مۇسۇلمانلار

كۈيئوغۇلنى ئۆيگە ئېلىش

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

جاۋاب:

دىنىمىزدا ئەرلەرنىڭ نىكاھلىنىشى ھارام قىلىنغان ئاياللار ئىككى تۈرلۈكتۇر:

1 ـ بىرى نىكاھلىنىشى مەڭگۈ ھارام قىلىنغان بولۇپ، ئەر كىشى ئۇنىڭ بىلەن ھېچبىر زامان نىكاھلىنالمايدۇ. بۇلار: ئەر كىشىنىڭ ئانىسى، قىزى، ئاچا ـ سىڭىللىرى، ھاممىلىرى، جىيەن قىزلىرى، سۈت ئانىسى، ئېمىلداش ھەمشىرىلىرى، قېينانىسى، ئۆگەي قىزلىرى، ئۆز پۇشتىدىن بولغان ئوغلىنىڭ قويۇپ بەرگەن خوتۇنلىرى قاتارلىقلاردۇر.

2 ـ نىكاھلىنىشىنىڭ ھاراملىقى بىر سەۋەبكە باغلانغان بولۇپ، ئۇ سەۋەب يوق بولسا نىكاھلىنىش ھالاللىققا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن: بىر ئەر كىشىنىڭ، ئېرى بار بىر ئايال بىلەن نىكاھلىنىشى ھارامدۇر. بۇ يەردىكى ھاراملىق ئۇ ئايالنىڭ ئېرى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئەگەر بۇ ئايال ئېرىدىن ئاجرىشىپ كېتىپ ياكى ئېرى ئۆلۈپ كېتىپ، ئىددىتىنى توشقۇزسا ئۇ ئەر كىشى بۇ ئايال بىلەن نىكاھلىنالايدۇ.

شۇنىڭدەك بىر ئەركىشى، ئايالىنىڭ ئاچىسى ياكى سىڭلىسى بىلەن نىكاھلىنالمايدۇ. دىنىمىزدا بۇ ھارامدۇر. بۇ ھاراملىق، بۇ ئاچا ـ سىڭىلنىڭ ھەمشىرىسى ئۇ ئەر كىشىنىڭ نىكاھىدا بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇ كىشى بۇ ئايالىدىن ئاجرىشىپ كەتسە ۋە ئايالىنىڭ ئىددىتى توشسا، ئۇ كىشى بۇ ئايالنىڭ (سابىق خوتۇنىنىڭ) ئاچىسىنى ياكى سىڭلىسىنى نىكاھىغا ئالالايدۇ. چۈنكى ھارام بولۇشنىڭ سەۋەبى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن ھاراملىقمۇ يوق بولغان بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىمىز بۇ ئىككى تۈرلۈك ھارامغا پەرقلىق ھۆكۈم قويىدۇ:

1 ـ بىر ئەر كىشى نىكاھلىنىشى بىرىنچى تۈرلۈك ھارامدىن ھېسابلىنىدىغان ئاياللار بىلەن، بۇ ئاياللارمۇ ئۇ ئەر كىشى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرسا بولىدۇ. مەسىلەن: بىر ئەر كىشى ئانىسى، ئاچىسى، سىڭلىسى، ھاممىلىرى… قاتارلىقلار بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. بۇنىڭدا دىنى جەھەتتىن ھېچقانداق مەسىلە يوق.

2 ـ بىر ئەر كىشى نىكاھلىنىشى ئىككىنچى تۈرلۈك ھارامدىن ھېسابلىنىدىغان ئاياللار بىلەن، بۇ ئاياللارمۇ ئۇ ئەر كىشى بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرسا قەتئىي بولمايدۇ. مەسىلەن:

دىنىمىز ئېرى بار بىر ئايالنى باشقا بىر ئەرنىڭ نىكاھىغا ئېلىشىنى ھارام ھېسابلايدۇ. لېكىن بۇ ھاراملىق بىر سەۋەبكە يەنى ئۇ ئايالنىڭ ئېرى بار بولغانلىققا باغلىق بولغانلىقى ۋە بۇ سەۋەب يوق بولغان ھامان ئۇ ھاراملىقمۇ يوق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بىر ئەر كىشى ئېرى بار بىر ئايال بىر ئۆيدە ئولتۇرسا قەتئىي بولمايدۇ.

خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئەر كىشىنىڭ، ئايالىنىڭ ئاچا ـ سىڭىللىرى بىلەن نىكاھلىنىشى ھارامدۇر. لېكىن بۇ ھاراملىق سەۋەبكە يەنى ئۇ ئاچا ـ سىڭىللەرنىڭ ھەمشىرىسى ئۇ كىشىنىڭ نىكاھىدا بولغانلىققا باغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە بۇ سەۋەب يوق بولسا ئۇ ھاراملىقمۇ يوق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بىر ئەركىشىنىڭ ئۆز نىكاھىدىكى ئايالنىڭ ئاچا ـ سىڭىللىرى بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرۇشى قەتئىي ھارامدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىزىنى ياتلىق قىلغان بىر ئائىلە باشلىقى كۈيئوغلىنى باشقا قىزلىرىمۇ ئولتۇرىدىغان ئۆيدە ئولتۇرغۇزماسلىقى لازىم! ئەگەر ئۆي چوڭ بولۇپ ياتلىق قىلغان قىزى بىلەن بۇ قىزنىڭ ئېرى (كۈئوغۇل) يېتىپ قوپىدىغان ئۆي، تەرەتخانىسى، مۇنچىسى ۋە ئاشخانىسى قاتارلىق يەرلىرى ئايرىم بولسا، بۇ تەقدىردە كۈيئوغلىنى ئۇ ئۆيدە ئولتۇرغۇسا بولىدۇ.

«شۇ كۈيئوغۇل بىلەن شۇ ئۆيدىكى باشقا قىز ئاياللارنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق مۇناسىۋەت بۇلدۇ؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىغا كەلسەك:

قىز ـ ئاياللار باشقا نامەھرەم ئەرلەرنىڭ يېنىدا قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك بولسا، ئاچىسىنىڭ ياكى سىڭلىسىنىڭ ئېرىنىڭ يېنىدىمۇ شۇنداق دىققەت قىلىشى كېرەك. مەسىلەن: ئۇ «كېلىن كۈيئوغۇل» نىڭ يېنىدا يۈزى ۋە قولىدىن باشقا بارلىق ئەزالىرىنى چېچى بىلەن قوشۇپ مەھكەم يۆگىشى، شۇنداقلا قېلىن ۋە كەڭ كىيىملەرنى كىيىشى پەرزدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە گەپ ـ سۆزلىرىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىشلىرى كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر