مۇسۇلمانلار
قەدر كېچىسى 1

قەدر كېچىسى

قەدر كېچىسى

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

مۆھتەرەم قېرىنداشلار! دىنىمىز بىزگە ئاللاھ تائالاغا قانداق ئىبادەت قىلىشنى ۋە ئۇنىڭغا قانداق تەشەككۈر ئېيتىشنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭدەك قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنىڭ مەقبۇل، دۇئا-تىلەكلىرىمىزنىڭ ئىجابەت بولۇش ۋاقىتلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بەرگەن.

قەدر كېچىسى (شەبى قەدر) ئەنە شۇ خاسىيەتلىك ۋاقىتلارنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا بۇ كېچىنىڭ پەزىلىتىنى، ۋاقتىنى، بۇ كېچىدە ئىبادەت قىلىشنىڭ ھۆكمىنى ۋە قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ شەكلىنى بىلىۋېلىشىمىز ناھايىتى مۇھىمدۇر. تۆۋەندە بۇ توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىلىدۇ:

1- قەدر كېچىسى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى

قەدر كېچىسى ئەرەب تىلىدا لەيلەتۇلقەدر «ليلة القدر» دېگەن ئىزافەتلىك بىرىكمە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ بىرىكمىدىكى لەيلەتۇ «ليلة» نىڭ مەنىسى «كېچە» دېگەن بولىدۇ. ئەلقەدر «القدر» نىڭ مەنىسى بولسا، «كۈچ، مىقدار، دەرىجە، سەۋىيە، قىممەت، باھا، ئورۇن، مەرتىۋە، شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، بەلگىلەش، ھۆكۈم قىلىش» دېگەنلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئىككى سۆز بىرىكىپ بىر يىلنىڭ كېچىلىرىدىن بىر كېچىگە ئىسىم بولغان.

بۇ بىر كېچىنىڭ «قەدر كېچىسى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق:

ئا- قۇرئان كەرىم بۇ كېچىدە نازىل قىلىنىپ، بۇ كېچىنى باشقا كېچىلەردىن ئۇلۇغ، باشقا كېچىلەردىن شەرەپلىك، باشقا كېچىلەردىن قەدىر-قىممەتلىك قىلغان. بۇنىڭغا ئاساسەن «قەدر كېچىسى» دېگەن سۆز، «ئۇلۇغ كېچە، شەرەپلىك كېچە، قەدىر-قىممەتلىك كېچە» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ قەدر سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتىدىكى: «قەدر كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر» دېگەن سۆزى بىلەن دۇخان سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتىدىكى: «بىز قۇرئاننى مۇبارەك بىر كېچىدە نازىل قىلدۇق» دېگەن سۆزى بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئە- ئۇ كېچىدە شۇ بىر يىل ئىچىدە بولىدىغان ئىشلارنىڭ مىقدارى بەلگىلىنىدىغان ۋە شۇ بىر يىل ئىچىدە بولىدىغان ئىشلار يېزىلىدىغان بولغاچقا، ئۇ كېچە «قەدر كېچىسى» دەپ ئاتالغان. بۇنىڭغا ئاساسەن «قەدر كېچىسى» دېگەن سۆز، «بىر يىللىق ئىشلار تەقدىر قىلىنىدىغان كېچە» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ قەدر سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتىدىكى: «ئۇ، پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل، رەببىنىڭ ئىزنى بىلەن بارلىق ئىشلار ئۈچۈن چۈشىدىغان كېچىدۇر» دېگەن سۆزى بىلەن دۇخان سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتىدىكى: «ئۇ كېچىدە ھەر ھېكمەتلىك ئىش ئايرىلىدۇ» دېگەن سۆزى بۇ مەنىنى چۈشەندۈرىدۇ.

قەدر سۈرىسى ۋە دۇخان سۈرىسىنىڭ ئاۋۋالقى 4 ئايىتى «قەدر كېچىسى» دېگەن سۆزنىڭ، «بىر يىللىق ئىشلار تەقدىر قىلىنىدىغان ئۇلۇغ كېچە» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يۇقىرىدىكى مەنىلەرمۇ توغرا؛ لېكىن ئۇ مەنىلەر «قەدر كېچىسى» دېگەن سۆزنىڭ مەناسىنىڭ ھەممىسى ئەمەس، بەلكىدە بىر قىسمىدۇر.

قەدر ۋە دۇخان سۈرىلىرى (نىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىلىرى) تۆۋەندىكىچە:

حمٓ. وَٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُبِينِ.  إِنَّآ أَنزَلۡنَٰهُ فِي لَيۡلَةٖ مُّبَٰرَكَةٍۚ إِنَّا كُنَّا مُنذِرِينَ.  فِيهَا يُفۡرَقُ كُلُّ أَمۡرٍ حَكِيمٍ .

«ھا، مىم. روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى، بىز قۇرئاننى مۇبارەك بىر كېچىدە نازىل قىلدۇق. چۈنكى بىز ئاگاھلاندۇرغۇچىمىز. ئۇ كېچىدە ھەر ھېكمەتلىك ئەمر ئايرىلىدۇ»- (44 – سۈرە دۇخان، 4 -ئايەت).

إِنَّآ أَنزَلۡنَٰهُ فِي لَيۡلَةِ ٱلۡقَدۡرِ . وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا لَيۡلَةُ ٱلۡقَدۡرِ . لَيۡلَةُ ٱلۡقَدۡرِ خَيۡرٞ مِّنۡ أَلۡفِ شَهۡرٖ. تَنَزَّلُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَالرُّوحُ فِيْها بِإِذۡنِ رَبِّهِم مِّن كُلِّ أَمۡرٖ . سَلَٰمٌ هِيَ حَتَّىٰ مَطۡلَعِ ٱلۡفَجۡرِ .

«بىز قۇرئاننى قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق. قەدر كېچىسى نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟ قەدر كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر. ئۇ، پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل، رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بارلىق ئىشلار ئۈچۈن چۈشىدىغان كېچىدۇر. ئۇ، تاڭ يورۇغانغا قەدەر سالام كېچىسىدۇر»- (97 – سۈرە قەدر، 1 ~ 5 -ئايەتلەر).

2- قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى

يۇقىرىدىكى ئايەتلەردىن يەنى 44- سۈرە (دۇخان) نىڭ ئاۋۋالقى 4 ئايىتى بىلەن 97- سۈرە (قەدر) نىڭ ھەممە ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرىدىن قەدر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى توغرۇلۇق تۆۋەندىكى مەزمۇنلار چىقىدۇ:

ئا- قەدر كېچىسى مۇبارەك بىر كىچىدۇر.

ئە- قەدر كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر.

ب- ئۇ، تاڭ ئاتقۇچە سالام كېچىسىدۇر. يەنى، ئۇ كېچىنى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرگە پەرىشتىلەر تاڭ ئاتقۇچە توختىماي سالامەتچىلىك ۋە تىنچ-ئامانلىق تىلەپ تۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتى، ۋە پەزل-ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ، ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپى ۋە ئازابىدىن سالامەت قالىدۇ.

پ- قەدر كېچىسىنى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«قەدر كېچىسىنى ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىپ ۋە ساۋاب كۆزلەپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

3- قەدر كېچىسىنىڭ ۋاقتى

ئاللاھ تائالانىڭ: «بىز قۇرئاننى مۇبارەك بىر كېچىدە نازىل قىلدۇق»- (دۇخان 44/3)، «بىز قۇرئاننى قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق»- (قەدر 97/1) دېگەن سۆزلىرى قۇرئان كەرىمنىڭ «مۇبارەك، قەدر كېچىسى» دە نازىل قىلىنغانلىقىغا دالالەت قىلسا، «… رامزان ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻜﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﮬﻪﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﯘﭼﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ…»- (بەقەرە 2/185) دېگەن سۆزى «مۇبارەك قەدر كېچىسى» نىڭ رامزان كېچىلىرىدىن بىر كېچە ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

تۆۋەندىكى ھەدىسلەر بۇ كېچىنىڭ رامزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كېچىلىرىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ:

ئا- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قەدر كېچىسىنى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن ئىزدەڭلار»-( بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

ئە- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپقا كىرەتتى ۋە: «قەدر كېچىسىنى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئىزدەڭلار» دەيتتى- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)،

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزان كېچىلىرىنىڭ ئاخىرقى ئونى كىرگەندە، ئۇنىڭ كىچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، بۇ كېچىلەرنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈۋالسۇن دەپ ئاياللىرىنىمۇ ئويغىتاتتى، بۇ كۈنلەر بىلەن بۇ كېچىلەردە ئادەتتىكىدىن زىيادە ئىبادەت قىلاتتى، ئىبادەت قىلىشقا بىلىنى چىڭ باغلايتتى»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

دېمەك، قەدر كېچىسى رامزان ئېيىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن بىر كېچىدۇر. ئۇ كېچىدىكى رەھمەت ۋە بەرىكەتلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىلىرىدە ئىبادەتكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

بۇ كېچىنىڭ قايسى ئايدا ۋە قايسى ئون كېچىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكى بايان قىلىنىپ، قايسى كېچە ئىكەنلىكىنىڭ مەجھۇل ھالەتتە قويۇلىشى، بەندىلەرنىڭ بۇ رامزان ئېيىنىڭ كېچە-كۈندۈزلىرىدە، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئاللاھ تائالاغا كۆپرەك تائەت-ئىبادەت ۋە دۇئا-تىلەك قىلىۋېلىشى ئۈچۈندۇر.

4- قەدر كېچىسىدە ئىبادەت قىلىشنىڭ ھۆكمى

قەدر كېچىسىنى تائەت-ئىبادەت ۋە دۇئا-تىلەكلەر بىلەن ئۆتكۈزۈش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇستەھەپتۇر يەنى قىلسا ساۋاب بولىدىغان، قىلمىسا گۇناھ بولمايدىغان ئىشتۇر. چۈنكى دىنىمىزدا بىر ئىشنى قىلىشقا كەسكىن بۇيرۇلماستىن تەرغىب قىلىنغان بولسا، بۇ ئۇ ئىشنى قىلىشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

دىنىمىزدا قەدر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكىمۇ كەسكىن بۇيرۇلماستىن تەرغىب قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش مۇستەھەپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزمىگەنلەر گۇناھكار بولمايدۇ، لېكىن بۇ كېچىدىكى رەھمەت، مەغپىرەت ۋە بەرىكەتلەردىن مەھرۇم قالىدۇ.

5- قەدر كېچىسىدە قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قەدر كېچىسىنى ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىپ ۋە ساۋاب كۆزلەپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قەدر كېچىسىدە مۇنداق دەپ دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىپ قويغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئى ئاللاھ! سەن ئەپۇ قىلغۇچىسەن، ئەپۇ قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، مېنى ئەپۇ قىلغىن!»- (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).

بۇ ھەدىسلەرگە ئاساسەن بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش، بۇ كېچىدە پەرز نامازلارنى ئادا قىلغاندىن سىرت كۈچىنىڭ يېتىشىچە نەپلە ناماز ئۆتەش، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش ۋە مەنىلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش، زىكىر-تەسبىھ ئېيتىش (سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئەللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھ دېيىش)، دۇئا قىلىش، سەدىقە-زاكاتلارنى ئايرىش، ياتلىشىپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن ئۆزئارا يارىشىش… قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

خۇلاسە

قەدر كېچىسى پەزىلەتلىك، مۇبارەك ۋە ئۇلۇغ بىر كېچىدۇر. بۇ كېچىنىڭ ئىسمى ۋە خاسىيەتلىرى 97- سۈرە (قەدر) دە ۋە 44- سۈرە (دۇخان) نىڭ ئاۋۋالقى تۆت ئايىتىدە بايان قىلىنغان. 2- سۈرە (بەقەرە) نىڭ 185- ئايىتىدە بولسا، بۇ كېچىنىڭ رامزان كېچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ كېچىنىڭ رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىلىرىدىن تاق بىر كېچە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنى بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تەرغىب قىلغان، ئۆزىمۇ بۇنىڭغا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

ئاخىرقى سۆز

قېرىنداشلار! رامزان ئېيىدا قولىدىن كېلىشىچە ئىبادەت قىلغان، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن يوقسۇل-مىسكىنلەرنى ۋە ھاجەتمەنلەرنى يۆلىگەن، غېرىپ-مۇساپىرلارغا تاماق بەرگەن، يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلىغان ۋە روزىدارلارغا ئىپتارلىق بەرگەن مۇسۇلماننىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئاللاھ تائالا ھەرگىزمۇ يەردە قويمايدۇ. بۇنىڭغا ئىشىنىمىز ۋە ئىشىنىشىمىز لازىم.

شۇنىڭ ئۈچۈن رامزان ئېيىنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشكە، بولۇپمۇ قەدر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك!

يۇقارقى ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بۇ كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش، رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشىمۇ بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ناھايىتى مەنىلىكتۇر.

ئەسكەرتىش:

بەزى ئىلىمسىز ئىنسانلارنىڭ: «قەدر كېچىسىدە ئۇخلىماي ئولتۇرسا بولارمىش» دەپ بۇ ئۇلۇغ كېچىنى تېلېۋىزور كۆرۈپ ياكى بىرقانچە ئەخمەق بىر يەرگە يىغىلىپ قارتا ئويناپ ۋە ياكى ئۆزئارا قۇرۇق پاراڭ سوقۇشۇپ ئۆتكۈزۈشى، ئاللاھنىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلغانلىقتىن سىرت، ئۆزىنى ئالدىغانلىق بولىدۇ.

يەنە بىر گەپ، «قەدر كېچىسىدە بىر ئاقلىق ئۆتەرمىش، بۇنى كۆرگەن كىشى نېمىنى تۇتسا شۇ ئالتۇن بولۇپ قالارمىش…» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق.

مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر