مۇسۇلمانلار
قۇرئان ۋە مۇناپىقلار 1

قۇرئان ۋە مۇناپىقلار

مۇناپىقلارنىڭ قۇرئانغا تۇتقان پوزىتسىيىسى

﴿أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ يَزْعُمُونَ أَنَّهُمْ آمَنُوا بِمَا أُنزِلَ إِلَيْكَ وَمَا أُنزِلَ مِن قَبْلِكَ يُرِيدُونَ أَن يَتَحَاكَمُوا إِلَى الطَّاغُوتِ وَقَدْ أُمِرُوا أَن يَكْفُرُوا بِهِ وَيُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَن يُضِلَّهُمْ ضَلَالًا بَعِيدًا٦٠ وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا إِلَى مَا أَنزَلَ اللَّهُ وَإِلَى الرَّسُولِ رَأَيْتَ الْمُنَافِقِينَ يَصُدُّونَ عَنكَ صُدُودًا٦١ فَكَيْفَ إِذَا أَصَابَتْهُم مُّصِيبَةٌ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ ثُمَّ جَاءُوكَ يَحْلِفُونَ بِاللَّهِ إِنْ أَرَدْنَا إِلَّا إِحْسَانًا وَتَوْفِيقًا٦٢ أُولَئِكَ الَّذِينَ يَعْلَمُ اللَّهُ مَا فِي قُلُوبِهِمْ فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَعِظْهُمْ وَقُل لَّهُمْ فِي أَنفُسِهِمْ قَوْلًا بَلِيغًا٦٣﴾

«ئى مۇھەممەد! بىر تەرەپتىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ۋە سەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشەنگەنلىكىنى دەۋا قىلىدىغان، يەنە بىر تەرەپتىن تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرماقچى بولىدىغان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار تاغۇتنى ئىنكار قىلىشقا بۇيرۇلغان. شەيتان ئۇلارنى چوڭقۇر ئازدۇرۇشنى ئىرادە قىلىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ۋە رەسۇلۇللاھقا كېلىڭلار» دېيىلسە، مۇنافىقلارنىڭ سەندىن قاتتىق يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرىسەن.‏ ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن باشلىرىغا بىرەر مۇسىبەت يەتكەن، ئاندىن : «بىز پەقەت ياخشىلاشنى ۋە ياراشتۇرۇشنى ئىرادە قىلغان» دەپ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغان ھالدا يېنىڭغا كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولار؟[1]. ئەنە شۇلار ئاللاھ قەلبلىرىدىكىنى بىلىدىغان كىشىلەردۇر. سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن ۋە ئۇلارغا تەسىرلىك سۆز قىلغىن» – (4 – سۈرە نىسا، 60 ~ 63 – ئايەت).

[1] مۇنافىقلار سېنىڭ ھۆكمىڭگە رازى بولماي تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرغانلىق گۇناھى تۈپەيلىدىن باشلىرىغا ئىلاھىي جازا سۈپىتىدە بىرەر مۇسىبەت كەلگەندە سېنىڭ يېنىڭغا ئۆزرە ئېيتىپ كېلىپ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز تاغۇتقا ھۆكۈم قىلدۇرۇشتىن پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىنى (مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىنى) ياخشىلاشنى ۋە ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدۇق» دەيدۇ. مانا مۇشۇ چاغدا ئۇلارنىڭ تىلى باشقا، دىلى باشقا ئىكەنلىكى (يەنى مۇنافىق ئىكەنلىكى) ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، شۇنداقلا رەسۋا بولىدۇ ۋە ئۇ ئازابتىن قۇتۇلۇپمۇ كېتەلمەيدۇ. ئۇلار بۇ ئەھۋالنى ئويلاپ ئىلاھىي ئازابقا دۇچار بولۇشقا ۋە خەلقىئالەم ئىچىدە رەسۋا بولۇپ يۈزىنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشقا سەۋەبچى بولىدىغان مۇنافىقلىقتىن نېمىشقا ساقلانمايدۇ؟ (نېمىشقا سەمىمىي ھالدا مۇسۇلمان بولمايدۇ؟).‏

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر