مۇسۇلمانلار

كەلىمە تەييىبە ۋە مەنىسى

ئەسسالام ئەلەيكۇم
سوئال:
ئۇستاز! تەۋھىد ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەرسىڭىز؟ ھۆرمەت بىلەن: مۇھەممەد
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
سوئالىڭىزغا تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەنىسى جاۋاب بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىزگە ئۇ كەلىمىنىڭ  مەنىسىنى يوللاپ بېرەي:
تەۋھىد كەلىمىسى: «لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ (لَا إلَهَ إلَّا اللَّهُ مُحَمَّدٌ رَسُولُ اللَّهِ)» دۇر، تەرجىمىسى: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، دېگەن بولىدۇ.
بۇ كەلىمە ئىككى جۈملىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ مەنىسىنى ئايرىم بايان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندە بۇ ئىككى جۈملە ئۈستىدە ئايرىم – ئايرىم توختىلىمەن:
1- لا ئىلاھە ئىللەللاھ (لَا إلَهَ إلَّا اللَّهُ)
بۇ جۈملىنىڭ قىسقىچە مەنىسى، «ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنشقا تېگىشلىك ھېچقانداق ئىلاھ يوق» دېگەن بولىدۇ.
ئۇلۇغلاش، تەۋەككۇل قىلىش (تايىنىش)، دۇئا قىلىش، مەدەت تەلەپ قىلىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، تاۋاپ قىلىش ۋە قۇربانلىق قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەردىن قانداقلا بىرى ئاللاھدىن غەيرىيگە قىلىنسا، بۇ جۈملىنىڭ مەنىسىگە زىت ئىش قىلىنغان بولىدۇ. بۇنداق ئىشنى قىلغۇچى كىشى مۇشرىك، قىلغان ئىشى شېرىك بولىدۇ.    
شۇنىڭدەك ئەيمىنىش، ياخشى كۆرۈش، قورقۇش، ئۈمىد باغلاش، تەلەپ قىلىش، يېلىنىپ – يالۋۇرۇش ۋە چىن قەلبتىن ئىتائەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن بىرى ئاللاھدىن غەيرىيگە ئاللاھقا قارىتىلغان شەكىلدە قارىتىلىپ قالسا، شېرىك بولىدۇ. ئۇنداق ئىشنى قىلغان كشى مۇشرىك بولىدۇ.
تارىختىن بۇيان ئىنسانلار ئاللاھنى رەب (ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى، ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى، رىزىق بەرگۈچى، تىرىلدۈرگۈچى، ئۆلتۈرگۈچى) دەپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئىبادەت ھېسابلىنىدىغان بەزى ئىشلارنى ئاللاھدىن غەيرىيگە قىلاتتى. مەسىلەن: مەككە مۇشرىكلىرى ئۆزلىرى ئۇلۇغ دەپ بىلگەن كىشىلەرنىڭ ھەيكەللىرىنى ياساپ، «بۇلار بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ»، دەپ ئۇلارغا دۇئا قىلاتتى. «بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلىدۇ»، دەپ ئېتىقاد قىلاتتى. ئاللاھ تائالا مانا بۇ ئىشلارنى شېرىك دەپ ھېساپلاپ، بۇلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن، قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان.
2- مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ (مُحَمَّدٌ رَسُولُ اللَّهِ)
بۇ جۈملىنىڭ قىسقىچە مەنىسى، «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دېگەن بولىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن پۈتۈن دۇنياغا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتلىگەن كىشىدۇر. ئىسلام دىنىدا ئۇنىڭ بەرگەن خەۋرلىرىگە ئىشنىش، بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ۋە توسقانلىرىدىن يېنىش ئىماننىڭ شەرتى قىلىپ بەلگىلەنگەن. شۇڭلاشقا «لا ئىلاھە ئىللەللاھ (ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق)» دەپ، گۇۋاھلىق بېرىپ، «مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ (مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى» دەپ گۇۋاھلىق بەرمىگەن كىشى ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن بولىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن،  «لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ (لَا إلَهَ إلَّا اللَّهُ مُحَمَّدٌ رَسُولُ اللَّهِ) ، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دەپ گۇۋاھلىق بېرىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن مۇسۇلماننىڭ تەۋھىد چۈشەنچىسى تۆۋەندىكىدەك بولۇشى لازىم:
ئا – ئاللاھنىڭ بارلىقى قەتئىي زۆرۈر بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىقى باشقا ھېچقانداق بىر مەخلۇقاتنىڭ بارلىقىغا ئوخشىمايدۇ. پۈتكۈل مەخلۇقاتلاردا بار بولغان پەيدا بولۇش ۋە يوق بولۇش دېگەن سۈپەتلەر ئاللاھتا يوقتۇر. ئاللاھ پەيدا بولمىغان، ئەزەلدىن بار ئىدى. ئاللاھ يوقالمايدۇ، مەڭگۈ باقىيدۇر.
ئە – ئاللاھ، يارىتىشتا، باشقۇرۇشتا، ئىگىدارچىلىق قىلىشتا، رىزىق بېرىشتە، ئۆلتۈرۈشتە، تىرىلدۈرۈشتە ۋە ھېساب ئېلىشتا يالغۇز بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئىشلاردا ھېچقانداق شېرىكى يوق.
ب – بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ قۇلچىلىق قىلىشىغا پەقەتلا ئاللاھ لايىق بولۇپ، ئىبادەت ھېساپلىنىدىغان ھېچقانداق نەرسىدە ئۇنىڭغا ئورتاق بولىدىغان ھېچقانداق نەرسە ۋە ھېچكىم يوقتۇر.
پ –  قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىس شەرىفلەردە ئاللاھ قانداق ئىسىم بىلەن ئاتىلىپ، قانداق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن بولسا، ئاللاھنى ئۇ ئىسىملەر بىلەن ئاتاش ۋە ئۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش لازىم. ئاللاھنىڭ بۇ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنى ئۆزگەرتىش، تەئۋىل قىلىش، بىكارغا چىقىرىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىسىملار بىلەن ئاتاش ۋە باشقا سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش قاتارلىقلار شېرىكتۇر.
ئاللاھ تائالاغا بۇ شەكىلدە ئىشەنگەن كىشى، ئاللاھ تائالا ئىشىنىشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرگىمۇ ئىشىنى لازىم. ئۇنداق قىلمىغاندا ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانى پۈتۈن بولمىغان بولىدۇ. ئاللاھ ئىشىنىشكە بۇيرىغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىچە:
1 – پەرىشتىلەر. يەنى ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتە دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇقاتلىرى بار بولۇپ، ئۇلار نۇردىن يارىتىلغان. ئۇلار ئاللاھ تائالا نېمىگە بۇيرۇسا، شۇنى قىلىدۇ. ئاللاھقا ھەرگىزمۇ ئاسىيلىق قىلمايدۇ. بىز ئۇلارنى كۆرەلمەيمىز. لېكىن ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تەئالانىڭ رەسۇلى ئۇلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىشىنىشىمىز.
2 – كىتابلار. يەنى ئاللاھ تائالا زېمىنغا ئىنسان پەيدا قىلغاندىن باشلاپ، نۇرغۇن كىتابلارنى نازىل قىلغان. بۇ كىتابلار، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر – پەرمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نازىل قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى قۇرئان كەرىم بولۇپ، ئۇ بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى مەنسۇخ قىلىدۇ (ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ). ئۇنىڭدىن كېيىن كىتاب نازىل قىلىنمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈملىرى ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر  شەكىلدە نازىل قىلىنغان.
3 – پەيغەمبەرلەر. يەنى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ ئۆزرە ئېيتالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر قانچە كىشىنى ئەلچىلىككە تاللاپ، ئۆزىنىڭ دىنىنى ئۇلارغا ۋەھىي قىلغان ۋە ئۇلارنى بۇ دىننى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرىغان. ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىكلىرىنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىلەر بەرگەن.
ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن نورمال ئىنسانلار دۇچ كېلىدىغان ھادىسىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. مەسىلەن: ئۇلار يەيدۇ، ئىچىدۇ، ئاغرىپ قالىدۇ، ساقىيىدۇ، ئۇنتۇيدۇ، ئەسلەيدۇ، تۇغۇلىدۇ، ياشايدۇ ۋە ئۆلىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇلار، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەڭ مۇكەممىلىدۇر. ئۇلارنىڭ ئاخىرقىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.
ھەر پەيغەمبەرنىڭ قەۋمى ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ۋە كېيىن كېلىدىغان پەيغەمبەرلەرگە ئىشەنمىسە، ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتى بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ پەيغەمبەر كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمىسە، ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.
4 – ئاخىرەت كۈنى. يەنى بۇ دۇنيا ھاياتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر كۈن كېلىدۇ. ئۇ كۈندە ئاللاھ تەئالا پۈتۈن خالايىقنى تىرىلدۈرۈپ، بىر مەيدانغا توپلاپ ھەممىسىدىن ھېساپ ئالىدۇ. نەتىجىدە ياخشى ئىش قىلغانلارنى جەننىتىگە كىرگۈزۈپ پۈتمەس – تۆگىمەس نېمەتلىرى بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. يامان ئىش قىلغانلارنى دوزىخىغا تاشلاپ قاتتىق ئازاپ بىلەن جازالايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق كۈن كەلمەيدۇ. چۈنكى جەننەت ۋە دوزاختىكى ھايات مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ.
5 – تەقدىر. تەقدىرگە ئىشىنىش ئىماننىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن كىشى تولۇق ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.
تەقدىرنىڭ مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە كەلسەك، تەقدىر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ ۋە ھەر ئىككىلىسى ئۆزگەرمەيدۇ:
1 ـ ئىنسان ئارىلىشالمايدىغان يەنى ئىنساننىڭ بىرەر مۇداخىلىدە بولۇشى مۇمكىن بولمايدىغان تەقدىر؛ مەسىلەن:
ئاـ ئاللاھ تەئالا دەسلەپتە ئادەم ئەلەيھىسسالامنى، ئاندىن ئۇنىڭ جۈپتى ھەۋۋا ئانىمىزنى ياراتقان؛ ئاندىن ئۆزى بېكىتكەن تەدرىجىي كۆپىيىش قانۇنى بويىچە ئۇ ئىككى ئىنساندىن ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىدىن نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنى تۆرەلدۈرۈپ يەر يۈزىگە تارقاتقان. بۇ ئىش قىيامەتكىچىلىك مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ.
ئە ـ ئاللاھ تەئالا ئۆزىنىڭ ئىلمى ۋە ھېكمىتى بىلەن ئىنسانلارغا بىرى بۇ دۇنيا ھاياتى يەنە بىرى ئاخىرەت ھاياتى بولۇپ، ئىككى تۈرلۈك ھايات بەرگەن ۋە ئاخىرەت ھاياتىنى ئەسلى ھايات قىلىپ، بۇ دۇنيادىكى ھاياتىنى مەلۇم بىر زامان بىلەن چەكلىك قىلغان.
ب ـ ئاللاھ تەئالا ئىنسانلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارغا دۇنيا ـ ئاخىرەتلىك بەخت ـ سائادەتلىرىنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتسۇن ۋە ئۇلارغا ئۈلگە بولسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر قىسىم ئىنسانلارنى تاللاپ پەيغەمبەر قىلغان ۋە بۇ پەيغەمبەرلەرگە كىتابلار نازىل قىلغان.
پ ـ بەزى كىشىلەر ئەر بولۇپ تۇغۇلىدۇ؛ بەزىلىرى ئايال بولۇپ تۇغۇلىدۇ؛ بەزىلىرى ئېگىز، بەزىلىرى پەس؛ بەزىلىرى ئۇز، بەزىلىرى سەت تۇغۇلىدۇ؛ پەرقلىق زامانلاردا، پەرقلىق ماكانلاردا، پەرقلىق ئائىلىلەردە تۇغۇلىدۇ. ھېچبىر ئىنسان ئۆزىنىڭ جىنسىنى، چىراي ـ شەكلىنى، تۇغۇلۇش تارىخىنى، يۇرتىنى ۋە ئاتا ـ ئانىسىنى… تاللىيالمايدۇ.
مانا بۇلار ئاللاھ تەئالا بەلگىلىگەن، ھېچكىم ۋە ھېچنېمە ئارىلىشالمايدىغان، شۇنداقلا ئۆگەرتىشمۇ كىرگۈزەلمەيدىغان تەقدىردۇر
2 – ئىنسانلار ئۆزگەرتەلمەيدىغان، لېكىن ئۆزلىرى بەلگىلىيەلەيدىغان تەقدىر، مەسىلەن:
بىر ئىنسان ئۆز ئىختىيارى ۋە ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ئاللاھ تەئالا نازىل قىلغان كىتابلارغا بويسۇنۇپ، ئاللاھ تەئالا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشسە، ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىكى  ھاياتىنى بەختىيارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەندىن سىرت، ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ھاياتىنىڭ جەننەتتە باشلىنىپ، جەننەتتە داۋاملىشىشىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولىدۇ.
شۇنىڭدەك بىر ئىنسان ئۆز ئىختىيارى ۋە ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ئاللاھ تەئالا نازىل قىلغان كىتابلارغا بويسۇنماي، ئاللاھ تەئالا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشمىسە، ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىنى بەختسىزلىك ئىچىدە ئۆتكۈزگەندىن سىرت، ئاخىرەتتىكى ئەبەدىي ھاياتىنىڭ دوزاختا باشلىنىپ، دوزاختا داۋاملىشىشىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولىدۇ.
بۇ خىل تەقدىرنىڭ بىرىنچى خىل تەقدىردىن پەرقى شۇكى، بۇنى ئىنسانلار ئۆز ئىختىيارى ۋە ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن بەلگىلىيەلەيدۇ، مەسىلەن:
ئاللا تەئالا: «كىم ياخشى ئىشلارنى قىلسا، بەختلىك بولىدۇ. كىم يامان ئىشلارنى قىلسا، بەختسىز بولىدۇ» دەپ تەقدىر قىلغان ۋە بۇنى نازىل قىلغان كىتابلىرىدا ئېلان قىلغان.
ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ تەقدىرى بويىچە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك بولىدۇ؛ يامان ئىشلارنى قىلغانلار بولسا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختسىز بولىدۇ.
خۇلاسە
 تەۋھىد كەلىمىسى بولغان لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ (ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر)، دېگەن بۇ قىسقا سۆز يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى بۇ سۆزنى سۆزلىگەنلىك ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە ۋە تەقدىرگە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىىڭ رەسۇلى كۆرسەتكەن بويىچە ئشىنىمەن، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى قاچان قەيەردە قانداق ئىش قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا، ئۇ ئىشنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئادا قىلىمەن، دېگەنلىك بولىدۇ.
ئەسكەرتىش:
كەلىمە تەييىبىنىڭ يۇقىرىدىكى مەناسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرى بىلەن بۇخارى ۋە مۇسلىمدىكى مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرگە ئاساسلاندىم.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر