مۇسۇلمانلار

قەبرىستانلىققا خادا تىكلەش توغرىمۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

شۇنداق بىر ھەدىس بار، لېكىن سىز دېگەندىن پەرقلىق. ئۇ ھەدىستا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر دانە خورما شېخىنى ئىككىگە يېرىپ ئىككى قەبرىگە بىردىن سانجىپ قويغاندىن كېيىن : «بۇ شاخلار قۇرۇپ كېتىپ بولغۇچە ئۇلارنىڭ ئازابى يېنىكلىشىشى مۇمكىن، يەنى مەن شۇنداق ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

ئۇ ھەدىسكە ئاساسلىنىپ ھازىرمۇ قەبرىستانلىققا خادا تىكلەيدىغان، شاخ قويىدىغان ئادەتكە كەلسەك:

ئۇ ھەدىس بۇ ئادەتكە دەلىل بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەخسۇس بىر ئىش بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئۇنداق قىلىشى توغرا ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئىككى قەبرىدىن باشقا قەبىرلەرگە ياكى يېڭىدىن ۋاپات بولغانلارنىڭ قەبرىسىگە ئۇنداق شاخ قويمىغان ياكى خادا تىكلىمىگەن. ساھابىلەرمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەقسىتىنى ئۇبدان چۈشەنگەچكە ھېچبىر ساھابە قەبرىستانلىققا خادا تىكلىمىگەن ۋە شاخ قويمىغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر