مۇسۇلمانلار

كىچىك خەتمە دېگەن نېمە؟ چوڭ خەتمە دېگەنچۇ؟

بىرقانچە كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ،  قۇرئان كەرىمدىن بىر قانچە سۈرە ۋە بىرقانچە ئايەت تاللاپ، بۇنىڭغا ئەرەبچە، پارىسچە ۋە كونا ئۇيغۇرچە بولۇپ بىرقانچە سۆزنى قوشۇپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرىنى بىر كىشىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەلۇم بىر ساندا ئوقۇپ ئادەت بولۇپ كەلگەن نەرسىلەرنى، شۇ ئادەت بويىچە بىرقانچە كىشىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ بىر قېتىم ئوقۇشى بىر خەتمە دېيىلىدۇ. يەتتە قېتىم ئوقۇشى كىچىك خەتمە ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا بىر كەپتەر ياكى بىر توخۇ قان قىلىنىدۇ.

ئەگەر ئۇلار ئۇ نەرسىلەرنى 11 قېتىم ئوقۇسا چوڭ خەتمە ئوقۇشقان بولىدۇ. بۇنىڭغا بىر قوي ياكى بىر ئۆچكە قان قىلىنىدۇ. بەزىدە بۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياكى قاتناشقۇچىلارنىڭ سانىغا قاراپ كالىمۇ قان قىلىنىدۇ.

قان قىلىنغان مالنىڭ گۆشى پىشۇرۇلۇپ شۇ خەتمىنى ئوقۇغۇچىلارغا ۋە شۇ سورۇنغا ھازىر بولغۇچىلارغا يېگۈزۈلىدۇ.

بۇ خەتمىنى ئوقۇشقا قاتناشقانلارنىڭ بەزىسى گۆش يېگۈسى كېلىپ قالسا، «قان قىلايلى، قان قىلىدىغان يېرىگە كېپقالدى» دەپ، خەتمە ئوقۇتقۇچىنى قان قىلىشقا ئالدىرىتىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ. بۇلارنىڭ نىيىتىنىڭ گۆش يېيىش ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالغانلارنىڭ ئارىسىدا مۇنداق بىر سۆزمۇ بار:

خەتمە ئوقۇغان موللامنىڭ قولىدا بار شېغىل تاش،
ئەمما ئۇنىڭ مەقسىتى گۆش بېسىلغان پولۇ ئاش.

خەتمە ئوقۇشنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئاساسى يوق. خەتمىنىڭ ئىچىدە ئىنساننى مۇشرىك قىلىۋىتىدىغان سۆزلەرمۇ بار. مەسىلەن:
1ـ يا ھەزرەتى سەييىدى شەيخ مۇھيىددىن، مۈشكىل كۇشايى بىلخەيرى ئەلمەدەد!
بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىسى، ئى مۇھيىددىن ئىسىملىك ھۆرمەتلىك خوجايىن! مۈشكۈلۈمنى ياخشىلىق بىلەن ھەل قىلىپ بەر! ئۇلار مۇھيىددىن ئىسىملىك بىر ئىشاننى ياردەمگە چاقىرىشىدۇ.

2 ـ يا ھەزرەتى غەۋس ئەغىسنا!
تەرجىمىسى، ئى ياردەم قىلغۇچى، بىزگە ياردەم قىل. ئۇلار بۇ يەردىكى ياردەم قىلغۇچىدىن ئابدۇلقادىر جىيلانى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشىنى مەقسەت قىلىشىدۇ.

مانا بۇنداق سۆزلەرنى سۆزلەش ئاللاھقا ئوچۇق ـ ئاشكارا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدۇ.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا بۇنىڭدىن باشقا رەدنامە ئوقۇش، قەسىدە ئوقۇش… دېگەندەك بىرقانچە تۈرلۈك «ئوقۇش» لار بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىدئەت ئىشلار بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

خەتمىنىڭ پايدىسىغا كەلسەك، ئوقۇتقۇچىغا زىيان بار: قان قىلىنغان مال؛ بۇنىڭ يېنىدا ھېلىقى شېرىك سۆزلەرنى قىلىش ۋە قىلىشقا ياردەملىشىش تۈپەيلىدىن ئىمانىغا دەخلى يېتىدۇ.

ئوقۇغۇچىغا پايدىسى بار: مۇشۇ باھانە بىلەن گۆش يەۋىلىش ۋە بىر مىقدار پۇلغا «دۇئا قىلىش»

ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى شېرىك،  بىدئەت ۋە خۇراپاتتىن ساقلىسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر