مۇسۇلمانلار

قەغەز پۇل

2- قەغەز پۇل
قەغەز پۇل قەغەزدىن ياسالغان ۋە ئۈستىگە يېزىلغان قىممەت بىلەن تارقىتىلغان تۆلەش ۋاسىتىدۇر. بۇلارنى بەدىلى بولغان قەغەز پۇل ۋە بەدىلى بولمىغان قەغەز پۇل دەپ ئىككىگە ئايرىغىلى بولغاندەك، دۆلەت تەرىپىدىن بېسىلغان قەغەز پۇل، شەخسلەر ۋە مۇئەسسەسەلەر تەرىپىدىن بازارغا چىقىرىلغان قەغەز پۇل (دۆلەت بانكىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان پۇل، زايوم بېلىتى، چەك ۋە ھاكازا) دەپمۇ ئىككىگە ئايرىغىلى بولىدۇ.
ئا- بەدىلى بولغان قەغەز پۇل
بۇ دۆلەت خەزىنىسىدە، بانكىرلاردا ياكى بانكىلاردا بەدىلى قىسمەن يا تامامەن بار بولغان ياكى كەلگۈسى بىر تارىختا بەدىلىنىڭ تۆلىنىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان قەغەز پۇلدۇر. بۇنىمۇ دۆلەت باسقان قەغەز پۇل، شەخس ياكى مۇئەسسەسەلەر باسقان قەغەز پۇل، دەپ ئىككىگە ئايرىشقا بولىدۇ.
1- دۆلەت باسقان بەدىلى بار قەغەز پۇل
 بۇلار مۇئەييەن ئېغىرلىق ۋە پىرسەنتتىكى ئالتۇننىڭ ياكى كۈمۈشنىڭ بەدىلىدە بېسىلىپ بازارغا چىقىرىلغان پۇللاردۇر.
سۇلتان ئابدۇلمەجىدنىڭ تەختتە ئولتۇرۇشىنىڭ ئىككىنچى يىلى (1256 ھ/1840 م) ھەر بىرى بىر خالتا يەنى بەش ئالتۇن قىممىتىدە %8 ئۆسۈملۈك ۋە 8 يىل قەرەللىك ئوتتۇز ئىككى مىڭ خالتىلىق قائىمە چىقىرىلدى[1]. تولۇق ئىسمى «قائىمەئى مۇئتەبەرەئى نەقدىيە»دۇر. ئەسلىدە بۇلار كۈنىمىزدىكى مەنىدە قەغەز پۇل ئەمەس، ئالتۇن بەدىلىدە چىقىرىلغان ۋە پۇلغا ئوخشاش ئايلىنىشى مەجبۇرىي تۇتۇلغان دۆلەت زايوم بېلىتىى ئىدى. دەسلەپكى ئۆسۈمسىز قائىمەلەر 1850- يىلى ئىستېمالغا چىقىرىلغان.
قائىمەلەر بەزىدە ئىستېمالدىن قالدۇرۇلۇپ، بەزىدە قايتا ئىستېمالغا چىقىرىلغان، بۇ ئىش بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇنداق داۋاملاشقان[2].
بۇ تۈزۈمدە ئىستېمالغا چىقىرىلغان پۇل مىقدارىنىڭ خەزىنىدىكى قىممەتلىك مېتال زاپىسى بىلەن چەكلىك بولۇشى ياكى بەدىلىنىڭ كەلگۈسىدە ئالتۇن سۈپىتىدە تۆلىنىدىغان بولۇشى، قىممىتىنى كاپالەتلىك قىلىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ پۇلنىڭ قەغەز ھالىتىگە كېلىشى خەتەرلىك قىيىنچىلىقلار تۇغدۇرغان.
سۇلتان ئابدۇلمەجىدنىڭ دەۋرىدە 1857 م (1274 ھ) يىلى قائىمەلەرنىڭ قىممىتى چۈشۈپ يۈزلۈك ئالتۇن يۈز ئاتمىش قۇرۇشقا چىققان ئىدى، قائىمە بارغانسېرى چۈشەتتى ۋە مۇئامىلىلەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتەتتى. مۇنداق كېتىۋەرسە ئىقتىسادىي ئىشلارنى تۈزەتكىلى بولمايدىغانلىقى چۈشىنىلدى ۋە 1859- يىلى ئاپرېلدا (ھىجرىيە 1276-يىلى شەۋۋالدا) قائىمەنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا قارار بېرىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇلغان ھەيئەتكە ئەھمەد جەۋدەت پاشا باشلىق قىلىنغان. پاشا ئۇ زامانكى ئەھۋالنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:
«… ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار يۇقىرى پەللىگە چىققان، ئالتۇننىڭ باھاسى قائىمەنىڭ قىممەت يوقىتىش نىسبىتىدە كۈندىن-كۈنگە ئۆرلەپ ئىشلار توختاپ قالغان ئىدى. بۇنداق كېتىۋەرسە ئىقتىسادنى تۈزەتكىلى بولمايدىغانلىقى بايقالدى، شۇنىڭ بىلەن سەدرىئەزەم رۇشدى پاشا قائىمەنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا، بەدىلىنى راسلاش ئۈچۈن ئىستانبۇلنىڭ ئاقارلىرىدىن[3] ياردەم توپلىنىشىغا قارار قىلدى. بۇ ئىشلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن مېنىڭ باشچىلىقىدا بىر ھەيئەت قۇردى، بىرقانچە ئاي بۇ مۇھىم ئىش بىلەن مەشغۇل بولدۇق. قائىمەلەر توپلانغاندا بابى ئەلىدە خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا كۆيدۈرۈپ تاشلىنىشىنى رۇشدى پاشاغا ئەسلەتتىم. ئۇ ياق، ئۇ بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس، مالىيە نازىرلىقىنىڭ ئىشىدۇر، بىزنىڭ ئىشىمىز قائىمەلەرنى توپلىماقتۇر، دېدى. قائىمەلەر توپلىنىپ كاللەك-كاللەك كۆيدۈرۈپ تاشلانسا خەلقكە بىر ئىشەنچ كېلىدۇ، بىزنىڭمۇ ياردەم توپلاشقا يۈزىمىز بولىدۇ، دېدىم، لېكىن ئۇ ھېچكىمنىڭ پىكرىنى ياقتۇمايدىغان بىرى بولغاچقا بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمىدى.
قائىمەلەر توپلانغاندا مالىيە خەزىنىسىگە ئەۋەتەتتىم. بۇ شەكىلدە قائىمەنىڭ بۈيۈك بىر قىسمى توپلاندى، قالغان قىسمى بەش يۈز مىڭ خالتىنىڭ ئاستىغا چۈشكەندە ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشۈشكە باشلىدى. بۇ قائىمەلەر پەقەت ئىستانبۇلغا خاس بولۇپ، ئىسىتانبۇلدىن باشقا يەردە ئۆتمەيتتى. بۇ تەجرىبىدىن بىلىندىكى، ئىستانبۇل پەقەت بەش يۈز مىڭ خالتىلىق قائىمەنى كۆتۈرەلەيتتى، ئۇنىڭدىن ئارتۇقىغا چىداشلىق بېرەلمەيتتى. خەزىنە قىيىن ئەھۋالدا قالغان چېغىدا قائىمە باسقانلىقى ئۈچۈن قائىمەنىڭ باھاسى چۈشكەن ئىدى.
قائىمە مىقدارى ئىككى يۈز مىڭ خالتىنىڭ ئاستىغا چۈشكەندە يۈزلۈك ئالتۇن 105 قۇرۇشقا چۈشكەن ئىدى. پەقەت قالغان يۈز ئەللىك مىڭ خالتىلىقنىڭ بەدىلى بولمىغانلىقتىن رۇشدى پاشا ئۇنى تېپىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى.
بۇ ئەسنادا سارايدا پۇلغا بەك ئېھتىياج تۇيۇلغانلىقى، مالىيە نازىرى ھاسىب پاشادىن زور مىقداردا پۇل تەلەپ قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ بولسا بىز كۆيدۈرۈلسۇن دەپ ئەۋەتكەن قائىمەلەردىن يۈز مىڭ خالتلىقىنى سارايغا مەخپىي ئەۋەتكەنلىكى بىلىندى.
رۇشدى پاشا كېسەل بولۇپ قالغانلىقى ياكى كېسەل قىياپىتىگە كىرىۋالغانلىقى ئۈچۈن ھەرەمخانىدىن سىرتقا چىقمايدىغان بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە رامىزان كەلدى، شۇنىڭ بىلەن قائىمە يىغىش توختىدى، روزا ھېيتتا نامازگاھتا، بەزى توسالغۇلار سەۋەبىدىن قالغان قائىمەلەرنى يىغالمىغانلىقىنى ئۆزرە ماھىيىتىدە بىلدۈرۈپ ھېيتتىن كېيىن ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدىغانلىقى ۋە بىرنىڭمۇ كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى…»[4].
سۇلتان ئابدۇلئەزىز دەۋرىدە (1277-1293 ھ/1861-1876 م) ئىككى يېرىم مىليون خالتىلىق قائىمە بېسىلغان ۋە كۆپ ساندا قائىمەنىڭ بازارغا چىقىرىلىشى قىممىتىنى چۈشۈرۈۋەتكەن[5]. ئەھمەد جەۋدەت پاشا بۇ ئەسنادا مەيدانغا كەلگەن ھادىسىلەرنى مۇنداق ھېكايە قىلىدۇ:
«1278- يىلى جامادىيەلئەۋۋەلنىڭ ئاخىرلىرىدا (1861- يىلى دېكابىرنىڭ باشلىرى) ئىشكودرادىن[6] ئىستانبۇلغا كەلدىم، خەزىنىنى پەۋقۇلئاددە بىر قىيىن ئەھۋالدا كۆردۈم، بۇ ئەسنادا فۇئاد پاشانىڭ سەدرىئەزەم بولغانلىقىنى ۋە سۈرىيەدىن كېلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇم.
فۇئاد پاشا تېخى ئىستانبۇلغا كەلمەستىن بىر كۈن يۈزلۈك ئالتۇن 300 يۈز قائىمە قۇرۇشقا چىقتى، ئەتىسى ئۈچ يۈزدىن ئاشتى، ئاندىن تۆت يۈزگە چىقار-چىقماس قائىمە ھېچ ئۆتمەيدىغان بولدى، ئەمەلىيەتتە خەلقنىڭ قولىدا پەقەت قائىمە بار ئىدى، بەك كۆپ كىشى ئاچ قالدى.
 مېتال پۇلى (يەنى ئالتۇن ياكى كۈمۈش پۇلى) بولغانلارمۇ ئېھتىياتەن تۆت-بەش كۈنلۈك نان ئالدى. ناۋايخانىلاردىكى نانلار تۈگىدى ۋە كېيىن قالغانلار نان تاپالمايدىغان بولدى، ئارتۇق ئېلىۋالغانلاردىن زورلاپ ئېلىشقا ئۇرۇندى، دۇكانلار تاقالدى، ئىستانبۇلنى ئاجايىپ بىر دەھشەت ئىستېلا قىلدى، ھەر كىم نېمە قىلىشىنى بىلمەي ساراسىمىگە چۈشتى. كېچە ۋەكىللەر (مىنىستىرلار) يىغىلىپ ۋەزىيەتنى تاڭ ئاتقۇچە مۇزاكىرە قىلىشتى، ئەتىگىنى جاكارچىلار: «پادىشاھىمىزنىڭ تەنبىھى بار، جامەگە كېلىڭلار!» دەپ ۋارقىرىدى. ھەر كىم ھەيرانلىق بىلەن جامەلەرگە كەلدى ۋە تەنبىھلەرنى ئاڭلىدى. تەنبىھلەرنىڭ خۇلاسىسى مۇنداق ئىدى: قەغەز پۇلنىڭ ئېتىبارىنىڭ بۇنداق چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان بۇزغۇنچىلار جازالىنىدۇ ۋە يۈزلۈك ئالتۇننى يۈز ئاتمىش قۇرۇشتىن ئارتۇق ئېلىپ-ساتقانلار قاماققا ئېلىنىدۇ، دۇكانلارنىڭ ئېچىلىشى ۋە ھەر كىشىنىڭ ئېلىش-بېرىش بىلەن مەشغۇل بولۇشى لازىم!
شۇنى كۈنى ھامان ھاۋيار خانى (شۇ ۋاقىتلاردا ئىستانبۇلدىكى بىر تىجارەت مەركىزى) تاقالدى ۋە بەزى بۇزغۇنچىلار قاماققا ئېلىندى، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن 10 قۇرۇشلۇق قائىمەگە بىر ئالتۇن بېرىلىپ ئېلىم-سېتىم باشلاندى، مىڭلارچە كىشىگە ئالتۇن يېتىشتۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئادەملەر توپىنى يېرىپ ئۆتۈپ بىر ئالتۇن ئالغانلارنىڭ تولىسىنىڭ كىيىملىرى يىرتىلىپ پايدىسىدىن زىيىنى ئېشىپ كېتەتتى.
چوڭ ئېلىم-سېتىملەر توختاپ كەتكەن ئىدى، لېكىن تىجارەتچىلەر ئارىسىدا بۇ باھادا قائىمە كۈچكە ئىگە بولۇپ ئۇششاق-چۈششەك ئېلىم-سېتىملەر بولدى، ئاندىن فۇئاد پاشا ئىستانبۇلغا كېلىپ ئىش باشلىدى.  
  فۇئاد پاشا ئەھۋالنى پادىشاھقا ئېنىق مەلۇم قىلدى، زۆرۈر چارە-تەدبىرلەرنى قوللاندى، ياۋروپادىن بۈيۈك مىقداردا قەرز ئېلىپ خەزىنىگە بىرئاز نەپەس ئالدۇردى ۋە دەرھال قائىمەنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى قارار قىلدى[7].
مەن فۇئاد پاشا ياۋروپادىن ئالغان كۆپ مىقداردىكى ئۇ قەرز بەدىلىدە قائىمەنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن قۇرۇلغان ھەيئەتنىڭ ئىچىدە ئىدىم. فۇئاد پاشانىڭ پىكرى دۆلەت 100 قۇرۇش قىلىپ چىقارغان قائىمەگە يەنە يۈز قۇرۇش تۆلىگەن بولۇش ئۈچۈن %40 نەق، %60 كونسولىد[8] بېرىلىپ قائىمەلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئىدى، كۆپچىلىك ئۇنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلدى. مېنىڭ پىكرىم بولسا يۈزلۈك قەغەزگە بىر ئەللىكلىك بېرىش ئىدى، لېكىن مەن ئازچىلىقتا قالدىم، كۆپچىلىكنىڭ پىكرى ماقۇللاندى ۋە دۆلەت خەزىنىسى نۇرغۇن كونسولىد قەرزىنى زىممىسىگە يۈكلىگەن بولدى.
1279- يىلى رەبىئۇلئەۋۋەلگە توغرا كەلگەن ئاۋغۇست ئېيى (1862) ئاخىرىدا قائىمەلەر پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى»[9].
2- مەخسۇس ئورگانلار چىقارغان بەدىلى بار قەغەز پۇل
بۇلارنى بانكىنوت (نەق پۇل)، زايوم بېلىتى ۋە چەك دەپ سىنىپلاندۇرۇشقا بولىدۇ.
ئا- بانكىنوت
بانكا ۋە بانكىرلار پەقەت ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى ئامانەت قويغانلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىدىن قەرز تەلەپ قىلغان كىشىلەرگىمۇ بانكىنوت تەييارلاپ بېرەتتى. بۇ ھۆججەتلەر قىممەتلىك مېتاللارنى يۆتكەشتىكى قىيىنچىلىقلارنى ئاسانلاشتۇرغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇپراش، ئوغرىلىنىش ۋە تەغشىشىنىڭ[10] ئالدىنى ئالغانلىقى ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلەتتى[11].
بانكىنوتلار پۇلغا ئوخشاش ئايلىنىشقا ۋە مەقسەتنى ھاسىل قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بانكا ۋە بانكىرلارمۇ پۇل باسقان بولدى. بۇ يېڭى پۇلنى جەمئىيەت قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلدى. لېكىن بۇ ئەسنادا بانكىنوت ئەكېلىپ بەدىلىنى ئالغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولمىغانلىقى كۆزگە چېلىقتى. بۇنىڭدىن ئامانەت قويۇلغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ئارتۇق بانكىنوتنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى[12]. بۇ ئارتۇقلۇق ھەم خەلق ئىچىدە ئايلىنىۋاتقان پۇلنى ھەم بانكا ۋە بانكىرلارنىڭ كىرىمىنى ئارتتۇراتتى. بۇ تەجرىبە قەغەز پۇلنىڭ كەشىپ قىلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. بۇ سەۋەبتىن قەغەز پۇلغىمۇ بانكىنوت دېيىلدى.
ئە- زايوم بېلىتى        
زايوم بېلىتى ئۆسۈملۈك قەرز ھۆججىتىدۇر. بەرگەن قەرزنىڭ ئورنىغا زايوم بېلىتى ئالغان كىشى، ئۇنىڭ ئۆسۈمىدىن پايدىلىنىدۇ. بانكا ئامانەت پۇللارنىڭ ئىگىلىرىگە زايوم بېلىتى بەرگەن ۋە ئۇلار بۇنى پۇل سۈپىتىدە ئىشلەتكەن ئەھۋاللار بولغان. ئوسمانلى بانكىسىغا 4- فېۋرال 1863- يىلى ھەر بىرى 200 قۇرۇشلۇقتىن ئاز بولماسلىق شەرتى بىلەن زايوم بېلىتى چىقىرىش ھوقۇقى بېرىلگەن ۋە بۇ زايوم بېلەتلىرىگە پۇلغا ئوخشاش ئىستېمال قىلىنىش ئىمتىيازى بېرىلگەن ئىدى. بانكا دەسلەپكى ئىككى يىل ئۇلارنىڭ يېرىمىغا تەڭ نەقىد (مېتال پۇل) ساقلايدۇ، ئاندىن نەقىد ساقلاش مەجبۇرىيىتى ئەڭ ئاز ئۈچتە بىرگە چۈشىدۇ[13]. ئوسمانلى بانكىسى بۇ شەرتلەر بىلەن پۇل باسقان ۋە بازاردا ئايلىنىشقا چىقارغان ئىدى[14].
ب- قەيدىي پۇل
  بانكىرلار ساندۇقلىرىدىكى ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ بەدىلىدە بانكىنوت بەرگەندەك، بانكىلارمۇ ساندۇقلىرىدىكى پۇللارنىڭ بەدىلىدە چەك كىنىشكىسى بېرىدۇ. ھېساب ئىگىسى چەككە ئىمزا قويۇپ بانكىغا تۆلەش بۇيرۇقى بېرىدۇ، بانكا چەكتە يېزىلغان مىقداردىكى پۇلنى مۇناسىۋەتلىك كىشىگە تۆلەيدۇ، چەكلەر پۇل بولمىسىمۇ پۇلغا ئوخشاش ئىشلىتىلىدۇ، بۇلارنىڭ بەدىلى بانكا قەيتلىرىدە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇلار قەيدىي پۇل[15]، دەپ ئاتىلىدۇ.
قەيدىي پۇل دەسلەپتە مېتال پۇل تۈزۈمى ئومۇملاشقان دەۋرلەردە ئوتتۇرىغا چىققان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئەنگلىيە پادىشاھى چارلېس 1640- يىلى تىجارەتچىلەرنىڭ لوندون قەلئەسىدىكى زەرخانىدا ساقلىنىۋاتقان قىممەتلىك مېتال ۋە تاشلىرىنى مۇسادىرە قىلغاندا بانكىرلار مەخسۇس ساندۇقلار ياسىتىپ تىجارەتچىلەرنىڭ ۋە ئېسىلزادىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئامانەت قويغان ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ئۆز مال-مۈلۈكلىرى بىلەن بىرلىكتە ساقلاشقا باشلىغان. ئۇلار ئۆزلىرىگە نۆكچە (پۇل ھالىتىگە كەلتۈرۈلمىگەن مېتال) ياكى سىككە (مېتال پۇل) ئامانەت قويغانلارنىڭ بەزىسىگە «ھامىلىگە»[16] دەپ يېزىلغان مەقبۇز (ئىسپات) بەرگەن، بەزىسىگە ھېساب ئاچقان ۋە خەت يېزىپ بۇيرۇغان تەقدىردە خەتنى ئېلىپ كەلگۈچىگە بۇيرۇلغان پۇلنى بۇ ھېسابتىن ئاجرىتىپ بېرىشنى قوبۇل قىلغان. ھېساب ئىگىلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىر چەكنىڭ ئورنىدا ئىشلىگەن. «ھامىلىگە» دەپ يېزىلغان بۇ چەك ۋە مەقبۇزلەر بازاردا پۇلغا ئوخشاش ئىشلىتىلىشكە باشلىغان، ھەتتا بىر قىسىم كارخانىچىلار بۇ چەك ۋە مەقبۇزلەرگە تېخىمۇ ئىشەنچ قىلغان، ئۇلارنى نەق پۇلدىن ئەۋزەل كۆرگەن، چۈنكى ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ئۆلچىمى بەك مۇھىم. بانكىرلار بۇ ئىشلاردا مۇتەخەسسىس بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردا بولغان پۇلنىڭ ئېغىرلىق ۋە ئۆلچىمىگە ئىشەنچ قىلىناتتى.
بانكىرلار ساندۇقلىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرنىڭ ئارتۇق تەلەپ قىلىنمىغانلىقى، چەك ۋە مەقبۇزلەرنىڭ ئەۋزەل كۆرۈلگەنلىكىنى پۇرسەت بىلىپ، قوللىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرنىڭ نەق پۇل تەلىپىنى قاندۇرغۇدەك مىقداردا بولۇشىغا دىققەت قىلغان ھالدا، كىرېدىت تەلەپ قىلغانلارغا «ھامىلىگە» دەپ يېزىلغان مەقبۇز (بانكىنوت ياكى ئىسپات) بېرىشكە ۋە چەك يازالايدىغان بىرەر ئوچۇق ھېساب ئېچىشقا باشلىغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بەرگەن كىرېدىت قوللىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش زاپىسىنىڭ بىرقانچە ھەسسىسىگە چىققان، بازارنى بۇ چەك ۋە مەقبۇزلەر قاپلاپ كەتكەن.
بانكىرلار ساندۇقلىرىغا كىرگەن ھەر ئالتۇننىڭ ئۆزلىرىگە بىرقانچە ھەسسە ئارتۇق كىرېدىت تارقىتىش ئىمكانى بەرگەنلىكىگە قاراپ يېڭى ئامانەتلەر ئىزدەشكە باشلىغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئامانەت قويۇلغان پۇللار ئۈچۈن ساقلاش ھەققى ئېلىشى كۈتۈلۈۋاتتى، لېكىن ئۇلار ئامانەت پۇللارنىڭ ئىگىلىرىگە %6 ئۆسۈم بېرىشكە باشلىغان ۋە تېخىمۇ ئارتۇق ئامانەت پۇللارنىڭ كېلىشىنى تەمىن ئېتىشكە تىرىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئامانەت پۇللار ئۈچۈن تۆلىگەن ئۆسۈمى بىلەن كرېدىتتىن ئالغان ئۆسۈمىنىڭ بىر-بىرىگە يېقىن دېيىلگۈدەك دەرىجىدە ئاز بولۇشىغا قارىماي بايلىقلىرىنىڭ قانداق ئارتقانلىقىنى نۇرغۇنلىغان كىشى ئۇقالمىغان ئىدى[17].
بانكىلارمۇ ئوخشاش بىر تەجرىبىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە قەرەلسىز ئامانەتلەردىن كىرېدىت بەرگىلى بولىدىغانلىقىنى كەشىپ قىلغان. چۈنكى قەرەلسىز ئامانەت ھەجمىنىڭ بولۇشىچە تەرتىپلىك كېتىۋاتقانلىقىنى، بەزى ھېسابلاردىكى ئامانەتلەر قايتۇرۇپ ئېلىنسىمۇ ئېچىلغان يېڭى ھېسابلار بىلەن ئورنىنىڭ تولدۇرۇلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدى. ئۇلار كۈتۈلمىگەن تەلەپلەر ئالدىدا قىيىنچىلىقتا قالماسلىق ئۈچۈن ئامانەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى نەق ساقلىغان، بۇ بانكىچىلىق تىلىدا ساندۇق ئېھتىياتى ياكى ئېھتىياتى بەدەل، دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار كۆپرەك قەرەلسىز ئامانەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى قەرز بەرگەن كىشىلەرنىڭ نامىغا قەرەلسىز ھېساب ئېچىپ قەرزنى ئۇ يەرگە قەيت قىلىشقا باشلىغان.
قەيدىي پۇل مېخانىزمى تۆۋەندىكىدەك ئىشلەيدۇ:
 بانكىغا بىر مىليون لىرا قويۇلغانلىقىنى پەرەز قىلايلى، بانكا ئۇنىڭ بىلەن بىرىنچى كىشىگە بىر مىليونلۇق كىرېدىت ئاچىدۇ، ئۇنى ئۇ كىشىنىڭ ئوچۇق ھېسابىغا قەيت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە بىر چەك دەپتىرى بېرىدۇ، بۇ كىشى ئۇ پۇلنى ئالمىسا بانكا ئۇنى ئەينى ئۇسۇل بىلەن ئىككىنچى مۇشتەرىنىڭ ئوچۇق ھېسابىغا كىرېدىت سۈپىتىدە قەيت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغىمۇ بىر چەك دەپتىرى بېرىدۇ، 3. 4. 5. … بانكا شۇنداق قىلىپ ئۆزىگە ئامانەت قويۇلغان بىر مىليوننى ئونلارچە مۇشتەرىسىگە ئۆسۈملۈك قەرز سۈپىتىدە بەرگەن، شۇنداقلا چەكلەر يولى بىلەن بازارغا كۆپ مىقداردا قەيدىي پۇل چىقارغان بولىدۇ. بۇ ئىشنىڭ يۈرۈشى ئۈچۈن بانكىدىن نەق پۇل تەلەپ قىلىنماسلىقى كېرەك، لېكىن قولىدا بۇ چەكلەردىن بولغان بەزى كىشىلەر نەق پۇل تەلەپ قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا بانكىنىڭ ساندۇقلىرىدا پۇل بولۇشى كېرەك، بۇ سەۋەبتىن بانكىلار ساندۇق ئېھتىياتى تۇرغۇزۇش مەجبۇرىيىتىدىدۇر. بۇ بولسا بازارغا چىقىرىلىش ئېھتىمالى بولغان قەيدىي پۇلنى ئازايتىدۇ.
ھېسابقا كىرگەن ھەر پۇلنىڭ %10 ئېھتىيات قىلىپ تۇتۇلسا بانكىغا ياتقۇزۇلغان بىر مىليون لىرا سەۋەبىدىن بازارا چىقىش ئېھتىمالى بولغان قەيدىي پۇل ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىر يول تۇتۇلىدۇ:
مۇئامىلە
ئامانەت پۇل
ئېھتىيات
كىرېدىت
1
1.000.000
100.000
900.000
2
900.000
90.000
810.000
3
810.000
81.000
729.000
4
729.000
72.900
656.100
ن
….
…..
توپلام قەيدىي پۇل مىقدارى توققۇز مىليون 9.000.000   
ئامانەتلەرنىڭ قەرەلسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئىگىلىرىنىڭ ئۇلارنى چەك ئارقىلىق ئىشلەتكەنلىكىنى پەرەز قىلساق قەيدىي پۇلنىڭ مىقدارى ئون مىليونغا چىقىدۇ.
بانكا دەسلەپكى مۇئامىلىدە بىر مىليون لىرانىڭ يۈز مىڭىنى ئېھتىيات سۈپىتىدە ئايرىسا 900 مىڭ لىرا كىرېدىت تارقاتقان بولىدۇ. ئۇ بۇ 900 مىڭنى قەرەلسىز ھېسابقا ياتقۇزغانلىقى ئۈچۈن قايتا كىرېدىت بېرىش ئىمكانى تۇغۇلغان، بۇ قېتىم ئۇنىڭ 90 مىڭىنى ئېھتىيات سۈپىتىدە ئايرىپ، 810 مىڭ لىراسىنى ئىككىنچى كىشىگە كىرېدىت سۈپىتىدە بەرگەن، بىرقانچە مۇئامىلىدىن كېيىن بەرگەن كىرېدىت مىقدارى توققۇز مىليونغا، قەرەلسىز ئامانەت ئىگىسىگە بەرگەن چېكى بىلەن بىرلىكتە بازاردا ئايلىنىشقا چىقارغان قەيدىي پۇل ئون مىليونغا چىققان بولىدۇ.
بۇ دېگەنلىرىمىز خىيالدەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن، لېكىن چەكنى يازغان كىشىنىڭمۇ، ئېلىشىنى چەك ئارقىلىق ئالغان كىشىنىڭمۇ بىر بانكىدا قەرەلسىز ھېسابى بولىدۇ، چۈنكى بانكىلار قەرەلسىز ھېسابى بولمىغانلارنى چەك ئىشلەتكىلى قويمايدۇ. چەك ئېلىم-بېرىمى بولسا ئاساسەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ. قولىدا چەك بولغان تەرەپ پۇلنى ئۆزى ئېلىشنىڭ ئورنىغا چەكنى ھېسابى بولغان بانكىغا بېرىدۇ ۋە ئېلىشنى ئۇنىڭغا قويىدۇ. ئەگەر قەرزدارنىڭ ھېسابىمۇ ئۇ بانكىدا بولسا، بانكا چەكتە يېزىلغان مىقدارنى قەرزدارنىڭ ھېسابىدىن چۈشۈرۈپ ئېلىشى بولغان كىشىنىڭ ھېسابىغا يۆتكەپ قويىدۇ، شۇنداقلا نەق پۇل چىقارماستىن ئىشنى پۈتتۈرگەن بولىدۇ.
قەرز ئىگىسى ۋە قەرزدارنىڭ ھېسابلىرى پەرقلىق بانكىلاردا بولسا يەنىلا بانكىدىن نەق پۇل چىقماستىن ھېسابلار ئارىسى پېرېۋوت قىلىش بىلەن تۆلەش ۋە ئېلىش مۇئامىلىسىنى پۈتتۈرگىلى بولىدۇ، چۈنكى بۇ بانكىنىڭ مۇشتەرىلىرى قارشى بانكىنىڭ مۇشتەرىلىرىگە قانداق قەرزدار بولسا، ئۇنىڭ مۇشتەرىلىرىمۇ بۇنىڭ مۇشتەرىلىرىگە شۇنداق قەرزدار بولۇش ئېھتىمالى بولىدۇ. مەسىلەن: بىر بانكىنىڭ يەنە بىر بانكىدا بىر مىليون لىرالىق چېكى بولسا، ئۇ بانكىنىڭمۇ بۇ بانكىدا ئەينى تارىختا تۆلىنىدىغان بىر مىليون لىرالىق چېكى بولۇشى ۋە چەكلەرنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلىشى مۇمكىن بولىدۇ. بانكىلارنىڭ كۆپ ساندا شۆبىلىرى ۋە مۇشتەرىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئالماشتۇرۇش مۇئامىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئەھۋالىغا ئاساسەن بانكىلارنىڭ بىرىدىن يەنە بىرىگە يا ھېچ پۇل يوللانماستىن ياكى ئاز بىر پۇل بىلەن مۇئامىلە پۈتتۈرۈلىدۇ.
ئالماشتۇرۇش ئىككى بانكا ئارىسىدا ئەمەس، پۈتۈن بانكىلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىرىنچى بانكا ئىككىنچى بانكىدىن ئالغۇچى، ئۈچىنچىسىگە قەرزدار؛ ئىككىنچى بانكا بولسا ئۈچىنچى بانكىدىن ئالغۇچى بولۇش ئېھتىمالى بولىدۇ. ئۆزئارا قەرز ۋە ئېلىشلار تەڭ بولسا ھېسابلار ئارىسىدا قەيدى توغرىلاشلار بىلەن مۇئامىلە پۈتتۈرۈلىدۇ. ئەگەر بىر ئارتۇقلۇق بولسا قەرزدار بانكا ئېلىشى بولغان بانكىغا پەقەت بۇ ئارتۇقلۇقنى تۆلەيدۇ. بۇ مۇئامىلىلەر ھېساباتنى ئېنىقلاش جەمئىيىتى ئارقىلىق ئىجرا قىلىنىدۇ.
ئېھتىيات پىرسەنتى ئازايسا بانكا چىقىرىدىغان قەيدىي پۇل مىقدارى ئارتىدۇ. ئەگەر پىرسەنت %5 بولسا قەيدىي پۇل ئامانەت پۇلنىڭ يىگىرمە ھەسسىسىگە چىقىدۇ. ئېھتىيات پىرسەنتى ئارتقاندا بولسا قەيدىي پۇل مىقدارى چۈشىدۇ. مەسىلەن: پىرسەنت %20 بولسا قەيدىي پۇل مىقدارى ئامانەتنىڭ بەش ھەسسىسىگە قەدەر چىقىدۇ. بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر فورمۇلاسى بار:
م=ن/ر، يەنى قەيدىي پۇل مىقدارى= دەسلەپكى ئامانەتلەر/ئېھتىيات پىرسەنتى
 دۆلەتلەر تولا چاغدا پۇل پاخاللىقى دەۋرلىرىدە ئېھتىيات پىرسەنتىنى ئارتتۇرىدۇ، پۇل قىسلىقى دەۋرلىرىدە چۈشۈرىدۇ[18].
ھەممە بانكىنىڭ قانۇن-نىزاملارغا بويسۇنمايدىغانلىقى ۋە بىر قىسمىنىڭ چەك ئىمكانىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ تېخىمۇ كۆپ قەيدىي پۇل چىقىرىش ئېھتىمالى بارلىقى پەرەز قىلىنسا، قەيدىي پۇل مىقدارىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغىلىغى بولىدۇ. شۇنى ئەسلىتىش كېرەككى، بۇ يەردە زىكىر قىلىنغان چەكلەرنىڭ ھەممىسى قەرەلسىز، كۈنلۈك چەكلەردۇر. قەرەللىك چەك مەسىلىسى تۆۋەندە كېلىدۇ.
 

[1]– بۈيۈك لارۇس ئېنسىكلوپېدىيە ۋە سۆزلۈك، ئىستانبۇل، 1986، «بانكا» ماددىسى.

[2]– ئارتۇق، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 2- جىلد. 719-743؛ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىرىنچى تەرتىپ دۈستۇرلار ۋە زەيللىرى بىلەن ئىككىنچى تەرتىپ دۈستۈرلاردا ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن مەلۇماتلار زىكىر قىلىنىدۇ.

[3]– ئاقار توشۇغىلى بولمايدىغان مال، دېگەن مەنىگە كېلىدۇ. خەلق ئارىسىدا ئىجارىگە بېرىپ كىرىم قىلغىلى بولىدىغان نەرسىلەر، دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. (ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، ھوقۇقى ئىسلامىييە قامۇسى، 6- جىلد، 10- بەت).

[4]– ئەھمەد جەۋدەت پاشا، مەئرۇزات، (نەشرگە تەييارلىغۇچى يۇسۇف ھالاچئوغلۇ)، ئىستانبۇل 1980، 11-، 18- ۋە 19- بەتلەر.

[5]– ئارتۇق، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 2/722.

[6]– ئىشكودرا ئالبانىيەنىڭ شىمالىدا، يۇگوسلاۋىيەنىڭ چېگراسى يېقىنلىرىغا جايلاشقان بىر شەھەر. 

[7]– ئەھمەد جەۋدەت پاشا، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 39-41.

[8]– كونسولىد ئانا پۇلنى تۆلەش ۋاقتى ئېنىق بولمىغان، لېكىن ئۆسۈمى تۆلەنگەن زايوم بېلىتى.

[9]– ئەھمەد جەۋدەت پاشا، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 48-49.

[10]– تەغشىش ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ ئىچىگە باشقا ماددىلارنى قوشۇپ ئۆلچىمىنى چۈشۈرمەك، دېمەكتۇر. بۇ سۆز ئاشۇنداق تۆۋەن پىرسەنتلىك ئالتۇن-كۈمۈشتىن پۇل باسماق، دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ.

[11]– سەبرى ئورمان، مودەرن ئىقتىساد ئەسەرلىرىدە پۇل، كىرېدىت ۋە ئۆسۈم (پۇل، ئۆسۈم ۋە ئىسلام كىتابى ئىچىدە ئورۇن ئالغان بىر لېكسىيە)، ئىستانبۇل 1992، 10- بەت.

[12]– ئەرول زەيتىنئوغلۇ، ئىقتىساد تارىخى، ئىستانبۇل 1993، 138- بەت.

[13]– بانكا ئوسمانىيە ئىمتىيازنامەسى ئىلە نىزامنامەسى، 10- ۋە 11- ماددىلار، قاراڭ: 1- تەرتىپ دۈستۈر، 2- جىلد، 979- بەت، ئىستانبۇل 1289. ئوسمانلى بانكىسى 1856- يىلى ئىنگلىزلار تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، 1863- يىلى فىرانسۇزلار شېرىك بولغان. يۇقىرىدىكى نىزامنامىنىڭ «كىرىش»ىدە شېرىكلەر ئىسمى بىر-بىرلەپ سانالغاندىن كېيىن 1- ماددىدا بۇ كىشىلەرگە ئوسمانلى مەملىكىتىدە بىر دۆلەت بانكىسى قۇرۇش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما بۇ شۇنداق بىر ھوقۇقكى، بانكىنى ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ تەيىنلەشكە شېرىكلەر ھوقۇقلۇق (7- ماددا)، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بانكا ئۈستىدە پەقەت بىر تەپتىش قىلىش ھەققى بار. دۆلەت بۇنىڭ ئۈچۈن بىر نازىر ۋە خەزىنە بىلەن بانكا ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ئىشلارنى تەپتىش قىلىش ئۈچۈن بىر بوغالتىر تەيىن قىلىدۇ (3- ماددا).        

[14]– ئارتۇق، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر 2/719.

[15]– قەيت قىلماق يازماق دېگەن بولىدۇ، «قەيدىي پۇل» پەرەزىي پۇل، خىيالىي پۇل، ئىسمى بار، جىسمى يوق پۇل، چەكتە ياكى مەقبۇزدا مىقدارى يېزىلغان، لېكىن بانكىنىڭ ياكى بانكىرنىڭ ساندۇقىدا ئالتۇندىن ياكى كۈمۈشتىن بەدىلى بولمىغان پۇل، دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.

[16]– ھامىل كۆتۈرگۈچى، توشۇغۇچى، ئېلىپ كەلگۈچى دېگەن بولۇپ، ھامىلىگە مۇشۇ ئىسپاتنى ئېلىپ كەلگەن كىشىگە ئىسپاتتا يېزىلغان مىقداردىكى پۇل بېرىلىدۇ، دېگەن بولىدۇ.

[17]– فەرىدۇن ئەرگىن، كىرېدىت سىستېمىسى، ئىستانبۇل 1980، 9-10.

[18]– ئەلى ئۆزگۈۋەن، ئىقتىساد بىلىمىگە كىرىش، ئىستانبۇل 1983، 329-330.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر