مۇسۇلمانلار

قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتۇشقا ۋە ئوقۇشقا بولامدۇ؟

بولىدۇ. چۈنكى اللە تەئالا قۇرئان كەرىمنى ھاياتىمىزغا رەھبەر قىلىشىمىز ئۈچۈن نازىل قىلغان. ھاياتىمىزغا رەھبەر بولىدىغان بىر كىتابنى خالىغان چاغدا تۇتۇپ ۋە ئوقۇپ پايدىلىنىشىمىز لازىم.

«قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتسا بولمايدۇ» دېگۈچىلەرنىڭ ھېچقانداق دەلىلى يوق. بونداقلار تارىختىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ قۇرئان كەرىمدىن يىراقلىشىشىغا سەۋەبچى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ اللەدىن قورقىشى لازىم.

ئىنسان داۋاملىق تاھارەت بىلەن تۇرمايدۇ. تاھارىتىم بولمىغاندىن كېيىن قۇرئان كەرىمنى تاھارەت ئالغان چېغىمدا تۇتامەن دەپ قۇرئاننى قولىغا ئالمايدۇ، شۇنداقلا قۇرئاندىن يىراقلىشىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە ياكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىدە «قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتماڭلار ۋە تاھارەتسىز ئوقۇماڭلار» دېگەن مەزمۇندا بىر ھۆكۈم بولسا، بۇنىڭغا بويسۇنماي ئامالىمىز يوق، لېكىن قۇرئان – ھەدىستە ئۇنداق بىر ھۆكۈم يوق. ئەكسىچە قۇرئان – ھەدىستە قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتۇشقا ۋە تاھارەتسىز ئوقۇشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىل بار. ئۇ دەلىللەرنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىچە:

1 – تاھارەت ئايەتلىرى مەدىنىدە نازىل بولغان. مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر ۋە ئايەتلەر قەغەزلەرگە، تېرە پارچىلىرىغا ۋە بەزى تاختىلارغا يېزىلغان. ئۇ چاغدىكى مۇسۇلمانلار ئۇ ئايەتلەر ۋە سۈرىلەر يېزىلغان نەرسىلەرنى تۇتۇپ ئوقۇغان ۋە ئوقۇتقان. ئۇلارنىڭ تاھارەتسىز ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. چۈنكى ئۇ چاغلاردا تاھارەت دەيدىغان بىر نەرسە يوق.

2 –قۇرئان كەرىمدە «نامازغا تۇرساڭلار تاھارەت ئېلىڭلار» دېگەن مەزمۇندا ئايەت بار (مائىدە سۈرىسىنىڭ 6 – ئايىتىگە قاراڭ). «قۇرئان ئوقۇغاندا ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىرەجىم دەڭلار» دېگەن مەزمۇندا ئايەت بار (نەھل سۈرىسىنىڭ 98 – ئايىتىگە قاراڭ). دېمەك، قۇرئان ئوقۇشنىڭ شەرتى «ئەئۇزۇ بىللاھ…» نى ئوقۇشتۇر؛ قۇرئان كەرىمنى تۇتۇشنىڭ ھېچقانداق شەرتى يوقتۇر.

3 – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەئىسلىرىغا خەت ئەۋەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەتنى ئېلىپ بارىدىغان ساھابىلىرىنى يولغا سېلىشنىڭ ئالدىدا «تاھارىتىڭلار بارمۇ، يوقمۇ؟ بولمىسا ئېلىۋېلىڭلار، تاھارىتىڭلار سۇنۇپ كەتكەن يەردە، يېڭىلاپ مېڭىڭلار، ئۇ پادىشاھلارنىڭ يېنىغا بېرىپ،‹تاھارىتىڭلار بارمۇ، يوقمۇ؟› دەپ سوراڭلار، ئەگەر تاھارىتى بولمىسا بۇ خەتنى تۇتمىسۇن» دېگەن مەزمۇندا ھېچبىر ئەركەرتىشتە بولمىغان. ئۇ خەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئايەتلەر ئىدى.

«قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتقىلى بولمايدۇ» دېگۈچىلەرگە سوئال:

ئەگەر قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتقىلى بولمىسا، قۇرئان كەرىم ئېلىنغان ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى، دىسكا (Floppy) ۋە پلاستىنكالارنى، قۇرئان كەرىم ئېلىنغان يانفونلارنى ۋە دىگىتال (Dijital) قۇرئانلارنى نېمىچۈن تاھارەتسىز تۇتقىلى بولىدۇ؟ ھەممىسىنىڭ ئىچىدە قۇرئان كەرىم بارغۇ؟

ئەگەر قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتقىلى بولمىسا ھەممىسىنى تۇتقىلى بولماسلىق كېرەك. چۈنكى ھەممىسىنىڭ ئىچىدە قۇرئان بار. ھەتتا قۇرئان كەرىمنى يادقا بىلىدىغان قارىملارغىمۇ تاھارەتسىز تېگىپ بەرسەك بولمىسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بالا- چاقىلىرىنىڭ تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ئۇلارغا يېقىنلىشىشى لازىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ قۇرئان كەرىم بارغۇ!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر