مۇسۇلمانلار

كېلىن قېيىنئانا مۇناسىۋىتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
توي قىلغاندىن كېيىنكى كېلىن بىلەن قېيىنئاتا، قېيىنئانا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بىر تەبىر بەرگەن بولسىڭىز! چۈنكى نۇرغۇن قىزلار ئۆزى رازى بولۇپ ياتلىق بولغان ئېرىنى ياخشى كۆرىدۇيۇ لېكىن شۇ ئېرىنى تۇغۇپ ـ تەربىيىلەپ قاتارغا قاتقان ئاتاـ ئانىنى ياختۇرمايدۇ.
بۇ ھەقتە قىز بولغۇچى پەرزەنتلىك بۇرچىنى ياتلىق بولغاندىن قانداق ئادا قىلىدۇ؟ كېلىن، قېيىنئاتا، قېيىنئانا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ ياخشى تەبىر قايسى؟
مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن بولسىلا. رەخمەت، سىلىگە ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم رەھمەت قىلغاي مەخمۇتجان
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
قېرىندىشىم! دىنىمىزدا كېلىننىڭ قېيىنئاتا – قېيىنئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. لېكىن قېيىنئاتا – قېيىنئانىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغان كېلىن ئېرىگە ياخشىلىق قىلمىغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئېرىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمىغان بولىدۇ.
شۇنىڭدەك كۈيئوغۇلنىڭمۇ قېيىنئاتا – قېيىنئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. لېكىن قېيىنئاتا – قېيينئانىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغان كۈيئوغۇل ئايالىغا ياخشىلىق قىلمىغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئايالىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلمىغان بولىدۇ.
بۇ ئىشتا قېيىنئاتا – قېيىنئانا، كېلىن ۋە كۈيئوغۇل ھەممەيلەن ئاللاھدىن قورقسا، ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلسا، ئۆزىنىڭ ھەققى بولمىغان نەرسىنى تەلەپ قىلمىسا، باشقىسىغا زۇلۇم قىلىشتىن ساقلانسا، پۈتۈن كۆڭۈلسىزلىكلەر تۈگەيدۇ.
شۇنداق قېيىنئاتا ۋە شۇنداق قېيىنئانالار باركى، ئوغلىنى ئۆيلىسە كېلىنىگە ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا، يەنى ئۆز ئوغلىنىڭ ئايالىغا ئەمەس، خۇددى ئۆينىڭ خىزمەتچىسىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. كېلىنىنى دۈشمەندەك كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىقىغا رەھمەت ئېتىشنى، يامانلىقىنى ئەپۇ قىلىشنى بىلمەيدۇ.
بولۇپمۇ بەزى قېيىنئانالار ئۆيىگە كېلىن ئەكەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ئۆزى ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە كۆرپىدىن چۈشمەي ئولتۇرۇپ، كېلىنىنى بىر چۆرىنى ئىشقا سالغاندەك ئىشقا سالىدۇ، ئۇنىڭغا قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ، گەپتە چېقىۋېلىپ كۆڭلىنى ئاغرىتىدۇ، پات – پات ھومىيىپ قويۇپ يۈرىكىنى زىدە قىلىدۇ، يېگەن – ئىچكىنىگە چىدىمايدۇ، شۇنداق قىلىپمۇ دەردى چىقماي ئاخشام بولسا ئۇنى ئوغلىغا چېقىپ ئىزاغا ياكى تاياققا قويۇپ ئاندىن ئارام تاپىدۇ. مانا بۇ زۇلۇمدۇر، ئىنسانلىققا خىلاپتۇر، ئاللاھدىن قورقمىغانلىقتۇر.
 ئەسلىدە ئاتا – ئانا بولغۇچىلار كېلىنىنى ئۆز قىزىدەك كۆرۈشى، ئۇنى رەھىم – شەپقەت قاناتلىرى ئاستىغا ئېلىشى، ئۇنىڭغا ئاتا ئانىلىق مېھرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. كېلىنىنىڭ چوڭ ئۆيگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئوغلى بىلەن بىر ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقلىرى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن كېلىنىنىڭ ئۆي، قازان – قومۇچ، يېمەك – ئىچمەك ۋە باشقا تۇرمۇش ئىشلىرىنى تېزراق ئايرىم قىلىپ بېرىشلىرى ياخشى.
ئەرمۇ ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشى يەنى ئايالى بىلەن ئولتۇرىدىغان ئۆيىنى ۋە ئائىلىۋىي ئىشلىرىنى ئايرىم قىلىشى، ئايالىغا ياخشى نەسىھەتلەرنى قىلىپ تەربىيىلىشى، ئايالى بىلەن ئاتا – ئانىسىنىڭ ئارىسىنى ياخشى تۇتۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىشى لازىم.
خوش! ئەمدى كېلەيلى كېلىنگە، كېلىن ئەنە شۇ ياخشى كۆرىدىغان ئېرىنىڭ ئاشۇ ئاتا – ئانىنىڭ بالىسى بولغانلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىۋەتمەسلىكى، ئېرىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلسا، ئېرىگە ياخشىلىق قىلغان بولىدىغانلىقىنى بىلىشى، ئېرىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى ئۆز ئاتا – ئانىسىدەك كۆرۈشى، ئۇلارغا سوغا – سالاملار بېرىپ كۆڭلىنى ئېلىشى، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ئۇ ئۆيدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش بولسا، باشقا ھېچكىمگە سەپە سالماي قىلىشى، ئۇلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىشى، خۇش چىراي بولۇشى، يېقىملىق گەپ – سۆزلەنى قىلىشى ۋە ئىززەت – ئىكرام قىلىشى لازىم.
مانا مۇشۇنداق بولغاندا بۇ كېلىن ئالدى بىلەن ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان بولىدۇ، چۈنكى قېيىنئاتا – قېيىنئانىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغان كېلىن، ئۇلاردىن ئەسلا ياخشى مۇئامىلە كۆرمەيدۇ، ھەتتا بۇنداق كېلىن ھاياتىدا بىرقانچە قېيىنئاتا – قېيىنئانا كۆرىدۇ.
بۇنداق كېلىن ئىككىنچىدىن ئېرىگە ياخشىلىق قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئېرىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلمىغان خوتۇن ئېرىگە يامانلىق قىلغان بولىدۇ.
كۈيئوغۇلمۇ قېيىنئاتا – قېيىنئانىسىغا يەنى ئايالىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا ئەنە شۇنداق ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك. ئۇلارنى ئۆز ئاتا – ئانىسىدەك كۆرۈشى لازىم. ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە توي قىلغان ئەر – ئاياللارغا مۇنداق دېگەن:
«وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ»
«ئاياللار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار…»- نىسا 4/19.
بۇ ئايەتتىكى «تىرىكچىلىك قىلىڭلار» دېگەن ئىپادىنىڭ ئەرەبچىسى ئاشىرۇ «عَاشِرُو» دۇر. بۇ كەلىمە «چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى ئەر – ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ بەجا كەلتۈرۈشىنىڭ لازىملىقىغا، بۇ بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرۈشتە ئايالغا قارىغاندا ئەرنىڭ بەكراق كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى بۇ كەلىمە مۇفائەلە بابىدىندۇر. مۇفائەلە بابى، فائىل بىلەن مەفئۇلنىڭ ھەر ئىككىلىسى قىلغان/ قىلىدىغان، لېكىن فائىل كۆپراق قىلغان/ قىلىدىغان بىر ئىشنىڭ قىلىنىشىغا دالالەت قىلىدۇ. «چىرايلىقچە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆزنىڭ ئەرەبچىسى بولسا، بىلمەئرۇف «بِالْمَعْرُوفِ» دۇر. مەئرۇفنىڭ مەنىسى: «ياخشىلىقى ئەقىل بىلەن ياكى شەرىئەت بىلەن بىلىنگەن ئىش» دېگەن بولىدۇ. – مۇفرەدات ئەلفازىل قۇرئان.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ تەئالانىڭ: « وَعَاشِرُوهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ (… ئاياللار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار …)» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: «ئى نىكاھلانغان ئەر – ئايال مۇئمىنلار! ياخشىلىقى ئەقىل بىلەن ياكى شەرىئەت بىلەن بىلىنگەن ئادەت بويىچە تۇرمۇش ئۆتكۈزۈڭلار،  بىر- بىرىڭلارغا شۇ ئادەت بويىچە مۇئامىلە قىلىڭلار. بۇنداق ياشاشقا ئەرلەر بەكراق كۆڭۈل بۆلۈڭلار» دېگەن بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەت ۋە ھەدىسلەردە زىممىلىرىگە يۈكلەنگەن ھەق – ھوقۇقلارغا رىئايە قىلمىغان ئەر – خوتۇن، «چىرايلىقچە تىرىكچىلىك» قىلمىغان بولىدۇ. يەنى ئۇنداقلار ئاللاھ تەئالانىڭ يۇقارقى سۆزىگە ئەمەل قىلمىغان بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر