مۇسۇلمانلار

قۇرئان ۋە ئىنكارچىلىرى

1- قۇرئان ۋە ئەھمىيىتى
قۇرئاننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئايەتلىرىنىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىلىرى:
«ئۇ ھەقىقەتەن غالىب، ھېچبىر تەرىپىدىن باتىل ئارىلاشمىغان ۋە ئارىلاشمايدىغان بىر كىتابتۇر. ئۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيىگە لايىق زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغـان»- فۇسسىلەت 41/41- 42.
«ئۇ ناھايىتى كەسكىن بىر سۆزدۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەستۇر»- تارىق 86/13، 14.
«ئۇ ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر[1]»- يۇسۇف 12/111.
«ئۇ ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، توغرا يولغا باشلىغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر»- بەقەرە 2/185.
قۇرئان ئەنە شۇنداق ئىلاھىي بىر كىتاب بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگەنلەرنى ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ. بۇ قىيامەتكىچىلىك مۇشۇنداق بولىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قۇرئان ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ…»- ئىسرا 17/9.
2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەسىيىتى
«سىلەرگە مەن ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. ئۇنى مەھكەم تۇتساڭلار ئېزىپ كەتمەيسىلەر»[2]،
«مېنىڭ تەرىپىمدىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار»[3].
3- قۇرئاننى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئوخشاش تەرەپلىرى
ئا- ئاتا- بوۋىلىرىمىنىڭ يولىنى تۇتىمىز دېيىشى
بۇ توغرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىلىرى مۇنداق:
«ئۇلارغا: ‹ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئەگىشىڭلار› دېيىلسە، ‹ياق! بىز ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىغا ئەگىشىمىز› دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى ئەقلىنى بىر نەرسىگە ئىشلەتمىگەن، توغرا يولنىمۇ تاپالمىغان بولسىچۇ؟!»- بەقەرە 2/170.
«ئۇلارغا: ‹ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا ئەگىشىڭلار› دېيىلسە، ‹ياق! بىز ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىغا ئەگىشىمىز› دەيدۇ. شەيتان ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا چاقىرغان بولسىچۇ؟!» لۇقمان 31/21.
«ئۇلار: ‹ئەگەر رەھمان خالىسا ئىدى، بىز بۇلارغا چوقۇنمايتتۇق› دېدى. ئۇلار بۇ سۆزىدە ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانمايدۇ. ئۇلار پەقەت بىلجىرلايدۇ.
ياكى بىز ئۇلارغا قۇرئاندىن ئىلگىرى بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇ كىتابنى چىڭ تۇتۇۋاتامدۇ؟
ياق! ئۇلار: ‹بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى بىر يول ئۈستىدە بىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن مېڭىپ ھىدايەت تاپقۇچى كىشىلەرمىز› دېدى.
شۇنىڭدەك، بىز سەندىن ئىلگىرى قانداقلا بىر كەنتكە ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەك، ئۇ كەنتنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملىرى: ‹بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى بىر يول ئۈستىدە بىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭغۇچى كىشىلەرمىز› دېدى.
ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ئۇلارغا: ‹مەن سىلەرگە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ يولىدىن توغرىراق بىر يول ئېلىپ كەلگەن بولساممۇ شۇنداق قىلامسىلەر؟› دېدى. ئۇلار: ‹بىز سىلەر ئېلىپ كەلگەن يولغا ئىشەنمەيمىز› دېدى.
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدۇق. قارىغىنا، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟»- زۇخرۇف 43/20-25.
ب– ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ئېتىقاد قىلىشى
مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىلىرى مۇنداق:
«ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنى ھىدايەت قىلدى. ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى ئېزىپ كېتىشكە تېگىشلىك بولدى. چۈنكى بۇلار ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى ئەۋلىيالار قىلىۋالدى، يەنە كېلىپ تېخى ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ»- ئەئراف 7/30.
«كىم رەھماننىڭ زىكرىدىن[4] يۈز ئۆرۈسە، ئۇنىڭغا بىر شەيتان مۇسەللەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەيتان ئۇنىڭ ھەمراھى بولىدۇ.
شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا، دەپ ئويلايدۇ»- زۇخرۇف 43/36 – 37.
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: سىلەرگە ئەمەللىرىدىن قىلچە پايدا ئالالمايدىغانلارنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟
ئۇلار ھاياتى دۇنيادا قىلغان ئىشلىرى يوققا چىققان، لېكىن ئۆزلىرىنى ياخشى ئىش قىلدۇق، دەپ ئويلايدىغان كىشىلەردۇر.
ئەنە شۇلار رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغان، بۇ سەۋەپتىن ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ھېچقانداق ئېتىبار بەرمەيمىز.
ئىش مانا مۇشۇنداق. ئۇلارنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر. چۈنكى ئۇلار ئايەتلىرىمنى ۋە ئەلچىلىرىمنى مەسخىرە قىلغان»- كەھف 18/103-106.

[1]– نەھل 16/89 مۇ ئوخشاش مەنانى ئىپادىلەيدۇ.

 [2]– مۇسلىم ھەج، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى؛ ئەبۇ داۋۇد مەناسىك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججىنىڭ بابى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى (ئۇيغۇرچە)، ۋىدالىشىش نۇتقى.

 

 [3]– بۇخارى، ئەنبىيا 50؛ تىرمىزىي، ئىلىم 13؛ دارىمىي، مۇقەددىمە 46؛ مۇسنەد ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 3/159، 202، 214.

 

[4]رەھماننىڭ زىكرى قۇرئاندۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، زىكىرنى بىز نازىل قىلدۇق، ئۇنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئەلۋەتتە بىزدۇرمىز»- (ھىجر 15/9.)

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر