مۇسۇلمانلار

قۇربانلىق دېگەن نېمە؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قېرىنداشلار!
ھىجرىيە كالېندارى بويىچە 1431 – يىلىنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمى ھارپىسىدا تۇرماقتىمىز. قۇربان ھېيتتا ئىمكانىيتى بولغان ھەر بىر مۇسۇلمان دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قۇربانلىق قىلىدۇ. شۇڭا تۆۋەندە بۇ توغرىدا سوئال – جاۋاب شەكلىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلىدۇ:
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
قۇربانلىق قىلىش دېگەن نېمە؟
ئاللاھ تەئالانىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش ۋە ئاللاھغا يېقىنىلىشىش نىيىتى بىلەن ھېيت كۈنلىرىدە ئۆلتۈرۈشكە ئاتالغان ۋە شۇ كۈنلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانغا قۇربانلىق، ئۇ ھايۋاننى يۇقىرىدىكى نىيەت بىلەن مەزكۇر كۈنلەردە ئۆلتۈرۈش قۇربانلىق قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ.
قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلار قايسى؟
قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋان تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ھەج سۈرىسىنىڭ 28 – ۋە 34  – ئايەتلىرىدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللارنى ئەنئام «أنعام» دەپ ئاتايدۇ. ئەنئام كەلىمىسى ئەنئام سۈرىسىنىڭ 142- ۋە 143- ئايەتلىرىنىڭ دالالىتى بويىچە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر ئەركەك، بىر چىشى بولۇپ جەمئىي سەككىز دانە ھايۋاننى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بۇ كەلىمىنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇرچىدا بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزى ھالال بولسىمۇ ئەنئام دېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: ئات، جەرەن، كېيىك ۋە توخۇ… قاتارلىق ھايۋانلار ھالال بولسىمۇ، ئۇلارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنئام دېگىلى بولمايدىغان ھايۋانلاردىن قۇربانلىق قىلمىغان.
قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلارنىڭ شەرتلىرى:
1- قوينىڭ ئالتە ئاينى تۆگىتىپ يەتتىنچى ئايلىققا ئۆتكەن بولۇشى لازىم،
2- ئۆچكىنىڭ بىر ياشنى تۆگىتىپ، ئىككى ياشقا قەدەم قويغان بولۇشى لازىم،
3- كالىنىڭ ئىككى ياشنى تۆگىتىپ ئۈچ ياشقا قەدەم قويغان بولۇشى لازىم،
4- تۆگىنىڭ بەش ياشنى تۆگىتىپ ئالتە ياشقا قەدەم قويغان بولۇشى لازىم.
5- قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋاننىڭ ساغلام ھايۋان بولۇشى كېرەك. قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋان قارىغۇ، توكۇر، قۇلىقى كېسىك، مۈڭگۈزلىرى سۇنۇق، كېسەل، بەك ئورۇق ھايۋان بولمىغاندىلا «ساغلام ھايۋان» بولغان بولىدۇ.
قۇربانلىققا ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەر:
1- بىر ئائىلىگە بىر قۇربانلىق كۇپايە قىلىدۇ.
2- بىر تۆگىنى ۋە بىر كالىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا يەتتە كىشى (يەتتە ئائىلە) شېرىكلىشىپ قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ.
3- قۇربانلىق قىلغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۆز قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ.
4- قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن پېقىر بولسۇن، باي بولسۇن يېقىن – يورۇق، قولۇم – قوشنىلارغا يېگۈزۈشكە بولىدۇ.
5- قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يەيدىغانلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشلىرى شەرت ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن غەيرىي مۇسۇلمانلارغىمۇ بەرسە ياكى يېگۈزسە بولىدۇ.
   ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن! 
ئەسكەرتىش:
بۇ توغرىدا تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولغانلار تور بېتىمىزدىكى «قۇربانلىق ھەققىدە ساۋات» نى ئوقۇسا بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر