مۇسۇلمانلار

قەبرىستانلىق يېنىدىن ئۆتكەندە دۇئا قىلامىسا گۇناھ بولامدۇ؟

جاۋاب:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا قەبىرلەردىكىلەرگە سالام بېرىشىمىزنى، شۇنداقلا ئۇلاردىن ئىبرەت ئېلىشىمىزنى ئۆگەتكەن. سالام بېرىش شەكلى تۆۋەندىكىچە:

«سالام سىلەرگە بولسۇن ئى قەبرىلەردىكى ئەر – ئايال مۇئمىن ۋە مۇسۇلمانلار. بىز سىلەرگە ۋە ئۆزىمىزگە ئاللاھ تائالادىن ئامان – ئېسەنلىك تىلەيمىز. بىزمۇ ئاللاھ خالىسا سىلەرگە قوشۇلىمىز».

سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك، دىنىمىزدا «قەبىرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىنىڭ توختاپ تۇرۇپ، قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشى كېرەك» دەپ بىر ھۆكۈم يوق. بۇنىڭغا ئاساسەن قەبىرلەرنى زىيارەت قىلىش نىيىتى يوق بىر كىشىنىڭ توختاپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشى كېرەك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كىشىگە يولۇچى دېيىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ قەبىر زىيارەتچىسى دېيىلمەيدۇ.

قەبىرلەرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن قەبرىستانلىققا كەلگەن كىشى قەبرىستاندىكىلەرگە يۇقىرىدىكى شەكىلدە سالام بەرسە، بىر مۇستەھەب (ياخشى) ئىش قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئالىدۇر.

ئەگەر «تېز سۇرئەتلىك قاتناش قورالى بىلەن قەبرىستانلىق يېنىدىن ئۆتۇپ كېتىپ بارغاندا توختاپ تۇرۇپ دۇئاغا قول كۆتۇرۈش» دىنىمىزنىڭ بىر ئەمرى بولۇپ، بۇ ئەمىرگە قەبرىستانلىقنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى بويسۇنغىلى تۇرسا، قەبرىستانلىقنىڭ ئەتراپىدىكى يوللاردا قاتناش قوراللىرى (ماشىنا، موتسىكلىت، ۋېلىسپىت ۋەھاكازالار) يىغىلىپ كەتمەمدۇ؟ ئۇ قاتناش قوراللىرىدىكى ئىنسانلار قەيەرگە سىغىدۇ؟ ئىنسانلارنىڭ ئەسلىدە قىلماقچى بولغان ئىشلىرى ئۇياقتا قېلىپ، ھەممە ئادەم قەبرىستانلىقتا تۇرۇپ دۇئا قىلىش بىلەن بولۇپ كەتمەمدۇ؟ مۇقەددەس دىنىمىز بۇنداق ئەقىل ۋە مەنتىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىشلاردىن پاكتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر