مۇسۇلمانلار

كەينىگە كىرمەڭلار!

«شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار»

شەيتاننىڭ ئىنسانغا دۈشمەن بولۇشىنىڭ باشلىنىشى

بۇ دۈشمەنلىك شەيتاننىڭ بوۋىسى ئىبلىس بىلەن ئىنساننىڭ بوۋىسى ئادەمدىن باشلانغان. مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق:

«شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن كېيىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق. ئاندىن كېيىن پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى، ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى.

ئاللاھ: «ساڭا نېمە توسالغۇ بولدى، ساڭا ئەمر قىلغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى. مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى.

ئاللاھ: «ئۇ يەردىن چۈشۈپ كەت! سېنىڭ ئۇ يەردە چوڭچىلىق قىلىدىغان ھەققىڭ يوق. چىق، چۈنكى سەن خار بولغۇچىلاردىنسەن» دېدى.

ئىبلىس: «ماڭا ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر مۆھلەت بەرگىن» دېدى.

ئاللاھ: «سەن مۆھلەت بېرىلگەنلەردىنسەن» دېدى.

ئىبلىس ئېيتتى: «قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، سەن مېنى ئازدۇرغان سەۋەبتىن مەن ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرىمەن.

ئاندىن كېيىن چوقۇم ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن كېلىمەن. سەن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنى شۈكرى قىلغۇچى كۆرمەيسەن».

ئاللاھ مۇنداق دېدى: «چىق ئۇ يەردىن، خارلاندىڭ ۋە قوغلاندىڭ. قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، ئۇلاردىن كىم ساڭا ئەگەشسە، جەھەننەمنى ھەممىڭلار بىلەن تولدۇرىمەن»- ئەئراف 7/11-18.

دېمەككى، شەيتان بىلەن ئىنساننىڭ دۈشمەنلىكى تۇنجى ئىنسان ئادەم ۋە تۇنجى شەيتان ئىبلىس بىلەن باشلانغان. شەيتان بۇ دۈشمەنلىكىنى قىيامەتكە قەدەر داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان جىننىي ۋە ئىنسانىي شەيتانلار ئاللاھ تەئالانىڭ يولىغا كەلگەن، ئۇ يولغا كىرگەن ۋە ئۇ يولدا ماڭغانلارنىڭ دۈشمىنىمدۇر. ئۇلارنى دۈشمەن بىلىش، ئۇلارنى دۈشمەن تۇتۇش، ئۇلارغا قارشى تۇرۇش ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر، پەرزدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمْ عَدُوٌّ فَاتَّخِذُوهُ عَدُوًّا إِنَّمَا يَدْعُو حِزْبَهُ لِيَكُونُوا مِنْ أَصْحَابِ السَّعِيرِ

«شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر. ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار. ئۇ ئۆز گۇرۇھىنى دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشقا چاقىرىدۇ»- فاتىر 35/6.

شەيتانغا قارشى تۇرۇش ئۇنىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە پەرۋا قىلماسلىق، ئۇنىڭ كۈشكۈرتۈشلىرىغا پىسەنت قىلماسلىق، ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلماسلىق، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق (ھاراملاردىن يىراق تۇرۇش، مەھكرۇلاردىن ساقلىنىش، يامانلارغا يېقىن يولىماسلىق)، ئۇ يامان كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش (پەرزلەرنى ئادا قىلىش، سۈننەتلەرنى چىڭ تۇتۇش، ياخشىلار بىلەن ئارىلىشىش) قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ وَمَن يَتَّبِعْ خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ فَإِنَّهُ يَأْمُرُ بِالْفَحْشَاء وَالْمُنكَرِ وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ مَا زَكَا مِنكُم مِّنْ أَحَدٍ أَبَدًا وَلَكِنَّ اللَّهَ يُزَكِّي مَن يَشَاء وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

«ئى مۇئمىنلار! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلەر بىلىپ قويسۇنكى، شەيتان ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى قەبىھ ۋە يامان سۆز-ھەرىكەتلەرگە بۇيرۇيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ئىنئام ۋە رەھمەت قىلمىسا ئىدى، ھېچبىرىڭلار پاك بولالمايتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى پاكلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- نۇر 24/21.

شەيتاننىڭ مۇرىتلىرىنىڭ قىيامەتتىكى ئەھۋالى

مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى:

«سۇر ئەلۋەتتە چېلىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلار دەرھال قەبرىلىرىدىن چىقىپ رەببى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن كىم قوزغىدى؟ بۇ، رەھمان بېشىمىزغا كېلىشىنى سۆزلىگەن نەرسىدۇر. دېمەك، پەيغەمبەرلەر توغرا سۆزلىگەن ئىكەن» دەيدۇ.

بولىدىغان ئىش بىر ۋارقىراشتىنلا ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى دەرھال جەم قىلىنىپ دەرگاھىمىزغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇ كۈنى ھېچكىم ھېچقانداق زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ. سىلەرگە پەقەت ئۆز قىلىمىشىڭلارنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتى بېرىلىدۇ.

ئۇ كۈنى جەننەت ئەھلى كۆڭۈل ئېچىش بىلەن مەشغۇلدۇر. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپتىلىرى سايىلاردا تەختلەرنىڭ يۆلەنچۈكلىرىگە يۆلۈنۈپ ئولتۇرغۇچىدۇر. ئۇ جەننەتتە ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك مېۋە بېرىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇلارغا ئىنئامى كۆپ رەب تەرەپتىن «سالام!» دېيىلىدۇ.

ئۇ كۈنى گۇناھكارلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن ئايرىلىڭلار. مەن سىلەردىن: ‹ئى ئادەمنىڭ ئەۋلادى! شەيتانغا ئىبادەت قىلماڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر›، دەپ ئەھدە ئالمىدىممۇ؟ سىلەرگە:‹ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر›، دېمىدىممۇ؟ شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن نەسىللەرنى ئازدۇردى. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمىدىڭلارمۇ؟ ئەنە شۇ، سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان جەھەننەم! بۈگۈن ئۇنىڭغا كىرىڭلار، چۈنكى سىلەر تۇزكورلۇق قىلدىڭلار.

ئۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، قىلمىشلىرىنى بىزگە قوللىرى سۆزلەيدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ»- ياسىن 36/51-65.

شەيتاننىڭ قىيامەتتە مۇرىتلىرىغا ئاخىرقى نۇتقى

22- «ئىشلار بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغاندا شەيتان ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ‹شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋەدىنى ۋەدە قىلدى. مەنمۇ سىلەرگە ۋەدە قىلدىم، لېكىن ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلدىم. مەن سىلەرگە ھېچ بېسىم ئىشلەتمىدىم. مەن سىلەرنى پەقەت چاقىردىم، سىلەر چاقىرىقىمنى قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار! مەن سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر! مەن سىلەرنىڭ ئىلگىرى مېنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشىڭلارنىمۇ قوبۇل قىلمىغان ئىدىم›. شۈبھىسىزكى، زالىملار ئۈچۈن ئەلەملىك بىر ئازاب بار»- ئىبراھىم 14/22.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر