مۇسۇلمانلار
قەرز ۋە نېسى مۇئامىلىسىدە رىئايە قىلىنىدىغان شەرتلەر 1

قەرز ۋە نېسى مۇئامىلىسىدە رىئايە قىلىنىدىغان شەرتلەر

قەرز ۋە نېسى مۇئامىلىسىدە رىئايە قىلىنىدىغان شەرتلەر

ئېلىم – سېتىمنى نەق قىلىشقىمۇ ياكى نېسىي قىلىشقىمۇ بولىدۇ. بۇ ئىككىلا شەكىلدە قىلىنغان تىجارەتنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن شەرتلىرى بولۇپ، تىجارەت نېسى بولغاندا ياكى قەرز ئېلىپ – بېرىشتە  رىئايە قىلشقا تېگىشلىك شەرتلەرنى ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتتە مۇنداق بايان قىلىدۇ:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا تَدَايَنتُم بِدَيْنٍ إِلَى أَجَلٍ مُّسَمًّى فَاكْتُبُوهُ وَلْيَكْتُب بَّيْنَكُمْ كَاتِبٌ بِالْعَدْلِ وَلَا يَأْبَ كَاتِبٌ أَن يَكْتُبَ كَمَا عَلَّمَهُ اللَّهُ فَلْيَكْتُبْ وَلْيُمْلِلِ الَّذِي عَلَيْهِ الْحَقُّ وَلْيَتَّقِ اللَّهَ رَبَّهُ وَلَا يَبْخَسْ مِنْهُ شَيْئًا فَإِن كَانَ الَّذِي عَلَيْهِ الْحَقُّ سَفِيهًا أَوْ ضَعِيفًا أَوْ لَا يَسْتَطِيعُ أَن يُمِلَّ هُوَ فَلْيُمْلِلْ وَلِيُّهُ بِالْعَدْلِ وَاسْتَشْهِدُوا شَهِيدَيْنِ مِن رِّجَالِكُمْ فَإِن لَّمْ يَكُونَا رَجُلَيْنِ فَرَجُلٌ وَامْرَأَتَانِ مِمَّن تَرْضَوْنَ مِنَ الشُّهَدَاءِ أَن تَضِلَّ إِحْدَاهُمَا فَتُذَكِّرَ إِحْدَاهُمَا الْأُخْرَى وَلَا يَأْبَ الشُّهَدَاءُ إِذَا مَا دُعُوا وَلَا تَسْأَمُوا أَن تَكْتُبُوهُ صَغِيرًا أَوْ كبِيرًا إِلَى أَجَلِهِ ذَلِكُمْ أَقْسَطُ عِندَ اللَّهِ وَأَقْوَمُ لِلشَّهَادَةِ وَأَدْنَى أَلَّا تَرْتَابُوا إِلَّا أَن تَكُونَ تِجَارَةً حَاضِرَةً تُدِيرُونَهَا بَيْنَكُمْ فَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَلَّا تَكْتُبُوهَا وَأَشْهِدُوا إِذَا تَبَايَعْتُمْ وَلَا يُضَارَّ كَاتِبٌ وَلَا شَهِيدٌ وَإِن تَفْعَلُوا فَإِنَّهُ فُسُوقٌ بِكُمْ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَيُعَلِّمُكُمُ اللَّهُ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ٢٨٢﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئۆزئارا قەرەللىك قەرز مۇئامىلىسى قىلىشقان چېغىڭلاردا ئۇنى يېزىپ قويۇڭلار. ئاراڭلاردىن خەت يازالايدىغان بىر كىشى ئۇنى ئادىللىق بىلەن يازسۇن. خەت يازالايدىغان كىشى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئۆگەتكىنىدەك يېزىشتىن باش تارتمىسۇن، يازسۇن. ھەق زىممىسىگە يۈكلەنگەن كىشى ئېيتىپ بەرسۇن. ئۇ رەببى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسۇن، قەرزىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتمىسۇن. ئەگەر ھەق زىممىسىگە يۈكلەنگەن كىشى ئەقىلسىز ياكى كۈچسىز بولسا ۋە ياكى ئېيتىپ بېرىشكە قادىر بولالمىسا ئۇنىڭ ۋەلىيسى ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن. ئەر كىشىلىرىڭلاردىن ئىككى گۇۋاھچىنى گۇۋاھچى قىلىڭلار. ئەگەر ئۇ ئىككى گۇۋاھچى ئىككى ئەر بولمىسا، ئۆزۈڭلار رازى بولىدىغان گۇۋاھچىلاردىن بىر ئەر ۋە ئىككى ئايال بولسۇن. بۇ ئۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئېزىپ قالسا يەنە بىرىنىڭ ئەسلىتىشى ئۈچۈندۇر. گۇۋاھچىلار چاقىرىلغاندا كەلمەي قالمىسۇن. سىلەر پۈتۈكچىلەر! قەرز كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن ئۇنى قەرەلى بىلەن بىرلىكتە يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا توغرا، گۇۋاھلىق ئۈچۈن ساغلام، شۈبھىلەنمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئۇيغۇن بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئاراڭلاردا نەق قىلىشىدىغان تىجارەت بولسا، ئۇنداق قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ. ئۇنى يازمىساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئېلىم – سېتىم قىلىشقان چېغىڭلاردا گۇۋاھچى ھازىر قىلىڭلار. پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن. ئەگەر ئۇلارغا زىيان يەتكۈزسەڭلار توغرا يولدىن چىققان بولىسىلەر. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۆگەتمەكتىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 282 – ئايەت).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر