىنى روشەن دەپتەردە بىر-بىرلەپ خاتىرلەپ قويغانمىز»- ياسىن 36/12.
لەۋھۇلمەھفۇز قۇرئان كەرىمدە ئۇممۇلكىتاب (ئانا كىتاب) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر (نىڭ تەرجمىلىرى) مۇنداق:
«ھا، مىم. روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر. ئۇ يېنىمىزدىكى ئانا كىتابتا مەۋجۇتتۇر، ئۇلۇغدۇر، ھېكمەتلىكتۇر»- زۇخرۇف 43/1-4.
«ئاللاھ خالىغىنىنى ئۆچۈرىدۇ، خالىغىنىنى ئۆز جايىدا قويىدۇ. ئانا كىتاب ئۇنىڭ يېنىدىدۇر»- رەئد 13/39.
لەۋھۇلمەھفۇز قۇرئان كەرىمدە كىتاب دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت (نىڭ تەرجمىسى) مۇنداق:
«بىلمەمسەن؟ ئاللاھ ئاسمان-زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر كىتابتا مەۋجۇتتۇر. بۇ ئاللاھقا ناھايىتى ئاساندۇر»- ھەج 22/70.

[1]– ئۇلار يالغان دەۋاتقان نەرسە.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر