مۇسۇلمانلار
كۇففارغا ھاراق سېتىش 1

كۇففارغا ھاراق سېتىش

سۇئال: مەن گىرمانىيەدە كىچىك باققال دۇكىنى ئاچىمەن. كاپىر دۆلەتلىرىدە ھاراق سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئەمەس خېرىدارلارغا ساتسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ھاراق ياكى ئۇنىڭغا ئوخشاش مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئاللاھنىڭ زېمىنىڭ ھەرقانداق يېرىدە سېتىش جائىز ئەمەس؛ كاپىر يۇرتى بولامدۇ، مۇسۇلمان يۇرتى بولامدۇ ئوخشاش. چۈنكى ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرى ماكانغا قارىتا ئۆزگەرمەيدۇ؛ بىر يۇرتتا ھارام قىلىنغان ئىشنىڭ يەنە بىر يۇرتتا ھالال قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. ھارام ھەرقانداق يەردە ھارامدۇر.

قۇرئان كەرىم ھاراقنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ناھايىتى كۈچلۈك ئىپادىلەر ئىشلىتىدۇ؛ قۇرئاندا ئۇنى ئىچمەڭلەر دېمەي، ئۇنىڭغا يېقىنلىشماڭلار دەيدۇ. بۇ ئۇنى ئىچىشنى، سېتىشنى، ئىشلەپ چىقىرىشنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِّنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ٩٠﴾

«ئى مۇئمىنلار! مەست قىلغۇچى نەرسە، قىمار، تىكلەپ قويۇلغان تاشلار، پال ئوقلىرى ھەقىقەتەن پاسكىنا نەرسىلەردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇلاردىن ساقلىنىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر» – (5 – سۈرە مائىدە، 90 – ئايەت).

«ئۇلاردىن ساقلىنىڭلار» دېگەن ئىپادە ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇڭلار، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار، ئۇنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلماڭلار، ئۇنى ئىچكەنلەر بىلەن ئولتۇرماڭلار…دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ تۆۋەندىكى سۆزى تەستىقلايدۇ.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دېيىشىچە: «رەسۇلۇللاھ ھاراق ھەققىدە ئىشلەنگەن ئون ئىشقا لەنەت ئوقۇغان؛ سىققۇچى، سىقتىرغۇچى، ئىچكۈچى، تۇشۇغۇچى، تۇشۇتتۇرغۇچى، ئۇنىڭ ساقىيلىغىنى قىلغۇچى، ساتقۇچى، پۇلىنى يېگۈچى، سېتىۋالغۇچى ۋە سېتىپ ئالدۇرغان كىشىلەرگە لەنەت قىلغان» – (تىرمىزى، «ھاراقنى ئاچچىقسۇ قىلىشتىن چەكلەش»، 59 (1295)).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر