جاۋاب:
قۇربانلىقنىڭ تېرىسىنى سەدىقە قىلىۋېتىش ئەۋزەلدۇر. لېكىن ئۇنى سېتىپ خەجلەشكە ياكى قۇربانلىقنى ئۆلتۈرۈپ بەرگەن كىشىنىڭ (قاسساپنىڭ) ئەجرىگە ھېساپلاپ بېرىشكە بولمايدۇ.
چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدا ھەججىدە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قۇربانلىق تۆگىلەرنىڭ بېشىدا تۇرۇشىنى ۋە بۇلارنىڭ تېرىلىرى بىلەن ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى سەدىقە قىلىشىنى، قاسساپنىڭ ئەجرى ئۈچۈن بۇنىڭدىن بىر نەرسە بەرمەسلىكىنى بۇيرىغان. (بۇ ھەدىس ئەبۇ داۋۇد، مەناسىك، 20 رىۋايەت قىلىنىدۇ.)