مۇسۇلمانلار

لاتارىيە بىلىتى ئويناش توغرىمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! تىجارەت، مال ھېسابلىنىدىغان بىر نەرسىنى ياكى مەلۇم بىر خىزمەتنى ئىككى تەرەپ ئۆزئارا رازىلىشىپ تۈزۈشكەن بىر توختام بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر ئېلىش – بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. مەسىلەن:
سىز بىر قويىڭىزنى ساتىمەن، دېسىڭىز بىر كىشى خېرىدار بولىدۇ. سىز بۇ قوي مانچە پۇل، دەيسىز، قارشى تەرەپ تەكلىپىنى سۇنىدۇ. ئۇ يانغا تارتىپ، بۇيانغا تارتىپ ئاخىرى ئىككى تەرەپ بىر باھادا كېلىشىسىلەر. شۇنىڭ بىلەن سىز قويىڭىزنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىسىز، ئۇ قوينىڭ بەدىلىنى سىزگە تاپشۇرىدۇ.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىز مەن مۇنداق ئىشنى قىلالايمەن، كۈنلۈك ئىش ھەققىم ياكى بۇ ئىش ئۈچۈن ئىش ھەققىم مانچىلىك بولسا ئىشلەپ بېرىمەن، دەيسىز. بىرى سىزگە دېگىنىڭىز بويىچە ياكى سىز بىلەن بىرئاز باھا تالىشىپ سىز رازى بولغان مىقداردا بەدەل تۆلەپ سىزدىن ئۇ خىزمەتنى سېتىۋالىدۇ. ھۈنەر-سەنئەت ساھەسىدىكى مۇئامىلىلەر بۇ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مانا بۇ ئىككى ئىشنىڭ ئېتى تىجارەتتۇر، شۇنداقلا ھالالدۇر.
ئاللاھ تەئالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 275- ئايىتىدە «تىجارەتنى ھالال» قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 29- ئايىتىدە «تىجارەتنىڭ ئىككى تەرەپ رازى بولۇشۇپ قىلىشىدىغان سودا-سېتىق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
تىجارەت يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك مال ياكى خىزمەت ئېلىم – سېتىمىدىن ئىبارەتتۇر، خالاس.
ئەمما لاتارىيە ئويناش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇ بىر قىماردۇر. چۈنكى ئۇتقانلار ئۇتتۇرغانلاردىن تىككەن پۇل ياكى بويۇمنى ئېلىش شەرتى بىلەن ئوينىلىدىغان ئۇشۇق، قاتار، شاھمات ۋە دامكا قاتارلىق ئويۇنلارغا «قىمار» دېيىلىدۇ. قىمار توغرىسىدا ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش پاسكىنا قىلىقلاردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، بەختكە ئېرىشەلەيسىلەر»- مائىدە سۈرىسنىڭ (5) 90- ئايىتى.
بۇ ئايەتتە قىمار ئويناش، دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «مەيسىر» بولۇپ، مەيسىرنىڭ لۇغەت مەنىسى، «ئاسانلىق» دېگەن بولىدۇ. دىنى ئىستىلاھتا پۇلنى ئاللاھ بېكىتىپ قويغان قانۇن – نىزام بويىچە (مەسىلەن: ئىشلەپ ياكى تىجارەت قىلىپ) تېپىشقا تىرىشمەي، ئاسانلىق بىلەن قۇلغا كەلتۇرۈش ئۈچۈن ئوينالغان ئويۇنلار (ياكى ئىشلار) نىڭ ھەممىسىگە «مەيسىر» دېيىلىدۇ.
ئۇيغۇرچىدىكى قىمار كەلىمىسى بۇنى تولۇق ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن دىنى كىتاپلاردا كەلگەن مەيسىر كەلىمىسىنىڭ ھەممىسى قىمار، دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىدە بولمىسۇن ياكى باشقا ئۇيغۇرچە دىنى كىتاپلاردا بولمىسۇن قىمار دېگەن سۆزدىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان («ئاللاھنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئاسانلىق بىلەن پۇل ياكى بۇيۇم قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئوينالغان ئويۇنلار» دېگەن) مەنالارنى چۈشىنىشىمىزلازىم.
شۇنداق چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا لاتارىيە ئويناشنىڭمۇ قۇرئان كەرىمدە چەكلەنگەن قىمارنىڭ ئۆز ئەينىسى ئىكەنلىكىدە ھېچقانداق شۈبھىمىز قالمايدۇ. چۈنكى لاتارىيە ئويناش، بېلەت بىلەن پۇل ياكى بۇيۇم ئۇتۇش ئۈچۈن ئوينالغان ۋە ئوينىلىدىغان بىرئويۇندۇر
يۇقارقى ئايەتتە ئۆتكەن «ئۇئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار» ئىپادىسى، لاتارىيە بېلىتى سېتىش، سېتىشقا ياردەملىشىش، باشقىنىڭ ئېلىشىغا ياردەملىشىش… قاتارلىق ئىشلارنىڭمۇ مەنئى قىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنى بۇ ئىشلارنى قىلغانلار قىماردىن نېرى تۇرمىغان بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر