مۇسۇلمانلار

قەست دېگەن نېمە؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
قەسىت قىلىش دېگەن نېمە؟ باشقىلارنىڭ قەستىدىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ؟ باشقىلار تەرىپىدىن قىلىنغان قەسىتنى قانداق قىلغاندا يوقاتقىلى بولىدۇ؟ – ئاتىللا
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
«قەست قىلىش»تىن ئەگەر سىز سېھىر قىلىشنى دېمەكچى بولسىڭىز ئۇنىڭ جاۋابى مۇنداق:
سېھىر، سېھرىگەرلىك دەپ بىر ئىش بار. بۇ ئىشنى ئاللاھدىن يىراقلاشقان، پاسكىنىلىقتا ۋە مەينەتلىكتە جىنلەرنىڭ كاپىرلىرى بىلەن ئوخشاش ھالەتكە  كەلگەن بەزى يامان ئىنسانلار يامان جىنلارنىڭ ياردىمى بىلەن بەزى ئىنسانلارغا قەست (سېھىر) قىلىدۇ. بۇنىڭ سېھىر قىلىنغان ئىنسانغا تەسىرى بولىدۇ.
 ئۆز زامانىسىدىكى يەھۇدىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلامغا سېھىر قىلغان. ئاللاھ تەئالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلامنىڭ سېھىرنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى سۈرىسى بولغان فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى نازىل قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسەلام بۇ ئىككى سۈرىنى ئوقۇش ئارقىلىق سېھىرنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلغان ۋە بۇ ئىككى سۈرىنى ئەتە-ئاخشام ئوقۇپ تۇرۇشنى ئۈممىتىگە تەۋسىيە قىلغان. يەنە بىر ھەدىسىدە جىن-شەيتانلارنىڭ ئاپىتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئايەتەلكۇرسىي يەنى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 255-ئايىتىنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغان. بەقەرە سۈرىسى ئوقۇلغان ئۆيدىن جىن-شەيتانلارنىڭ قاچىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.
قۇرئان كەرىمدىكى ۋە ھەدىس شەرىفلەردىكى مۇناسىۋەتلىك يەرلەرگە قارىغان ۋاقتىمىزدا يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ بۇ شەكىلدىكى سۈيقەستلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى يولنى تۇتۇش لازىم:
1- بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز جايىدا ئادا قىلىش لازىم.
2- ھاراملاردىن يىراق تۇرۇش لازىم.
3- كىيىم-كېچەكنىڭ ئىسلامىي ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
4- ئۆيدە شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلارنىڭ بولماسلىقى، مەسىلەن: ئۆيدە ئىت بولماسلىقى، زۆرۈرەتسىز رەسىم ۋە قورچاقلارنىڭ بولماسلىقى، ئۆيدە رەسىملىك كىتاب، گېزىت-ژورنال…. بولماسلىقى لازىم.
5- «ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم- مەن قوغلاندى شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنىمەن»، نى كۆپ ئوقۇش لازىم.
6- ئايەتەلكۇرسىينى كۆپ ئوقۇش لازىم.
7- «لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىيكە لەھۇ لەھۇلمۇلكۇ ۋە لەھۇلھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىر- بىر ئاللاھدىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق، ئاللاھنىڭ ھىچ شېرىكى يوق، ئاللاھ يەككە-يېگانە پادىشاھتۇر، ھەمدۇسانالار ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.»نى ئەتىگەن ئاخشامدا ئاز دېگەندە يۈز قېتىم ئوقۇش لازىم.
8- فەلەق، ناس ۋە ئىخلاس سۈرىلىرىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەسلىك لازىم.
9- ياتىدىغان ئۆيدە يېتىشتىن بۇرۇن بەقەرە سۈرىسىنى بىر قېتىم ئوقۇش لازىم. بۇنى ئۈنئالغۇدىن ئوقۇتۇشقىمۇ بولىدۇ.
10- خالاغا كىرگەندە «ئاللاھۈممە ئىننى ئەئۇزۇ بىكە مىنەلخۇبسى ۋەلخەبائىس- ئى ئاللاھ، مەن پۈتۈن پاسكىنىچىلىقلاردىن ۋە ئەركەك – چىشى جىنلارنىڭ يامانلىقىدىن قېچىپ ساڭا سېغىنىمەن.»نى ئوقۇش لازىم.
11- ھەر كۈن بىر مىقدار قۇرئان ئوقۇش ياكى بىر مىقدار قۇرئان ئاڭلاش (ئۈنئالغۇدىن ئاڭلاشقىمۇ بولىدۇ).
مانا مۇشۇ يۇقاردىكى ئونبىر تۈرلۈك ئىشنى قىلغانلار يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قەستلىرىدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە «دۇئا قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار» گە ئوخشاش دۇئا كىتابلىرىنى تېپىپ ئۇ كىتابتىكى دۇئالارنى يادلاپ ھەر بىرىنى ئۆز جايىدا ئوقۇش كېرەك.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر