مۇسۇلمانلار

دىققەت، مېھمان ئۇزىماقچى

قېرىنداشلار ئۇ كېتىش ئالدىدا
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
بىزنى بۇ رامىزانغا يەتكۈزگەن ۋە روزا تۇتۇشقا مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھقا بولسۇن ھەمدۇسانالار. ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشسۇن تەقۋادارلار. بىزنى ياخشىلىقلارغا يېتەكلىگەن رەسۇلۇللاھقا بولسۇن سالاتۇسالاملار. رەھمەتكە چۆمسۇن ئۇنىڭ ئائىلە-تەۋەسى، ساھابىلىرى ۋە پۈتۈن ئەگەشكۈچىسى. 
قېرىنداشلار! ئىنساننىڭ ئۆمرىدۇر سەرمايىسى، تۈگىتىدۇ ئۇنى يوق باشقا چارىسى. ئۇ سەرمايە بەك قىسقا مۇددەتلىك، ھەتتا سائەت-مىنۇتلار بىلەن چەكلىك. ئىنساننىڭ بەختى ئۇ سەرمايىنى ياخشى ئىشلاردا تۈگىتىشىگە باغلىق، شۇڭا قىلىشى لازىم ئۇنىڭ مەزكۇر سەرمايىسىنىڭ ھەر بۆلۈمىدە ياخشىلىق. ناۋادا ئىنسان يامانلىقلاردا تۈگەتسە بۇ سەرمايىسىنى، بولىدۇ زىيان ئۇنىڭ ئاخىرەتتە ئۇچرايدىغىنى.
رامىزان ئەنە شۇ سەرمايىمىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك پارچىسى، چۈنكى بۇ پارچىدا ئاز چىقىمنىڭ كۆپتۇر پايدىسى. رامىزان ئاللاھنىڭ بىزگە ئىنئامى، ھۆرمىتى، پەزلى ھەمدە ئېھسانى. چۈنكى رامىزاندا ياغىدۇ بەرىكەتلەر، رەھمەت، مەغپىرەت ۋە ھەم نۇسرەتلەر. سەرمايىمىزدىن بولىدۇ ئاز چىقىم، لېكىن ساۋابتىن بولىدۇ كۆپ كىرىم. ئاز ئەمەل قىلىپ كۆپ ساۋاب قازىنىمىز، كىچىك ئىش قىلىپ چوڭ ئەجىر ئالىمىز.
دېمەك، رامىزان ياخشىلىق قىلىش ئېيى، نەتىجىدە ياخشى بولۇش ئېيى. بۇ ئايدا روزا تۇتۇش، نەپلە ناماز ئوقۇش ۋە ئاللاھقا يېلىنىپ يالۋۇرۇش مەنىۋى ئوزۇق ئالغانلىقتۇر، تېخىمۇ توغرىسى ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتقا تەييارلىق قىلغانلىقتۇر.
كىم بولسا بۇ ئاينىڭ كۈندۈزلىرىدە نەپسىنى يىغقان، كېچىلىرىدە تەھەججۇدنامىزى ئوقۇغان، ھەمدە بولسا تىلىنى يامان سۆزدىن، دىلىنى يامان نىيەتتىن، كۆزىنى يامان قاراشتىن، كۆڭلىنى يامان غەرەزدىن ساقلىغان، ئەنە شۇنداق كىشى بولىدۇ بۇ ئايدا تەلەپكە لايىق روزا تۇتقان.
ئەمما بۇ ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويغان كىشى، مۇھەققەقتۇر ئۇنىڭ چوڭ زىيان تارتىشى. بۇنىڭدىمۇ بەختسىراقتۇر مۇنۇ كىشى، ئەگەشكەن ئۇنىڭ ياخشى ئىشىغا يامان ئىشى. ئۇ بۇ ئايدا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا مۇۋەپپەق بولغان، ئاي چىقىپ كەتكەن ھامان «كونا كېسىلى» قايتا قوزغىلىپ قالغان، ھېيتنىڭ كېلىشى بىلەن تەرىتى سۇنغان، شۇنداقلا بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتقان. ئەسلىدە بۇ ئىبادەتتە سەمىمىي بولمىغان، شۇڭا ئۇ رامىزاندىن كېيىن يولىدىن ئاداشقان.
شۇنىڭ ئۈچۈن رامىزاندا ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىۋالغانلار سۆيۈنسۇن، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى تەبرىكلىسۇن. نەپسى خاھىشىغا بويسۇنۇپ بۇ ئۇلۇغ ئاينى مەنىسىز ئۆتكۈزۈۋاتقانلار ئۆزلىرىگە مالامەت قىلسۇن، دەرھال تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلسۇن.
قېرىنداشلار! ئەنە شۇ ئۇلۇغ رامىزان چىقىپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، پۇرسەتلەر ۋاقىت ئۆتكەنسېرى قىسقىرىۋاتىدۇ. يەنە بىرقانچە كۈندىن كېيىن ھېيت كېلىدۇ، ئۆيلىرىمىز تازىلىنىپ يۈزىمىز كۈلىدۇ. شۇڭا مەن ئېيتاي ھېيتنىڭ توغرا مەنىسىنى، ھەمدە كۈنىمىزدىكى ھېيت چۈشەنچىسىنى:
ھېيتنىڭ مەنىسى خۇشال بولماقتۇر، ھەم خۇشال بولۇش كۈنى دېمەكتۇر. روزا تۇتۇش ئېيىدىن كېيىنلا ھېيت قىلىش، باردۇر ھېكمىتى لازىمدۇر بىلىش. مۇسۇلمان خۇشال بولىدۇ پەرزلەرنى ئادا قىلغانلىقىغا، گۇناھ-مەئسىيەتتىن ساقلىنىپ قالغانلىقىغا. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا روزى ھېيتنىڭ مەنىسى، شۇنىڭدىن ئىبارەت ئۇنىڭ توغرىسى:
ھېيت كۈنى سۆيۈنىدۇ راستتىنلا مۇسۇلمان، چۈنكى ئۇنىڭ رامىزاندا نەپسى پاكلانغان، تۇغقانلىق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرى چىڭىغان. ياخشى ئىرادىسى نەپسىنىڭ خاھىشىنى يەڭگەن، ئىمانى ئارزۇلىرىنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلگەن. ئۇنىڭ جىن ۋە ئىنساندىن بولغان شەيتانلىرى يېڭىلگەن، ئۇ مانا بۇ ئىشلارغا سۆيۈنگەن.
ھېيتنىڭ بار يەنە مۇنداق بىر مەنىسى، بۇنىمۇ ئىچىگە ئالغان «ھېيت» ئىپادىسى: ئەينى ۋاقىتتا ھېيت خۇشال قىلماقتۇر، ياخشىلىق قىلىپ كۆڭۈل ئالماقتۇر.
شۇڭا ھېيتتا يېتىم-يېسىرلەرنىڭ بېشىنى سىلىنىدۇ، پېقىر-مىسكىنلەردىن ھال-ئەھۋال سورىلىدۇ، قولۇم-قوشنىلار زىيارەت قىلىنىدۇ، دوست-بۇرادەرلەر يوقلاپ بېرىلىدۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ دۇئاسى ئېلىنىدۇ، ياكى ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت چاڭ-توزانلاردىن تازىلىنىدۇ. مانا بۇ ئىشلار بىلەن ھېيت قىلىدۇ ھەقىقىي مۇسۇلمان، چۈنكى ئۇ دىنى تەۋەررۈكلىرىگە ئۆزىنى باغلىغان.
لېكىن بار جەمئىيەتتە بەزى كىشىلەر، ئۇلارنى خۇشال قىلىدۇ باشقا ئىشلەر. ئۇلارنىڭ ھېيتى، ئۆزلىرى ئۈچۈن ئوينىۋېلىش پەيتى. ھېيت ئۇلارنىڭچە يېڭى كىيىم كىيىشتۇر، ئېسىل ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىشتۇر، ئەل-جامائەتكە نوچىلىق، تەڭتۇشلىرىغا پوچىلىق، كېچىكلەرگە چوڭچىلىق قىلىشتۇر، ئۆزىنى قالتىس ئادەم چاغلاش، گەپ-سۆزدە نازلىنىش، ماڭغاندا غادىيىش، مۇئامىلىدە ئەركىلەش، ئىسراپ دەرىجىسىدە يەپ-ئىچىشتۇر…
راستىنى ئېيتقاندا، بۇ بىزنىڭ ھېيتىمىزدۇر. بۇ ھېيتتا سۆيۈنۈش بىر نېمەتتۇر، بۇ نېمەت بەرگۈچىگە شۈكۈر ئېيتقۇچىلارنىڭ ھەققىدۇر. ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، بىلىڭلار ئوبدان: ئۇلارنىڭ قەلبى ۋىجدانغا، دىلى ئىمانغا تولغان، تىلى زىكىر-تەسبىھ ئېيتماق، پۇت-قول ئەزالىرى تائەت-ئىبادەت قىلماق بىلەن مەشغۇل بولغان.
يىغىپ ئېيتقاندا ھېيتنىڭ مەنىسى ھەممە بىرلىكتە خۇشال بولماقتۇر، ئەسلىدە دۈشمەن مەغلۇبىيىتىنى قۇتلىماقتۇر. بىر ئاي روزا تۇتۇپ يەڭدۇق ئىككى دۈشمەننى، بىرى نەپسىمىزنى يەنە بىرى شەيتاننى. شۇڭا قىلىمىز روزىنىڭ ئاخىرىدا بايرام، بۇ ئەسنادا بولىمىز خۇشال-خۇرام. يەيمىز، ئىچىمىز پەقەت ھالالدىن، يىراق تۇرىمىز مەكرۇھ، ھارامدىن. تەكبىر ئېيتىمىز رەببىمىزنى ئۇلۇغلاپ، بارىمىز يېقىنلىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىگە يوقلاپ. «مۇبارەك بولسۇن» دەپ بىر-بىرىمىزنى تەبرىكلەيمىز، چۈنكى دۈشمەنلىرىمىزنى بارابەر يەڭدۇق بىز. مانا بۇ ئىسلامىي بايرامنىڭ ئەسلى، كاشكى بىلسىيدى ئۇيغۇرنىڭ نەسلى!
ئاللاھ قوبۇل قىلغاي

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر