مۇسۇلمانلار

قەلبنىڭ مۆھۈرلىنىشى

قەلبنىڭ مۆھۈرلىنىشى
 
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
 
خَتَمَ اللَّهُ عَلَى قُلُوبِهِمْ وَعَلَى سَمْعِهِمْ وَعَلَى أَبْصَارِهِمْ غِشَاوَةٌ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ. 
 
« ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە بىر تۈرلۈك پەردە بار. ئۇلار ئۈچۈن چوڭ بىر ئازاب بار»-بەقەرە،2/7.
بۇ ئايەتتە، ئەسكى ئىشلاردىن كېلىپ چىققان يامان ئاقىۋەتلەر ئىستىئارە  يولى ئارقىلىق بايان قىلىنغاندۇر. ئىستىئارە، لۇغەتتە (بىر نەرسىنى ئارىيەت ئېلىش) دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەدەبىياتتا بولسا، بىر سۆز ياكى جۈملىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە جانلىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئوخشىتىش يولى بىلەن كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلگەن سۆز ياكى ئىبارىدۇر. مەسىلەن: باتۇر، قەھرىمان بىلەن تۇنۇشقان بىر كىشى مەن (بىر يولۋاس بىلەن تۇنۇشتۇم) دېسە، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ھەقىقى يولۋاس بىلەن تۇنۇشقانلىقىنى مەقسەت قىلىشى مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، تۇنۇشقان كىشىنى بىۋاستە يولۋاسقا ئوخشىتىش ئارقىلىق ئىستىئارە قوللانغان بولىدۇ.
ئىستىئارە، بەزىدە تۇلۇق مەنىنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە ۋە ئىبارىلەردىمۇ قوللىنىلىدۇ. ئىستىئارىنىڭ بۇ تۈرىنى، (ئىستىئارە تەمسىلىييە) يەنى مۇرەككەپ ئىستىئارە ياكى تەمسىل  دېيىلىدۇ. مەسىلەن؛ ئىسراپخورلۇق قىلغان كىشىگە: (يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن)، مەخپى ئىش قىلىدىغان كىشىگە: (ساماننىڭ ئاستىدىن سۇ يۈرگىزىدۇ) دېگەن  سۆزلەر (ئىستىئارە تەمسىلىيە) تەمسىل خاراكتىرىدىكى ئىستىئارىدۇر. چۈنكى بۇ سۆزلەردە ھەقىقى مەنىنى مەقسەت قىلىش مۇمكىن ئەمەستۇر.  
يۇقىرىدىكى ئايەتتىمۇ ئىستىئارە ئۇسلۇبىنى قوللىنىش ئارقىلىق قۇرئانغا قارشى مەيداندىكى بىر تەرەپلىمىلىكلەرنى جانلاندۇرۇپ بېرىدۇ. ئىستىئارە ئۇسلۇبىدا ھەقىقى مەنىنى مەقسەت قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئايەتتىمۇ ھەقىقى مەنىنى مەقسەت قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنداق بولۇپ قالسا، بۇ ئىنسانلار جاۋابكار بولمايتتى. چۈنكى، قەلبى ۋە قۇلاقلىرى مۆھۈرلەنگەن، كۆزلىرىگە پەردە تارتىلغان بىر ئىنسان ئىماندىن سورالمايدۇ. بۇنىڭغا جاۋابكار بولمايدۇ. چۈنكى، «ئاللاھ ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ» . 
بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەردىكى ئىپادىلەر كۆچمە مەنىدە ئەمەس، ھەقىقى مەنىنى ئىپادىلەۋەتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئايەتلەردە تەمسىل ئۇسلۇبى قوللىنىلغاندۇر.
 
لَقَدْ حَقَّ الْقَوْلُ عَلَى أَكْثَرِهِمْ فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ . إِنَّا جَعَلْنَا فِي أَعْنَاقِهِمْ أَغْلَالًا فَهِيَ إِلَى الْأَذْقَانِ فَهُمْ مُقْمَحُونَ . وَجَعَلْنَا مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ سَدًّا وَمِنْ خَلْفِهِمْ سَدًّا فَأَغْشَيْنَاهُمْ فَهُمْ لَا يُبْصِرُونَ . وَسَوَاءٌ عَلَيْهِمْ أَأَنْذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنْذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
  
«شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە سۆز ھەق بولدى . ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار سالدۇق. بۇ تاقاقلار ئۇلارنىڭ ئىڭەكلىرىگە يېتىپ تۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار باشلىرى كۆتۈرۈلۈپ قالغۇچىلاردۇر. بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، ئارقىسىدا بىر توسۇق پەيدا قىلدۇق. ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كۆرمەيدۇ . ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر. ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ»-ياسىن،36/7-10.
      -پروفېسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر
-قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلار
      

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر