مۇسۇلمانلار
كېلىشىم ۋە توختام   تىجارەت بىلەن ئۆسۈملۈك مۇئامىلىنىڭ پەرقى 1

كېلىشىم ۋە توختام \   تىجارەت بىلەن ئۆسۈملۈك مۇئامىلىنىڭ پەرقى

5.      تىجارەت بىلەن ئۆسۈملۈك مۇئامىلىنىڭ پەرقى

تىجارەتتە پۇل بىلەن مال ياكى پۇل بىلەن خىزمەتتىن ئىبارەت پەرقلىق ئىككى نەرسە، ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچىنىڭ ئۆزئارا رازىلىشىپ كېلىشىشى بىلەن ئالماشتۇرۇلىدۇ. ئۆسۈملۈك مۇئامىلىدە پۇل بىلەن پۇل ياكى ئوخشاش ئىككى نەرسە بەرگۈچى بىلەن ئالغۇچىنىڭ ئۆزئارا رازىلىشىپ كېلىشىشى بىلەن ئالماشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئىككى تۈرلۈك كېلىشىمنىڭ ئىككىلىسىدە ئۆزئارا رازىلىشىش مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوبيېكتى پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرى تىجارەت، يەنە بىرى ئۆسۈملۈك مۇئامىلە دەپ ئاتالغان، شۇنداقلا  تىجارەت يولغا قويۇلغان، ئۆسۈملۈك مۇئامىلە ھارام قىلىنغان.

تىجارەتتە ئالغۇچى ئالغىنىنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ. بۇ بەدەل ساتقۇچىغا نىسبەتەن پايدا قوشۇلغان بەدەل ياكى زىيان قوشۇلغان بەدەل ۋە ياكى ئىزى بولغان بەدەل بولىدۇ. ئەمما ئۆسۈملۈك مۇئامىلىدە ئالغۇچى ئالغىنىنىڭ ئوخشىشىنى ۋە ئۇنىڭغا بىر نەرسە قوشۇپ ئۆستۈرۈپ تۆلەيدۇ ۋە زىيان تارتىدۇ، بەرگۈچى بەرگىنىنى ۋە زىيادىسىنى ئالىدۇ، ھېچقاچان زىيان تارتمايدۇ. تىجارەتتە تىجارەتچى پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئىككى كىشى بىلەن ياكى بىر كىشى بىلەن ئىككى قېتىم كېلىشىم تۈزىدۇ: بىرى سېتىۋېلىش، يەنە بىرى سېتىش. ئۆسۈملۈك مۇئامىلىدە جازانىخور، بىر كىشى بىلەن بىر قېتىملىق كېلىشىمنىڭ ئىچىدە ئىككى كېلىشىم تۈزىدۇ: بىرى مەلۇم مىقداردىكى قەرزنى ئېلىش – بېرىش كېلىشىمى، يەنە بىرى بىر مۇددەتتىن كېيىن قەرزنى قايتۇرۇش ۋە تاپشۇرۇۋېلىش كېلىشىمى. تىجارەتتە سەرمايىگە قوشۇلغان ئارتۇق نەرسە پايدا، جازانىدە قەرزگە قوشۇلغان ئارتۇق نەرسە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ.

تىجارەت بازارنى جانلاندۇرىدۇ، ئىشسىزلارغا ئىش ئىمكانى يارىتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشتا ۋە ھۈنەر – سەنئەتتە توغرا رىقابەتكە سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مالنىڭ ۋە ئىشنىڭ سۈپىتى ياخشىلىنىدۇ، مەمۇرچىلىق بولىدۇ، باھالار چۈشىدۇ، نەتىجىدە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يۈكسىلىدۇ. جازانىخورلۇق بازاردىكى پۇلنى تارتىپ جازانىخورنىڭ قولىغا يىغىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى تۆۋەنلەيدۇ، كارخانىچىلار ماللىرىنى ئارزۇ قىلغىنىدەك ساتالمايدۇ – دە، ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە ئىشچىلىرىنى ئازايتىدۇ، بارا – بارا ئىش توختىتىشقا مەجبۇر بولۇپ كارخانىلىرىنى تاقايدۇ. نەتىجىدە جازانىخورنىڭ قولىدا پۇل كۆپ، كارخانىچىنىڭ قولىدا مال كۆپ، بازار كاسات، ھۆپىگەرلەر چارىسىز، ئىشچىلار ئىشسىز بولۇشتەك پاجىئەلىك مەنزىرە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن «ئاللاھ تائالا ئېلىم – سېتىمنى ھالال، جازانىخورلۇقنى ھارام قىلغان»[1]، تىجارەتكە تەشۋىق قىلغان. (ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلساڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر دېگەن مەنىدىكى ئايەتلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ).

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 277 – 279.

[1] 2 – سۈرە بەقەرە، 276 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر