مۇسۇلمانلار

قېيىنىنىم بىلەن تۇرسام بولامۇ

سوئال:
مەن ئېرىمنى بەك ھۆرمەتلەيمەن، ھەم بەك ياخشى كۆرىمەن. ئەمما ئۆزۈم بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا ئامالسىز ئۇنى رەنجىتىپ قويدۇم. ئۇ ئىنىسى بىلەن بىللە تۇرىمىز دەيدۇ مەن پەقەت ئۇنىمىغان ئىدىم، ئەمما ئامال بولمىدى. ئەمدى ئېرىم سەپەرگە چىقماقچى بولۇۋاتىدۇ مەن ئۈچ بالام (چوڭ ئوغلۇم 11ياش ،كىچىكى 10ياش، قىزىم 7ياش) ۋە قېيىن ئىنىم بىلەن بىللە تۇرسام بولامدۇ؟
جاۋاب:
قېيىن ئىنىڭىز بىلەن بىرگە تۇرسىڭىز قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ سىزگە نامەھرەم بولىدۇ. ئېرىڭىز ئۆلۈپ قالسا ياكى ئېرىڭىزدىن ئايرىلىپ كەتسىڭىز قېيىن ئىنىڭىز بىلەن توي قىلىشىڭىزغا رۇخسەت بېرىلىدۇ. بۇ قېيىن ئىنىڭىزنىڭ سىزگە نامەھرەم كېلىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.
نىكاھلىنىش ھارام بولغانلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، ئەبەدىلئەبەد ھارام قىلىنغانلار بولۇپ بۇلار ھېچبىر زامان ھالاللىققا ئايلانمايدۇ شۇنداقلا بۇلار بىر-بىرى بىلەن بىر يەردە ياشىسا بولىدۇ. مەسىلەن بىر ئايال ئۈچۈن دادىسى، ئاكا-ئۇكىلىرى، تاغىلىرى بۇ ھارامنىڭ قاتارىدىن بولۇپ بىر ئايال كىشى ئۇلارنىڭ بىرى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرسا بولىدۇ. ئىككىنچى ھارام بولسا شەرتلىك ھارام بولۇپ، شەرت يوقالغان ھامان ھاراملىق ھالاللىققا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن سىز ئېرىڭىز بىلەن نىكاھىڭىز داۋاملىشىۋاتقان مۇددەت ئىچىدە قېيىن ئىنىڭىزغا ۋە باشقا ئەرلەرگە نىكاھلىنىشىڭىز ھارام قىلىنىدۇ. لېكىن باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئېرىڭىز بىلەن كېيىن نىكاھىڭىز ئاخىرلاشسا ۋە ئىددىتىڭىز توشسا قېيىن ئىنىڭىزغا ياكى باشقا ئەرلەرگە نىكاھلىنىشىڭىز ھالاللىققا ئايلىنىدۇ. مانا بۇ ئىككىنچى تۈرلۈك ھاراملار بىلەن يالغۇز بىر يەردە تۇرۇپ قېلىشىڭىز قەتئىي توغرا ئەمەس. ئەگەر ئېرىڭىز بۇنى تەلەپ قىلغان بولسا ئۇ دەييۈسلۈك قىلغان بولىدۇ. دەييۈسنىڭ جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلىقىنى ۋە جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدىغانلىقىنى پەيغەمبىرىمىز ئوتتۇرىغا قويغان. باشقا بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېرىمنىڭ ئەر تۇغقانلىرى يېنىمغا كىرسە بولامدۇ دەپ سورىغان بىر ئايالغا ئېرىڭنىڭ ئەر بىر تۇغقانلىرىنىڭ يېنىڭغا كىرىشى ئۆلۈم بىلەن باراۋەردۇر دېگەن مەزمۇندا جاۋاب بەرگەن. چۈنكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن تەقدىردە ئۆزىنىڭ نىكاھلىنىشى ھالال قىلىنىدىغان بىر ئايالغا بىر جايدا يالغۇز قالغان كىشى ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا قارايدۇ، ئاندىن كۆڭلىدە شەھۋانىي خىياللار پەيدا بولىدۇ، ئاندىن شەيتاننىڭ ياردەملىشىشى بىلەن بۇ خىياللار قارارغا ئۆزگىرىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ نەپسىگە ۋە شەيتانغا ئەگىشىپ يامان ئىشلارنى سادىر قىلىدۇ. بۇ ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ئۆلۈم دېمەكتۇر. چۈنكى بۇلار جەمئىيەتتە قانداق كىشى بىلەن ئۇچراشسا خىجىللىقتىن ئۆلۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مانا بۇ خەتەرگە دىققەت تارتقان. بىر ئەرەب شائىرىنىڭ تۆۋەندىكى شېئىرىمۇ بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قاراشتىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
كل الحوادث مبدأها مـن النظـر *** ومعظم النار من مستصغر الشرر
كم نظرة فتكت فيقلب صاحبهـا *** فتك السهـام بلا قـوس ولا وتـر
والعبـد مـا دام ذا عيـن يقلبهـا *** في أعين الغيد موقوف على الخطر
يسر مقلتـه مـا ضـر مهجتـه *** لا مرحبا بسرور عاد بالضـرر
تەرجىمىسى:
ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى باشلىنىدۇ قاراشتىن،
چىقىدۇغۇ يالقۇنمۇ كىچىككىنە ئۇچقۇندىن
بەزى قاراش گويا ئوقياسىز ئوقتۇر ئۆلتۈرۈر
تەگكەن قەلبتە ئۆلۈم ۋەقەسىنى تۇغدۇرۇر   
كۆز تاشلىغان نازىنىننىڭ كۆزلىرىگە قاراپ
تۇرغان بولىدۇ دېمەك خەتەر ئۈستىدە ساقلاپ
خۇش قىلىدۇ كۆزىنى جېنىغا بولغان زىيانلىق
قارشى ئېلىنمايدۇ زىيان ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىق
قۇرئان كەرىمدىمۇ زىنا قىلماڭلار دېمەستىن، زىناغا يېقىنلاشماڭلار دېيىلىشى ئەنە شۇ يۇقىرىقىدەك زىناغا ئېلىپ بارىدىغان ھېچبىر ئىشنى قىلماڭلار دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. سىزنىڭ قېيىن ئىنىڭىز بىلەن بىر ئۆيدە قېلىشىڭىز زىناغا يېقىنلاشقانلىق بولۇپ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغانلىق بولىدۇ.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! مەن يوللىغان قېيىن ئىنىم بىلەن بىللە تۇرسام بولامدۇ؟ دېگەن سوئالىمغا يەنىمۇ تەپسىيلىرەك جاۋاب بەرگەن بولسىىڭىز. مىنىڭ بالىلىرىم ماڭا مەھرەم بولالمامدۇ؟ مەھرەم بولۇش يېشى قانچە ياش؟ مەن قانداق قىلسام ئېرىمنى خىجالەت قىلماي بۇ ئىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايمەن؟ ئېغىر كۆرمەي ماڭا ياخشى بىر تەكلىپ بەرسىڭىز، ئېرىممۇ ئاللاھ خالىسا بىر ياخشى مۇسۇلمان ئىدى، بىراق بۇ ئىش بىزنى بەكمۇ تەڭلىكتە قالدۇردى، ئۇ ئىنىسىنى ئاتاـ ئانىسىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىۋىتەي دېسە ئۇلارنى رەنجىتىشتىن ئەنسىرەيدۇ، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُل لِّلْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أَبْصَارِهِمْ وَيَحْفَظُوا فُرُوجَهُمْ ذَلِكَ أَزْكَى لَهُمْ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا يَصْنَعُونَ. وَقُل لِّلْمُؤْمِنَاتِ يَغْضُضْنَ مِنْ أَبْصَارِهِنَّ وَيَحْفَظْنَ فُرُوجَهُنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا لِبُعُولَتِهِنَّ أَوْ آبَائِهِنَّ أَوْ آبَاء بُعُولَتِهِنَّ أَوْ أَبْنَائِهِنَّ أَوْ أَبْنَاء بُعُولَتِهِنَّ أَوْ إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي إِخْوَانِهِنَّ أَوْ بَنِي أَخَوَاتِهِنَّ أَوْ نِسَائِهِنَّ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُنَّ أَوِ التَّابِعِينَ غَيْرِ أُوْلِي الْإِرْبَةِ مِنَ الرِّجَالِ أَوِ الطِّفْلِ الَّذِينَ لَمْ يَظْهَرُوا عَلَى عَوْرَاتِ النِّسَاء وَلَا يَضْرِبْنَ بِأَرْجُلِهِنَّ لِيُعْلَمَ مَا يُخْفِينَ مِن زِينَتِهِنَّ وَتُوبُوا إِلَى اللَّهِ جَمِيعاً أَيُّهَا الْمُؤْمِنُونَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»
«مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.
مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن – ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا-. ياغلىقلىرى بىلەن جەيب (بويۇن ۋە كۆكرەك) لىرىنى ياپسۇن. زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيناتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئۆگەي ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىكىلەردىن، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن. يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- (نۇر سۈرىسى 30 – ۋە 31 – ئايەتلىرى).
بۇ ئايەتلەردە سىزنىڭ قېيىن ئىنىڭىزغا، قېيىن ئىنىڭىزنىڭ سىزگە تىكىلىپ قارىشى مەنئى قىلىنغان. سىز ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرۇپ بىر-بىرىمىزگە تىكىلىپ قارىمايمىز دېيەلەمسىز؟؟؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى  يېنىدا مەھرىمى بولمىغان بىر نامەھرەم ئايال بىلەن بىر جايدا يالغۇز قالمىسۇن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا شەيتان ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈچىنچىسى بولىدۇ» دېگەن– (بۇ ھەدىس بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزى قاتارلىق ھەدىس كىتابلىرىدا زىكرى قىلىنىدۇ).
بۇ ھەدىس بىر-بىرىگە نامەھرەم بولىدىغان ئەر-ئاياللارنىڭ بىر جايدا يالغۇز تۇرۇپ قېلىشىنىڭ قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. سىز قېيىن ئىنىڭىز بىلەن بىر ئۆيدە ياشاۋاتقان جەريانىڭىزدا بالىلىرىڭىز سىرتقا چىقىپ كېتىپ قالسا يالغۇز قېلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. سىز بۇ چاغدا پەيغەمبىرىمىزنىڭ يۇقىرىدىكى چەكلىمىسىنى ئاياغ ئاستى قىلغان بولىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن ئۇ نارەسىدە بالىلار نېمىگە توسالغۇ بولالايدۇ؟ سىرتقا بىر ئىشقا بۇيرۇۋەتسىڭىز ياكى قېيىن ئىنىڭىز بىر يەرگە ئەۋەتسە «قىلمايمەن، بارمايمەن» دېيەلەمدۇ؟ بۇ چاغدا سىز قېيىن ئىنىڭىز بىلەن يالغۇز قالغان بولمامسىز؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «قول بىلەن نامەھرەمنىڭ بىر يېرىنى تۇتۇش، پۇت بىلەن نامەھرەم تەرەپكە مېڭىش، كۆز بىلەن نامەھرەمگە قاراش… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زىنادۇر»- (بۇ ھەدىسنى بۇخارى، مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).
سىز قېيىن ئىنىڭىز بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇرسىڭىز بۇ ھەدىستىكى زىنانىڭ ھەممىسىنى قىلغان بولىسىز.
ئاللاھ تائالانىڭ بەنى ئىسرائىل (ئىسرا) سۈرىسىنىڭ 32- ئايىتىدە: «زىناغا يېقىنلاشماڭلار! چۈنكى ئۇ، قەبىھ ئىشتۇر ۋە يامان يولدۇر» دېگەن مەزمۇندىكى سۆزى يۇقىرىدىكى مەنىلەرنى تەكىتلەيدۇ.
بىر ئەرنىڭ بىر نامەھرەم ئايال بىلەن، بىر ئايالنىڭ بىر نامەھرەم ئەر بىلەن پاراڭلىشىشى، بىر جايدا يالغۇز تۇرۇشى، بىرى-بىرىگە تىكىلىپ قارىشى، بىر-بىرىنى تۇتۇشى، بىر-بىرىنىڭ يېنىغا مېڭىشى… قاتارلىقلار زىناغا يېقىنلاشقانلىق، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئاياغ – ئاستى قىلغانلىق بولىدۇ.
يۇقىرىقى ئايەتتىكى «زىناغا يېقىنلاشماڭلار!» دېگەن ئىپادە، ماي ئىسكىلاتلىرىغا چاپلانغان «ئوت بىلەن يېقىنلاشماڭلار!» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشقا ئوخشايدۇ. ماي ئىسكىلاتىغا ئوت بىلەن يېقىنلاشقان كىشىنىڭ ئىسكىلاتقا ئوت قويماسلىق قولىدىن كەلمىگەندەك، ئىككى پەرقلىق جىنس پاراڭلاشسا، بىر جايدا يالغۇز تۇرۇشسا، بىرى-بىرىگە قارىسا، بىر-بىرىنى تۇتسا، بىر-بىرىنىڭ يېنىغا بارسا…، گۇناھ سادىر قىلماسلىق ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى ياراتقان ئىنساننى ئۆزى ئوبدان بىلىدىغان ياراتقۇچى ئاللاھ، ئىش يامان يەرگە بېرىپ قېلىشتىن بۇرۇن ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ۋە باشتىلا ھەر ئىككى تەرەپكە دىققەت قىلىشنى پەرز قىلغان.
بىز سىزگە تۈنۈگۈنمۇ ئايەت ھەدىسنى دەلىل قىلغان ئاساستا جاۋاب بەردۇق. سىز قايىل بولماي يەنە سوراپسىز. بىزنىڭ مۇشۇنداق نەسىھەت قىلىشتىن ۋە ئاللاھنىڭ ئەمر- پەرمانلىرىنى سىزگە يەتكۈزۈشتىن باشقا ئىش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ. بىز توغرىنى يەتكۈزۈپ قويىمىز. ئەمەل قىلىش قىلماسلىق ئۆزۈڭلارنىڭ ئىختىيارى. چۈنكى سىزنىڭمۇ، يولدىشىڭىزنىڭمۇ ۋە قېيىن ئىنىڭىزنىڭمۇ دوزاخنىڭ يولىغا كىرىش ۋە ئۇ يولدا مېڭىش ئەركىنلىكىڭلار بار.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ عَلَيْكُمْ أَنفُسَكُمْ لاَ يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ إِلَى اللّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعاً فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ».
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»-  مائىدە سۈرىسى، 105 – ئايەت.
ئەگەر ئېرىڭىز سىزنى سىزنىڭ يېنىڭىزغا ئىنىسىنى يەرلەشتۈرۈپ قويسا ئۇ سىزنى ۋە ئىنىسىنى دوزاختىن ساقلىمىغان بولىدۇ. شۇنداقلا تۆۋەندىكى ئايەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَاراً وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَا يَعْصُونَ اللَّهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى ئوتتىن ساقلاڭلار. ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلاردۇر ۋە تاشلاردۇر. ئۇنىڭ بېشىدا قوپال ۋە قاتتىق قول پەرىشتىلەر بار. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئەمرلەرنى ئىجرا قىلىدۇ»- تەھرىم سۈرىسى 6- ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر