مۇسۇلمانلار

كاپىرنىڭ سوۋغىتىنى ئېلىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
مۇسۇلمان كىشى غەيرىي مۇسۇلمان كىشى بەرگەن نەرسىنى قوبۇل قىلسا بولامدۇ؟ مۇنداقلا دېسەم:
مەن پويىزدا مۇسۇلمان بىر كىشىنىڭ بالىسىغا غەيرىي مۇسۇلماندىن بىر كىشى مېۋە بەردى، لېكىن ھېلىقى مۇسۇلمان كىشى ئۇ مېۋىنى بالىسىدىن ئېلىۋىلىپ تاشلىۋەتتى، بۇ بىرسى.
ئككىنچى بىرى بەزىدە غەيرىي مۇسۇلمان كىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن تاماقتا بىرگە بولىمىز، تاماق پۇلىنى غەيرىي مۇسۇلمان كىشى بېرىدۇ.
ئۈچىنجى بىرى بەزى غەيرىي مۇسۇلمان بىلەن ئالاقە قىلغاندا بىزگە بەزىدە پۇل بەزىدە ماددىي نەرسىلەرنى سوۋغات قىلىدۇ.
بىز مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بىز ئۇ غەيرىي مۇسۇلماننىڭ مال ـ مۇلىكىنىڭ ھالالدىن ياكى ھارامدىن تاپقانلىقىنى بىلمەيمىز. مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا قانداق قىلىمىز؟ بۇ توغرىدا جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ رھمەت قىلسۇن.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئالدى بىلەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىمان كەلتۈرۈش كېرەككى:
ئاللاھ تەئالا ھالال قىلىش ياكى ھارام قىلىش ھوقۇقىنى ھېچكىمگە بەرمىگەن. دەلىلگە ئاساسلانماستىن «ماۋۇ ھالال، ئاۋۇ ھارام» دېگۈچىلەر ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«تىللىرىڭلار توقۇغان يالغانغا ئاساسلىنىپ: ‹ئۇ ھالال، بۇ ھارام› دېمەڭلار. بولمىسا ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان بولىسىلەر. ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ»- نەھل سۈرىسى 116- ئايەت.
ئاللاھنىڭ دىنىدا ھارام ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
1- ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا تومۇردىن ئېقىپ چىققان قان، چوشقا گۆشى ۋە ئاللاھدىن غەيرىينىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان… قاتارلىق ھارام. بۇ تۈرلۈك ھارام، ھالال پۇلغا سېتىۋالسىمۇ ھاراملىقى ئۆزگەرمەيدىغان ھارامدۇر.
مانا بۇلار ھېچبىر زامان ھالاللىققا ئايلانمايدۇ. لېكىن ئىلاجىىسزقالغان كىشىنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئۇلاردىن ئستېمال قىلىشىغارۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ، بۇنداق كىشىگە ئۇ نەرسىلەر ھالال دېگەنلىك ئەمەس. ئەكسىچە قاتتىق قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان ئادەمنىڭ مەلۇم مىقداردا ئىستېمالقىلىشىغا رۇخسەت بېرىلىگەنلىكتۇر.
2- ئۆزى ھالال، لېكىن ئۇنى قازىنىش يولى ھارامدۇر. بۇ خىل ھاراملارقازانغۇچىغا ھارام، باشقىلارغا ھارام ئەمەس. مەسىلەن: بىر كىشىنىڭ ھاراميوللاردىن تاپقان پۇلىغا ئالغان ھالال نەرسىلىرىنى باشقىلارنىڭ يېيىشى ھارام ئەمەس.
شۇنىڭدەك، بىر كاپىرنىڭ بۇغداي، قوناق، مېۋە-چىۋە، سەي-كۆكتات ۋە ھاكازالىرى ھارام ئەمەس. مۇسۇلمانلار ئۇ نەرسىلەردىن سېتىۋېلىپ يېسە بولىدۇ، ئۇ غەيرىي مۇسۇلمان ئۇ نەرسىلىرىدىن بىر مۇسۇلمانغا سوۋغات قىلسا بۇ مۇسۇلمان ئۇ نەرسىنى يېسە بولىدۇ. بۇنىڭدا ھېچ شەك يوق.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كۈن جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان نەزىر ـ چىراغ، توي ـ تۆكۈن ۋە باشقائادەمگەرچىلىكلەردە داستىخانغا قويۇلۇۋاتقان يېمەكلىكلەر ۋە ئىچىملىكلەربىرىنچى خىل ھارامدىن بولمىسىلا ئۇلارنى ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ.
ئەگەر مۇسۇلمانلارغا، ئالدىغا كەلگەن ھالال نەرسىلەرنىڭ قولغاكەلتۈرۈلۈش يولىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى يۈكلەنسە ئىدى، جەمئىيەتتە ھېچبىر ئىشئالدىغا ماڭمىغان بولاتتى. مېھرىبان ئاللاھ بەندىلىرىنى بۇنداق بىر ئىشقابۇيرۇمىغان.
سىز ئويلاپ بېقىڭ: سىز سېتىۋالمىسىڭىز بولمايدىغان بىر ھالال نەرسە بار. سىزئۇ نەرسىنى ساتىدىغان يەرگە بېرىپ ئىگىسىدىن، «سىز بۇ نەرسىنى نەدىنئالغانتىڭىز؟ قانداق پۇلغا ئالغانتىڭىز؟ سىزگە ساتقان ئادەم قانداق پۇلغائېپتىكەن؟ ئۇنىڭغا ساتقان ئادەمچۇ؟……………» دەپ سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىسىڭىز، پەقەت شۇ بىر نەرسىنى سېتىۋېلىپ ئۆزىڭىزنىڭ قىلىشىڭىز ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقتىڭىز كېتەر؟
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، سىزنىڭ يېنىڭىزغا ساتماقچى بولغان ھالال بىر نەرسىسىڭىزنى سېتىۋالغىلى كەلگەن بىر كىشىدىن سىز: «سىز مەندىن بۇنەرسەمنى سېتىۋالىدىغان پۇلنى نەدىن تاپقانتىڭىز؟ سىزگە بەرگەن كىشى نەدىنتېپىپتىكەن؟ ئۇ چۇ؟ ئۇ چۇ؟…… سىز بۇ نەرسەمنى مەندىن سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇنى نېمىگە ئىشلىتىسىز؟» دەپ سوراشقا باشلىسىڭىز ۋە ئۇلارنى تېپىپسوراش ئۈچۈن شەھەرمۇشەھەر، يۇرتمۇيۇرت ماڭغىلى تۇرسىڭىز، بارلىق ئىشلىرىڭىزنى تاشلاپ پەقەت شۇ بىر ئىش ئۈچۈن بىرقانچە يىللىقھاياتىڭىز كەتمەسمۇ؟
بىر نەرسە سېتىۋالماقچى ياكى ساتماقچى بولغان بارلىق مۇسۇلمانلارنىمۇشۇنداق تەكشۈرۈش ئىشىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلساق، كۆزئالدىمىزدىن قانداق بىر مەنزىرە ئۆتەر؟ ئەقىلغا، مەنتىققا ۋە فىترەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان دىنمىز ئەنە شۇنداق بىر ئىشقا ئەمر قىلارمۇ؟
شۇنىڭ ئۈچۈن غەيرىي مۇسۇلمانلارنىڭ (كاپىرلارنىڭ) بەرگەن ھەدىيە ۋە سوۋغاتلىرى بىرىنچى تۈرلۈك ھارامدىن بولمىسىلا ئۇنى قوبۇل قىلىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ھەدىيە (سوۋغات) بېرىشى، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشى، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى دىنىمىزدا چەكلەنمەيدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ سىلەرنى دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن توسمايدۇ. ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئاللاھ سىلەرنى پەقەت دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە چىقىرىشقا ياردەملەشكەن كىشىلەرنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ. كىم ئۇلارنى دوست تۇتسا، ئۇلار زالىملاردۇر»- مۇمتەھىنە 60/8-9.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى:
ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى غەيرىي مۇسۇلمانلار (مۇسۇلمان بولمىغانلار) دىن ئايرىلىپ ياشاشقا، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە بۇيرۇمايدۇ. يەنى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش شەرتىگە رىئايە قىلغان ھالدا مۇسۇلمان ئەمەسلەر بىلەن دۇنيالىق ئىشلاردا ئارىلىشىپ ئۆتسە بولىدۇ. مەسىلەن:
مۇسۇلمانلار غەيرىي مۇسۇلمانلار بىلەن بىر جايدا ياشىسا، ئۇلار بىلەن تىجارەت قىلىشسا، تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە بارسا، ياكى ئۇلار بۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە كەلسە، ئۇلار بىلەن باردىكەلدى قىلىشسا، ئۇلارنىڭ سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلسا، ئۇلارغا سوۋغات بەرسە ۋە بىر داستىخاندا ئولتۇرۇشسا بولىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئىسلام دىنى نۇرغۇنلىغان جايلارغا تىجارەتچى مۇسۇلمانلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن تارقالغان.
مۇسۇلمان قەيەردە بولسا بولسۇن ۋە كىملەرنىڭ ئارىسىدا بولسا بولسۇن ئەقىدىسىنىڭ توغرا، ئىبادىتىنىڭ تۈزۈك، ئەخلاقىنىڭ گۈزەل، مۇئامىلىسىنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ھارامدىن، بولۇپمۇ كىشىنىڭ ھەققىدىن، ناچار ئەخلاق ۋە يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى بەك مۇھىم.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر