مۇسۇلمانلار

قۇربانلىق مالنىڭ ئوپكىسىنى يېگىلى بولامدۇ؟

جاۋاب:

بۇ گەپلەرنىڭ ئاساسى يوق. دىنىمىزدا كۆرسىتىلگىنى قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۈچكە ئايرىپ بۇنىڭ بىرىنى پېقىر – مىسكىنلەرگە تارقىتىپ بىرىش، يەنە بىرىنى دوست – بۇرادەرلىرىگە يېگۈزۈش، قالغان قىسمىنى ئائىلسى بىلەن بىرلىكتە يېيىشتۇر. بۇمۇ سۈننەت بولۇپ، قۇربانلىقنىڭ گۆشى مۇشۇ شەكىلدە ئىستېمال قىلىنسا ياخشى بولىدۇ. ئەمما ھەممىسىنى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە يېسىمۇ گۇناھكار بولمايدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنداق «بەزىلەر» نىڭ «بولمايدۇ» سى، «بولىدۇ» سى بىلەن ئەمەس، قۇرئان-ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بىلەن ئىش قىلىشلىرى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۇ «بەزىلەر» دىن «بۇ سۆزلىرىگە ئايەت – ھەدىستىن دەلىلىرى بارمۇ؟ ياكى «ئىشكەمبەئى كۇبرا (يوغان قورساق)» لىرىدىن چىقىرىپ دەۋاتاملا؟» دەپ سوراشلىرى لازىم. چۈنكى دىنى ھۆكۈم قۇرئان – ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن ئېلىنىدۇ. «بەزىلەر» نىڭ سۆزلىرىدىن ئەمەس!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر