مۇسۇلمانلار

كۆڭۈل ئېچىشنىڭ يولى

سوئال:
1ـ مۇۋاپىق كۆڭۈل ئېچىش بىلەن شۇغۇللانساق بولامدۇ؟ مەسىلەن: ناماز ۋە باشقا ئەمەل- ئىبادەتلىرىمىزگە دەخلى يەتكۈزمىگەن ئاساستا، ناخشا- مۇزىكا ئاڭلىساق، ئۇسسۇل ۋە تانسا ئوينىساق بولامدۇ؟ دېمەكچى.
2ـ سىز بىليارتخانىدىن كىرگەن كىرىم ھارام دەپ پەتىۋا بېرىپسىز! شۇنى بىلىڭكى، بىليارت بولسا بىر خىل تەنتەربىيە تۈرى، گەپ ئۇنى قانداق ئىستېمال قىلىشتا، مەسىلەن مەن بىليارتخانا ئاچتىم دەيلى، مەن بىليارتخانا ئىچىدە قىمار خاراكتېرىنى ئالغان ھەرىكەتلەرنى مەنئى قىلسام، تاپقان پۇلۇم يەنىلا ھارام بولامدۇ؟؟؟
3- جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، مۇشۇ يېڭىلىقلارنى قانداق ئىستېمال قىلساق ئاندىن ئىسلامغا يۈز كېلەلەيمىز؟
جاۋاب:
1- سىزنىڭ ئەمەل-ئىبادەتلىرىمىزكە دەخلى يەتكۈمەي ئويۇن-تاماشا بىلەن كۆڭۈل ئاچساق بولامدۇ؟ دېگەن سۆزىڭىز گۆشگىردىنىڭ قىيمىسىغا مۇۋاپىق مىقداردا ھارام گۆش ئارىلاشتۇرساق، يەنى گۆشگىردىنىڭ قىيمىسىنى ھالال گۆش، پىياز ۋە دورا-دەرمەكلەر بىلەن ئادەتتىكىدەك قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا چوشقا گۆشى ئارىلاشتۇساق بولامدۇ؟ دېگەن سۆزگە ئوخشايدۇ.
قېرىندىشىم! مۇسۇلماننىڭ كۆڭلى قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش ۋە چۈشىنىش، ئاللاھقا ئەمەل-ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا زىكىر-تەسبىھ ئېيتىش، ئاللاھقا دۇئا قىلىش، ئىلىم-مەرىپەت ھاسىل قىلىش قاتارلىقلار بىلەن ئېچىلىدۇ. بۇلار بىلەن ئېچىلمىغان كۆڭۈلدە بۇزۇقلۇق مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز كۆڭلىڭىزنى ئىلاھىي دورىلار (ئەمەل-ئىبادەتلەر) بىلەن داۋالىغايسىز!
2- تىجارەت مال ياكى ئىش ئېلىم-سېتىمىدىن ئىبارەتتۇر. سىز بىليارتخانىڭىزدا نېمە ساتىسىز؟ مالمۇ؟ ياكى ئىشمۇ؟ ياكى سىز ئىنسانلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزۈشكە شارائىت تەييارلاپ بەرگەنلىكىڭىزگە ھەق ئالىدىغان بىرىمۇ؟
3- يېڭىلىقلارنىڭ ئۆزىڭىزگە لازىم بولغانلىرىنى ئىسلامنىڭ ھېچبىر ئەمرىگە خىلاپلىق قىلماسلىق ۋە ھېچكىمنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلماسلىق شەرتى بىلەن ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر