مۇسۇلمانلار
كېلىشىم - توختام 1

كېلىشىم – توختام

                   

1§. ئېلىم – سېتىم ۋە تىجارەت

1.      ئېنىقلىمىسى

ئېلىم – سېتىم، بىر تەرەپ مالنى تاپشۇرۇپ بېرىپ ياكى پۈتۈشكەن خىزمەت (ئىش)نى تاپشۇرۇپ بېرىپ پۇلىنى ئېلىش، يەنە بىر تەرەپ مالنى ياكى پۈتۈشكەن خىزمەت (ئىش)نى تاپشۇرۇپ ئېلىپ پۇلىنى تۆلەش ھەرىكىتىدۇر[1]. بازاردىن ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش، باققالدىن مېۋە – چىۋە، كۆكتاتچىدىن ئوتياش سېتىۋېلىش ياكى بىر يەردە كۈنلۈك ياكى ئايلىق ئىشلەپ ھەققىنى ئېلىش ۋە بېرىش قاتارلىقلار بۇ ھەرىكەتكە مىسال بولىدۇ.

تىجارەت – پايدا تېپىش ئۈچۈن مەبلەغنى بىرەر ئىشتا ئايلاندۇرۇش دېگەن بولۇپ، بۇ مال ۋە ئىش ئېلىم – سېتىمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ دائىرىلىك پائالىيەتتۇر[2]. سودىگەرچىلىك، كارخانىچىلىق ۋە چارۋىچىلىق قاتارلىق پائالىيەتلەر تىجارەتكە مىسال بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئېلىم – سېتىم تىجارەت ھېسابلانمايدۇ، لېكىن ھەر تىجارەت ئېلىم – سېتىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2.      ھۆكمى

 ئاللاھ تائالا ئېلىم – سېتىم قىلىشنى ھالال قىلغان، تىجارەت قىلىشقا تەشۋىق قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿… وَأَحَلَّ ٱللَّهُ ٱلۡبَيۡعَ وَحَرَّمَ ٱلرِّبَوٰاْۚ …  ٢٧٥﴾

«ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال، ئۆسۈملۈك مۇئامىلىنى ھارام قىلغان»[3].

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَأۡكُلُوٓاْ أَمۡوَٰلَكُم بَيۡنَكُم بِٱلۡبَٰطِلِ إِلَّآ أَن تَكُونَ تِجَٰرَةً عَن تَرَاضٖ مِّنكُمۡۚ …  ٢٩﴾

«ئى مۇئمىنلار! بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار. لېكىن ئۇ ماللارنى ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ قىلىشقان تىجارەت بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ يېسەڭلار بولىدۇ»[4].

﴿فَإِذَا قُضِيَتِ ٱلصَّلَوٰةُ فَٱنتَشِرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَٱبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِ ٱللَّهِ وَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ كَثِيرٗا لَّعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ  ١٠﴾

«ناماز ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»[5].

3.      ساھەسى

ئېلىم – سېتىم ۋە تىجارەت پائالىيەتلىرى ھالال نەرسىلەردە ئېلىپ بېرىلسا توغرا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ كُلُواْ مِمَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ حَلَٰلٗا طَيِّبٗا وَلَا تَتَّبِعُواْ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيۡطَٰنِۚ إِنَّهُۥ لَكُمۡ عَدُوّٞ مُّبِينٌ  ١٦٨﴾

«ئى ئىنسانلار! زېمىندىكى ھالال ۋە پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. چۈنكى شەيتان سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر»[6].

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُلُواْ مِن طَيِّبَٰتِ مَا رَزَقۡنَٰكُمۡ وَٱشۡكُرُواْ لِلَّهِ إِن كُنتُمۡ إِيَّاهُ تَعۡبُدُونَ  ١٧٢﴾

«ئى مۇئمىنلار! بىز سىلەرگە بەرگەن پاك رىزىقلاردىن يەڭلار ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىڭلار. ئەگەر ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار!»[7].

تىجارەتنىڭ ساھەسى توغرىسىدا بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ «ئىجتىمائىي ھايات» بۆلۈمىدە «ئىش ۋە ئىشچى» پاراگرافىنىڭ «رۇخسەت بېرىلگەن ئىشلار» بۆلىكىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى.

4.      نەق ۋە نېسى

ئادەتتىكى ئېلىم – سېتىمنى ۋە تىجارەتتىكى ئېلىم – سېتىمنى نەق قىلىشقىمۇ بولىدۇ، نېسى قىلىشقىمۇ بولىدۇ. نېسى قىلغان تەقدىردە شەرتلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا تَدَايَنتُم بِدَيۡنٍ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى فَٱكۡتُبُوهُۚ وَلۡيَكۡتُب بَّيۡنَكُمۡ كَاتِبُۢ بِٱلۡعَدۡلِۚ وَلَا يَأۡبَ كَاتِبٌ أَن يَكۡتُبَ كَمَا عَلَّمَهُ ٱللَّهُۚ فَلۡيَكۡتُبۡ وَلۡيُمۡلِلِ ٱلَّذِي عَلَيۡهِ ٱلۡحَقُّ وَلۡيَتَّقِ ٱللَّهَ رَبَّهُۥ وَلَا يَبۡخَسۡ مِنۡهُ شَيۡ‍ٔٗاۚ فَإِن كَانَ ٱلَّذِي عَلَيۡهِ ٱلۡحَقُّ سَفِيهًا أَوۡ ضَعِيفًا أَوۡ لَا يَسۡتَطِيعُ أَن يُمِلَّ هُوَ فَلۡيُمۡلِلۡ وَلِيُّهُۥ بِٱلۡعَدۡلِۚ وَٱسۡتَشۡهِدُواْ شَهِيدَيۡنِ مِن رِّجَالِكُمۡۖ فَإِن لَّمۡ يَكُونَا رَجُلَيۡنِ فَرَجُلٞ وَٱمۡرَأَتَانِ مِمَّن تَرۡضَوۡنَ مِنَ ٱلشُّهَدَآءِ أَن تَضِلَّ إِحۡدَىٰهُمَا فَتُذَكِّرَ إِحۡدَىٰهُمَا ٱلۡأُخۡرَىٰۚ وَلَا يَأۡبَ ٱلشُّهَدَآءُ إِذَا مَا دُعُواْۚ وَلَا تَسۡأَمُوٓاْ أَن تَكۡتُبُوهُ صَغِيرًا أَوۡ كَبِيرًا إِلَىٰٓ أَجَلِهِۦۚ ذَٰلِكُمۡ أَقۡسَطُ عِندَ ٱللَّهِ وَأَقۡوَمُ لِلشَّهَٰدَةِ وَأَدۡنَىٰٓ أَلَّا تَرۡتَابُوٓاْ إِلَّآ أَن تَكُونَ تِجَٰرَةً حَاضِرَةٗ تُدِيرُونَهَا بَيۡنَكُمۡ فَلَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَلَّا تَكۡتُبُوهَاۗ وَأَشۡهِدُوٓاْ إِذَا تَبَايَعۡتُمۡۚ وَلَا يُضَآرَّ كَاتِبٞ وَلَا شَهِيدٞۚ وَإِن تَفۡعَلُواْ فَإِنَّهُۥ فُسُوقُۢ بِكُمۡۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ وَيُعَلِّمُكُمُ ٱللَّهُۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ  ٢٨٢﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئۆزئارا قەرەللىك قەرز مۇئامىلىسى قىلىشقان چېغىڭلاردا ئۇنى يېزىپ قويۇڭلار. ئاراڭلاردىن خەت يازالايدىغان بىر كىشى ئۇنى ئادىللىق بىلەن يازسۇن. خەت يازالايدىغان كىشى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئۆگەتكىنىدەك يېزىشتىن باش تارتمىسۇن، يازسۇن. ھەق زىممىسىگە يۈكلەنگەن كىشى ئېيتىپ بەرسۇن. ئۇ رەببى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسۇن، قەرزىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتمىسۇن. ئەگەر ھەق زىممىسىگە يۈكلەنگەن كىشى ئەقىلسىز ياكى كۈچسىز بولسا ۋە ياكى ئېيتىپ بېرىشكە قادىر بولالمىسا ئۇنىڭ ۋەلىيسى ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن. ئەر كىشىلىرىڭلاردىن ئىككى گۇۋاھچىنى گۇۋاھچى قىلىڭلار. ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچى ئىككى ئەر بولمىسا، ئۆزۈڭلار رازى بولىدىغان گۇۋاھچىلاردىن بىر ئەر ۋە ئىككى ئايال بولسۇن. بۇ ئۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئېزىپ قالسا يەنە بىرىنىڭ ئەسلىتىشى ئۈچۈندۇر. گۇۋاھچىلار چاقىرىلغاندا كەلمەي قالمىسۇن. سىلەر پۈتۈكچىلەر! قەرز كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن ئۇنى قەرەلى بىلەن بىرلىكتە يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا توغرا، گۇۋاھلىق ئۈچۈن ساغلام، شۈبھىلەنمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۇيغۇن بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئاراڭلاردا نەق قىلىشىدىغان تىجارەت بولسا، ئۇنداق قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇنى يازمىساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئېلىم – سېتىم قىلىشقان چېغىڭلاردا گۇۋاھچى ھازىر قىلىڭلار. پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن. ئەگەر ئۇلارغا زىيان يەتكۈزسەڭلار توغرا يولدىن چىققان بولىسىلەر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۆگەتمەكتىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»[8].‏

بۇ ئايەتكە ئاساسەن، ئېلىم – سېتىمنى نەق قىلىشقىمۇ بولىدۇ، نېسى قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئىلىم – سېتىم ئىككى تەرەپ ئۆزئارا رازىلىشىپ قىلىشىدىغان تىجارەتنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن پەرقلىق باھادىكى ئېلىم – سېتىم مۇئامىلىسى چەكلەنمەيدۇ. مەسىلەن:

  • بىر كۆينەكچى دۇكاندار دۇكىنىدا ئەتىگەن 20 كويدىن ساتقان كۆينەكلەرنى چۈشتىن كېيىن 17، 18 كويدىن، كەچقۇرۇنى 15، 16 كويلاردىن ساتىدۇ. بۇ پەرقلىق باھالارنىڭ ھەممىسى شۇ كۆينەكلەرنىڭ بەدىلى ھېسابلىنىدۇ. ئەتىگەن 20 كويدىن سېتىلغان كۆينەكنى كەچتە 15 كويغا ئالغان كىشى دۇكانچىنىڭ 5 كوي ھەققىنى يەپ كەتكەن بولمىغاندەك، كەچتە 15 كويدىن سېتىلغان كۆينەكنى ئەتىگەندە 20 كويغا ئالغۇچىمۇ دۇكانچىغا 5 كوي ئۆسۈم بەرگەن بولمايدۇ.
  • نېسىي سودىدا، مالنىڭ نەق باھاسى 100 كوي، نېسى باھاسى 120 كوي بولسا بولىۋېرىدۇ. ئەگەر نېسى سودا بىر مالنى، پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش شەرتى بىلەن نېسى ئېلىش/سېتىش بولسا، زامان ۋە ماكانلارنىڭ ۋە ھەر قېتىمدا تۆلىنىدىغان پۇلنىڭ ئېنىق بولۇشى لازىم. مالنىڭ پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش سودىسىدا مال باھاسىنىڭ، نەق باھاسىدىن يۇقىرى بولۇشى ئۆسۈم مۇئامىلىسى ھېسابلانمايدۇ .چۈنكى بۇ ئېلىم – سېتىمدۇر. ئېلىم – سېتىمدا ئىككى تەرەپ ئۆزئارا كىلىشىپ مەلۇم بىر مالنى ياكى مۇئەييەن بىر خىزمەتنى مەلۇم بىر مىقدار پۇل بىلەن ئالماشتۇرىدۇ. بۇ پۇل، مىقدارى قانچىلىك بولسا بولسۇن شۇ مالنىڭ ياكى شۇ خىزمەتنىڭ بەدىلى بولىدۇ.

ئەگەر بىر ساتقۇچى ساتقان مېلىنى باشقا بىرىدىن ئېلىپ، ئالغۇچىنى ئالدىمىغان ۋە ئىككى تەرەپ ئۆزئارا رازى بولۇشقان ئاساستا ئۆزى ئالغان باھادىن يۇقىرى بىر باھادا ساتقان بولسا، ئارتۇقى پايدا ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: بىر كىشى 100 كويغا بىر گىلەم سېتىۋېلىپ 110 كويغا ساتقان بولسا، گىلەمنىڭ بەدىلى بۇ ئادەم ئالغاندا 100 كوي، ساتقاندا 110 كوي بولغان بولىدۇ. بۇ ئىش تىجارەت ھېسابلىنىدۇ. 10 كوي پۇل ساتقۇچىنىڭ پايدىسى بولىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 273 – 277.

[1]  راغىب ئىسفەھانى، «بيع»، 155.

[2]  راغىب ئىسفەھانى، «تجر»، 164. ئېلىم – سېتىم ۋە تىجارەت قۇرئان كەرىمدىمۇ بۇ مەنىلەردە كەلگەن (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە،  216 – ۋە 282 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 29 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 24 – ئايەت؛ 12 – سۈرە يۇسۇف، 20 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 37 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 29 – ئايەت.

[3] 2 – سۈرە بەقەرە، 275 – ئايەت.

[4] 4 – سۈرە نىسا، 29 – ئايەت.

[5] 62 – سۈرە جۇمۇئە، 10 – ئايەت.

[6] 2 – سۈرە بەقەرە، 168 – ئايەت.

[7]  2 – سۈرە بەقەرە، 172 – ئايەت.

[8] 2 – سۈرە بەقەرە، 282 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر