مۇسۇلمانلار

قەرز ھۆججىتى سودىسى

4- فاكتورىڭ
فاكتور ئىنگلىزچىدە بىر شىركەتكە قەرز پۇل بەرگەن ياكى شېرىنكانە ئېلىپ، مال ساتىدىغان كىشى[1]، دېگەن بولىدۇ.
فاكتورىڭ «فاكتور» ياكى «فاكتورىڭ شىركىتى» نىڭ قەرەللىك مال ساتقان شىركەتلەرنىڭ ئېلىشلىرىنى سېتىۋېلىشى ياكى يىغىشنى ھۆددە ئېلىشى، دېمەكتۇر. فاكتورىڭ شىركىتى ھەر ئىككى ئەھۋالدا ئۈستىگە ئالغان ئېلىشلارنىڭ ھېساب-كىتاب ئىشلىرىنى تۇتىدۇ ۋە ئېلىشنىڭ ئېلىنىشى ئۈچۈن قانۇنىي يولغا مۇراجىئەت قىلىش داخىل كېرەكلىك بولغان ھەر تۈرلۈك خىزمەتنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
فاكتورنىڭ كىرىمى ئېلىشلارنى سېتىۋالغان تەقدىردە ئۆسۈم، ئېلىشنى ئۈستىگە ئالغان تەقدىردە شېرىنكانە بولىدۇ. سېتىۋالغان ئېلىشنى ئالالمىغان تەقدىردە ساتقۇچىنىڭ يېنىغا قايتىپ بارالمايدۇ. يەنى ئۇ زىياننى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ. فاكتور ئېلىش ھۆججەتلىرىنى دىسكونتمۇ قىلالايدۇ. بۇ ھۆججەتنى ئالدىنئالا نەقلەشتۈرگەنلىك، شۇنداقلا جازانىخورلۇق قىلغانلىقتۇر. بۇ ئەھۋالدا ئۇ ئېلىشنى ئېلىشتىن مەسئۇل بولمايدۇ.
فاكتورىڭ شىركىتىنىڭ پائالىيەتلىرى ئومۇمەن مۇنۇلاردىن ئىبارەت:
1 ـ ساتقۇچى شىركەتنىڭ قەرەللىك سودىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر تۈرلۈك ھېساب-كىتاب ئىشلىرى تۇتۇش.
2 ـ قەرەللىك سودىلاردىن تۇغۇلغان ئېلىشلارنى قەرەلىدە يىغىۋېلىش ۋە سۈرۈشتە قىلىش.
3 ـ ئۆزى سېتىۋالغان ئېلىشلارنى يىغالمىسا زىيانلارنى تولۇق تۆلەش.
4 ـ بولغۇسى ۋە مەۋجۇت خېرىدارلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات توپلاش.
5 ـ ماللارنىڭ سېتىلىش ساھەسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بازار ئەھۋالىنى ئىگىلەش.
ئېلىشنىڭ ھاۋالىسى، ھۆججىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بولىدۇ. فاكتورىڭ مۇئەسسەسەسى ئېلىشنىڭ بىر قىسمىنى چۈشۈرۈپ قالغىنىنى دەرھال تۆلەيدۇ.
فاكتورىڭ شىركىتىنىڭ بولغۇسى ياكى مەۋجۇت خېرىدارلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىشى، ئۇنىڭغا ئۆزى كېپىل بولىدىغان شىركەتنى تونۇتىدۇ، ساتقۇچى كارخانىنىڭ قەرەللىك سودىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر تۈرلۈك ھېساب-كىتاب ئىشلىرىنى تۇتۇشى مۇناسىۋەتلىك كارخانىنى يېقىندىن كۆزىتىش ئىمكانى بېرىدۇ، بازار ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات ئىگىلەپ تۇرۇشى ئۆزى كېپىل بولالايدىغان يېڭى كارخانىلارنى تېپىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ، ماللارنىڭ سېتىش ئىمكانلىرىنىڭ ئارتىشى ئەسلىدە ئۇنىڭ ئىش ھەجمىنىڭ ئارتىشى دېمەكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن فاكتورىڭ شىركىتى ئېلىپ بارغان پۈتۈن پائالىيەتلەر، ئالدى بىلەن ئۆز كىرىمنى ئارتتۇرۇش ۋە زىيىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈش پائالىيىتىدىن ئىبارەت.
فاكتورىڭ شىركىتى ئېلىشنى ھاسىل قىلىشنى ئۈستىگە ئالسا، بۇنىڭ ئۈچۈن پىرسەنت ئالسا بولىدۇ. ئەمما ئەگەر ئۇ ئېلىشنى سېتىۋالسا، بۇنىڭدىن قولغا كەلتۈرگەن كىرىمى ئۆسۈم بولىدۇ. ئۇنىڭ بىر ئاي قەرەللىك 100 لىرالىق بىر قەرز ھۆججىتى 95 لىراغا سېتىۋېلىشى ئۇنىڭ بىر ئاي كېيىن ئالىدىغان 100 لىرا بەدىلىگە 95 لىرا قەرز بەرگەنلىكى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۆسۈملۈك بىر مۇئامىلە ئىكەنلىكى ئېنىق. ئۇ قەرزدارغا كېپىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئېلىشنى ئالالمىغان تەقدىردە ئۇنى ئەسلىي قەرزداردىن تەلەپ قىلمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن مۇئامىلىنىڭ ماھىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ.

[1]– ئىنگىلىزچە-تۈركچە رېدھاۋس سۆزلۈكى، ئىستانبۇل، 1986.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر