مۇسۇلمانلار

كاللىنىڭ چىشىنى چېقىش كېرەكمۇ؟

جاۋاب:

قوينىڭ بېشىنى پۇشۇرغاندا چىشىنى چاقمىسا، مەكرۇھ ياكى ھارام دېگەن سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. چۈنكى شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئۇيغۇن ھالدا بوغۇزلانغان قوينىڭ بېشىنىڭ ھالاللىقىدا شەك يوق. قوينىڭ، (كۆشىگەندىكى نەرسىلەردىن) چىشلىرىنىڭ ئارىسىدا قېپقالغانلىرى يۇيۇش بىلەن پاكلىنىدۇ. چۈنكى دىنىمىز ناپاك نەرسىنى پاكلاش ئۈچۈن چېقىشقا ئەمەس، يۇيۇشقا بۇيرۇيدۇ. لېكىن دىنىمىز قوينىڭ بېشىنى ئۇنىڭ چېشلىرىنى چېقىپ، ئاندىن يۇيۇپ پاكلىماقچى بولغانلارنى، ئۇنداق قىلىشتىن مەنئى قىلمايدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا گۆشىنى يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ باشلىرىنى پاكلىغاندا چىشلىرىنى چېقىش شەرتمۇ ئەمەس، ھارام ياكى مەكرۇھمۇ ئەمەس. بۇ، شۇلارنى يېگۈچىلەرنىڭ ئىختىيارىغا قويۇلغان بىر ئىشتۇر. خالىغان كىشى يۇيۇپ پاكلايدۇ، خالىغان كىشى ھەم چېقىپ ھەم يۇيۇپ پاكلايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر