مۇسۇلمانلار

كۆز قارىچۇقى سېلىشقا بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
ھازىرقى قىزلارنىڭ كۆزىگە كۆز قارچۇقى سىلىۋىلىپ، ئۆزىنىڭ چىرايىنى دەپ ساق كۆزىگە تاقاپ خۇدايى تائالا بەرگەن بىر جۈپ چىرايلىق كۆزى تۇرۇپ شۇنداق كۆزلەرنى سالسا بولامدۇ؟
قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرسىڭىز…؟ـــ ئىرفان
ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
بولمايدۇ. ئەلۋەتتە ھارام بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئالدامچىلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم ئالدامچىلىق قىلسا، ئۇ بىزدىن ئەمەستۇر»- (مۇسلىم، ئىمان 164؛ تىرمىزى، بۇيۇئ 74؛ ئەبۇداۋۇد، بۇيۇئ 52؛ ئىبنى ماجە، تىجارەت 36).
 شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۇنداق نەرسىنى كۆزىڭىزگە سالماڭ. سالغانلارغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىپ قويۇڭ. چۈنكى بىر يامان ئىشنى كۆرگەن مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى ئۇ يامان ئىشنى قىلغانلارغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىپ قويۇشتۇر، خالاس. ئۇلار ئەمەل قىلامدۇ، قىلمامدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى. شۇنى ئۇنتۇماڭكى:
 ھەر كىشىنىڭ دوزاخقا كىرىش ئەركىنلىكى بار. بۇ ئەركىنلىكنى ئۇلارغا ئاللاھ بەرگەنلىك ئۈچۈن سىز ھېچكىمنى ھىدايەتكە زورلىيالمايسىز. يامان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلارغا قولىڭىزدىن كېلىشىچە نەسىھەت قىلىڭ، ئەمەل قىلامدۇ، قىلمامدۇ؟ ئۆزىنىڭ ئىشى. سىز يولىڭىزغا مېڭىۋېرىڭ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ عَلَيْكُمْ أَنفُسَكُمْ لاَ يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ إِلَى اللّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعاً فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ {105}»- سورة المائدة (5)
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»مائىدە سۈرىسى، 105 – ئايەت.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن سىزگە نەسىھىتىم:
 سىز باشقىلار ھەققىدە: «ئۇنداق قىلىدۇ، مۇنداق قىلىدۇ، ئانىڭغا قىزىيقىدۇ، مانىڭدىن سۇغۇيدۇ…»، دەپ «كاللا قاتۇرۇپ كېتىش» تىن بەكراق ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئويلۇنۇڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئائىلىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراڭ. سىز قانچىلىك مۇسۇلمان؟ قانچىلىك ئىنسان؟ ئائىلە-تاۋابىئاتىڭىزنىڭ مۇسۇلمانچىلىقى قايسى دەرىجىدە؟…… مانا بۇ ھەقتە كاللا قاتۇرسىڭىز توغرا ئىش قىلغان بولىسىز.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَاراً وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَا يَعْصُونَ اللَّهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ {6}»- سورة التحريم (66)
«ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى ئوتتىن ساقلاڭلار. ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلاردۇر ۋە تاشلاردۇر. ئۇنىڭ بېشىدا قوپال ۋە قاتتىق قول پەرىشتىلەر بار. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئەمرلەرنى ئىجرا قىلىدۇ»- تەھرىم سۈرىسى 6- ئايەت.
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر