مۇسۇلمانلار
قۇرئان كەرىم ۋە ئىنسان 1

قۇرئان كەرىم ۋە ئىنسان

1.      ئاخىرقى كىتاب

ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان كىتابلارنىڭ ئاخىرقىسى «قۇرئان»دۇر[1]. قۇرئان ئىلگىرىكى كىتابلارنى مەنسۇخ قىلغان (ئەمەلدىن قالدۇرغان)[2] ۋە قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ توغرا يول رەھبىرى بولغان[3]. قۇرئانغا چىڭ ئېسىلىش  توغرا يولدا بولغانلىقنىڭ ئالامىتى قىلىنغان[4] ۋە قۇرئاندا قۇرئاننىڭ ئىنسانغا بولغان ھىدايىتى، ئىنساننىڭ قۇرئانغا بولغان ئېھتىياجى مىساللار بىلەن بايان قىلغان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1)     قۇرئاننىڭ ئىنسان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

(1)    روھ ۋە نۇر

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَكَذَٰلِكَ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ رُوحٗا مِّنۡ أَمۡرِنَاۚ مَا كُنتَ تَدۡرِي مَا ٱلۡكِتَٰبُ وَلَا ٱلۡإِيمَٰنُ وَلَٰكِن جَعَلۡنَٰهُ نُورٗا نَّهۡدِي بِهِۦ مَن نَّشَآءُ مِنۡ عِبَادِنَاۚ وَإِنَّكَ لَتَهۡدِيٓ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ  ٥٢﴾

«شۇنىڭدەك، بىز ساڭا ئەمرىمىزدىن بىر روھ ۋەھىي قىلدۇق. سەن كىتابنىڭ نېمىلىكىنى ۋە ئىماننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتىڭ. لېكىن بىز ئۇنى نۇر قىلدۇق. بىز ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن ئۆزىمىز خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىمىز. سەن توغرا يولغا باشلايسەن»[5].

﴿أَوَ مَن كَانَ مَيۡتٗا فَأَحۡيَيۡنَٰهُ وَجَعَلۡنَا لَهُۥ نُورٗا يَمۡشِي بِهِۦ فِي ٱلنَّاسِ كَمَن مَّثَلُهُۥ فِي ٱلظُّلُمَٰتِ لَيۡسَ بِخَارِجٖ مِّنۡهَاۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلۡكَٰفِرِينَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ  ١٢٢﴾

 «ئۆلۈك ئىكەن بىز تىرىلدۈرگەن، بىز ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا مېڭىشى ئۈچۈن نۇر بەرگەن كىشى، قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە قېلىپ ئۇلاردىن ھېچ چىقالمىغان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كافىرلارغا ئۆز قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى»[6].‏

قۇرئان ئىنسان ئۈچۈن روھ، ئىنسان قۇرئانسىز ئۆلۈكتۇر. ئىنسان قۇرئاندىن ئىبارەت بولغان روھ ئىچىگە كىرسە مەنىۋى جەھەتتىن تىرىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان بەدەن ۋە روھتىن ئىبارەت ئىككى نەرسىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان. بەدەن تۇپراقتىن يارىتىلغانلىقى ئۈچۈن تۇپراقتىن چىققان غىزا ماددىلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، روھ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن ئەۋەتىلگەن باشقا بىر روھ بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. قەلب ھەقىقەتنى ئىزدەشتىن ئىبارەت بولغان ئاچلىقتىن قۇرئان بىلەن تويىدۇ[7]. ئەكسىچە بولغاندا ئۇ قەلب ئاچ، ئىگىسى ئۆلۈك ھالەتكە كەلگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولغان ناماز بىر كىچە – كۈندۈزدە بەش ۋاقىتقا بۆلۈپ پەرز قىلىنغان[8]. دېمەككى، روھنىڭ ئاچلىقى بەدەننىڭ ئاچلىقىدىن يامان، روھنى ئوزۇقلاندۇرۇش بەدەننى تويغۇزۇشتىن مۇھىم.

قۇرئان ئىنسان ئۈچۈن نۇردۇر. يەنى قۇرئان ئىنسانغا شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى بىلدۈرىدۇ، قېچىشقا تېگىشلىك خەتەرلەرنى ۋە سېغىنىشقا تېگىشلىك پاناھگاھلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسانغا يولىنى يورۇتىدۇ، چىرايلىق – سەتنى پەرق ئەتتۈرىدۇ، ياخشى – ياماننى ئايرىپ بېرىدۇ. شەخسنىڭ، ئائىلىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، جامائەتنىڭ ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بەخت – سائادەت يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئىنسان بۇ نۇر بىلەن ھاياتىنى نۇرلاندۇرمىسا قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە قالىدۇ، يولىنى تاپالمايدۇ ۋە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ نۇرسىز كائىناتنىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتنىڭ، خۇسۇسەن ئۆزىنىڭ يارىتىلىش سىرىنى بىلەلمەيدۇ، ۋەزىپىسىنى تونۇيالمايدۇ، ئۆتمۈشتىن لايىق رەۋىشتە خەۋەردار بولالمايدۇ، كەلگۈسىنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئالدىغا قاراپ توغرا قەدەم باسالمايدۇ.  

2)       شىپا ۋە رەھمەت

قۇرئان شىپا (داۋا)دۇر. ئۇ مۇئمىنلارنى يەنى ئۆزىگە (قۇرئانغا) ئىشەنگەن ۋە ئىشەنچ قىلغانلارنى بۇزۇق ئېتىقاد، يامان نىيەت، ناتوغرا چۈشەنچە ۋە خاتا تەسەۋۋۇر قاتارلىق روھىي كېسەللىكلەردىن، ئەمەل – ئىبادەتتىكى بىدئەت، ئەدەپ – ئەخلاقتىكى ئىللەت، مۇئامىلە – مۇناسىۋەتتىكى ساختىلىق قاتارلىق مەنىۋى كېسەللىكلەردىن ساقايتىدىغان ۋە ساقلايدىغان مەنىۋى بىر دورىدۇر.

قۇرئان رەھمەتتۇر. يەنى قۇرئان ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاياتلىرىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن كېرەكلىك بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، لايىق رەۋىشتە ئوقۇغۇچىلىرىغا ساۋاب قازاندۇرىدىغان، ئۆزىنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغۇچىلارنى ھەر جەھەتتىن توغرا ئىلىمگە ئىگە قىلىدىغان، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقىغا لايىق قىلىدىغان، تەسلىكىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدىغان، خاتالىقلىرىنىڭ ئەپۇ قىلىنىش، گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىش ۋە يامانلىقلىرىنىڭ ياخشىلىقلارغا ئايلاندۇرۇلۇش يوللىرىنى كۆرسىتىدىغان ئىلاھىي ئىنئامدۇر.

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدۡ جَآءَتۡكُم مَّوۡعِظَةٞ مِّن رَّبِّكُمۡ وَشِفَآءٞ لِّمَا فِي ٱلصُّدُورِ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٞ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ  ٥٧﴾

«ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلاردىن نەسىھەت، دىللاردىكى دەردلەرگە شىپا، مۇئمىنلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەت كەلدى»[9].‏

﴿وَنُنَزِّلُ مِنَ ٱلۡقُرۡءَانِ مَا هُوَ شِفَآءٞ وَرَحۡمَةٞ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ وَلَا يَزِيدُ ٱلظَّٰلِمِينَ إِلَّا خَسَارٗا  ٨٢﴾

«بىز مۇئمىنلارغا شىپا ۋە رەھمەت بولغان قۇرئاننى نازىل قىلماقتىمىز. قۇرئان زالىملارغا زىياندىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمايدۇ»[10].

2)     قۇرئاننىڭ ئالاھىدىلىكى

قۇرئان ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ[11]. چۈنكى ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەردۇر، جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر[12]. ئۇ ئالدىدىنمۇ، كەينىدىنمۇ باتىل يېقىنلىشالمايدىغان ئەزىز كىتابتۇر[13]. ئۇ ياخشى – ياماننى ئايرىغۇچى سۆزدۇر، ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەستۇر[14]. ئۇ ھۆرمەتلىك، ئۇلۇغ ۋە روشەن قۇرئاندۇر[15]. ئۇ ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئاسان قىلىنغان[16]، بەرىكەتلىك كىتابتۇر[17]. ئۇ ھەر نەرسىنى ئېنىق بايان قىلىپ بېرىدىغان، ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچىلارغا ھىدايەت، رەھمەت ۋە خۇش خەۋەر بولغان كىتابتۇر[18].

3)     قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىكى

قۇرئان لەۋزىنىڭ مىسلىسىز، مەنىسىنىڭ تەڭداشسىز، ھۆكۈملىرىنىڭ ئالەمشۇمۇل، كۆپ قېتىم تەكرارلانسىمۇ ھەر قېتىمدا تىلغا تاتلىق، قۇلاققا يېقىملىق، ئەقىلگە يېڭىلىق تۇيۇلۇشى قاتارلىقلار بىلەن  مۆجىزە بولۇپ، پۈتۈن ئىنسان ۋە جىنلار بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ[19].

4)     قۇرئاننىڭ رەھبەرلىكى

قۇرئان نازىل بولۇشتا پۈتۈن ئىنسانلارغا توغرا يول رەھبىرى بولسىمۇ[20]، لېكىن ئۇ نەتىجىدە تەقۋادارلارغا (ئۆزىنىڭ فىترىتىنى ساقلاپ ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە ئازابىدىن ساقلىنىشنى خالىغانلارغا)[21]، مۇئمىنلارغا (قۇرئانغا ئىشەنگەن ۋە ئىشەنچ قىلغانلارغا)[22] توغرا يول رەھبىرى بولۇپ، ئۇلارنى دۇنيادا بەختلىك ھاياتنىڭ، ئاخىرەتتە جەننەتنىڭ يولىغا باشلايدۇ.

5)     قۇرئان ئەلچىسىنىڭ قۇرئان ھەققىدىكى بۇيرۇقى ۋە ۋەسىيىتى

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن:

«مېنىڭ تەرىپىمدىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار»[23].

»سىلەرگە مەن ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. ئۇنى مەھكەم تۇتساڭلار ئېزىپ كەتمەيسىلەر»[24].

6)     ئىنسانىيەتنىڭ قۇرئان ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱعۡتَصِمُواْ بِحَبۡلِ ٱللَّهِ جَمِيعٗا وَلَا تَفَرَّقُواْۚ وَٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ إِذۡ كُنتُمۡ أَعۡدَآءٗ فَأَلَّفَ بَيۡنَ قُلُوبِكُمۡ فَأَصۡبَحۡتُم بِنِعۡمَتِهِۦٓ إِخۡوَٰنٗا وَكُنتُمۡ عَلَىٰ شَفَا حُفۡرَةٖ مِّنَ ٱلنَّارِ فَأَنقَذَكُم مِّنۡهَاۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ  ١٠٣﴾

«ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار ۋە ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار: سىلەر بىر – بىرىڭلارغا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ قەلبىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ بۇ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار. سىلەر يەنە چوڭقۇر ئوتنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئۇ يەردىن قۇتقۇزدى. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. توغرا يولغا كەلگەيسىلەر!‏ »[25].

﴿وَهَٰذَا كِتَٰبٌ أَنزَلۡنَٰهُ مُبَارَكٞ فَٱتَّبِعُوهُ وَٱتَّقُواْ لَعَلَّكُمۡ تُرۡحَمُونَ  ١٥٥﴾

«بۇ بىز نازىل قىلغان كىتابتۇر، بەرىكەتلىكتۇر. ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر»[26].‏

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 185 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 27 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 2 – ئايەت؛ 27 – سۈرە نەمل، 6 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 85 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 7 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم،  1 ~ 12 – ئايەتلەر؛ 76 – سۈرە ئىنسان، 23 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە 58 – ئايەت.

[3] چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن تاللىغان بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى نەبىيلەرنىڭ ئاخىرقىسى قىلغان (قاراڭ: 33 – سۈرە ئەھزاب، 40 – ئايەت)، ئۇنى قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن (قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 19 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 107 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان،  1 – ئايەت؛ 62 – سۈرە جۇمۇئە، 2 – ۋە 3 – ئايەتلەر).

[4] 43 – سۈرە زۇخرۇف، 43 – ئايەت،

[5] 42 – سۈرە شۇرا، 52 – ئايەت.

[6] 6 – سۈرە ئەنئام، 122 – ئايەت.

[7] قاراڭ: 13 – سۈرە رەئد، 28 – ئايەت.

[8] قاراڭ: 2 – بەقەرە، 238 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 103 – ئايەت؛11 – سۈرە ھۇد، 114 – ئايەت.

[9] 10 – سۈرە يۇنۇس، 57 – ئايەت.

[10]  17 – سۈرە ئىسرا، 82 – ئايەت.

 [11]قاراڭ: 17 – سۈرە ئىسرا، 9 – ئايەت.

[12] قاراڭ: 45 – سۈرە جاسىيە، 20 – ئايەت.

[13] قاراڭ: 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 41 – ۋە 42 – ئايەتلەر.

[14] قاراڭ: 86 – سۈرە تارىق 13 – ۋە 14 – ئايەتلەر.

[15] قاراڭ: 56 – سۈرە ۋاقىئە، 77 – ئايەت؛ 85 – سۈرە بۇرۇج، 21 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن، 69 – ئايەت.

[16] قاراڭ: 54 – سۈرە قەمەر، 17 – ، 22 – ، 32 – ۋە 40 – ئايەتلەر.

[17] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 92 – ۋە 155 – ئايەتلەر؛ 21 – سۈرە ئەنبىيائـ، 50 – ئايەت؛ 38 – سۈرە ساد، 29 – ئايەت. «بەرىكەتلىك» – پۈتمەس – تۈگىمەس ئىلىم ئۆز ئىچىگە ئالغان دېمەكتۇر.

[18] قاراڭ: 12 – سۈرە يۇسۇف، 111 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 89 – ئايەت.

[19] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 23 – ۋە 24 – ئايەتلەر؛ 11 – سۈرە ھۇد، 13 – ئايەتلەر؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 88 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 82 – ئايەت.

[20] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 185 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 174 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 57 – ۋە 108 – ئايەت.

[21] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 2 – ئايەت.

[22] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 97 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 57 – ئايەت؛ 27 – سۈرە نەمل 2 – ۋە 77 – ئايەت.

[23] بۇخارى، «ئەھادىسۇل ئەنبىيا»، 49؛ تىرمىزى، «ئىلىم»، 13؛ دارىمى، «مۇقەددىمە»، 46؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد 3: 159، 202، 214.

[24] مۇسلىم، «ھەج»، 147؛ ئەبۇ داۋۇد، «مەناسىك»، 56؛ ئىبنى ماجە، «مەناسىك»، 84.

[25] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 103 – ئايەت. بۇ ئايەتتىكى «ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى» «ئاللاھنىڭ قۇرئانى» دېمەكتۇر، چۈنكى باشقا بىرقانچە ئايەت بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر: 6 – سۈرە ئەنئام، 155 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 3 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 55 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 43 – ئايەت. تۆۋەندىكى رىۋايەتمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ: رىۋايەت قىلىنىشىچە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «قۇرئان ئاللاھنىڭ مەھكەم ئارغامچىسىدۇر» دېگەن. (تىرمىزى، «فەزائىلىل قۇرئان»، 13؛ دارىمى، «فەزائىلىل قۇرئان»، 1).

[26] 6 – سۈرە ئەنئام، 155 – ئايەت. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 139 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 55 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 51 – ئايەت؛ 63 – سۈرە مۇنافىقۇن، 8 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر