مۇسۇلمانلار

قۇرئان كىمگە زىيانلىك؟

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھنىڭ كەسكىن دەلىلى بار. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ھەممىڭلارنى ھىدايەت قىلاتتى»- (ئەنئام سۈرىسى 149- ئايەت).
قېرىنداشلار! ئايەتتىكى كەسكىن دەلىل قۇرئان كەرىمدۇر. قۇرئان كەرىم شۇنداق كەسكىن دەلىلكى ھىدايەتكە ئىنتىلىدىغان، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇنى ئىزدەشكە غەيرەت قىلىدىغان كىشىلەرلا قۇرئان كەرىمنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى ئۇ ھىدايەتنى ئىلمىي ۋە چۈشىنىشلىك بىر رەۋىشتە بايان قىلىدۇ.
ئەكسىچە ئۇ، كىشىلەرنى ئۆزىدىكى ھىدايەتكە زورلىمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ئۇنى يەتكۈزۈشتىنلا ئىبارەت. ئەگەر ئاللاھ تەئالا ئىنسانلارنى باشقا بىر شەكىلدە ھىدايەت قىلىشنى (توغرا يولغا كەلتۈرۈشنى) خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ بۇنى خالىمىدى ۋە ئۇنداق قىلمىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى كىشىلەر قۇرئان كەرىم بىلەن ھىدايەت تاپالمايدۇ:
1- ھاۋايى- ھەۋەسكە ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ فىترەت نۇرىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن كىشى،
2- ئەقلىنى ئۆزىنىڭ ئارزۇ- خىياللىرىغا ئىشلىتىپ قۇرئان كەرىم ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزمەيدىغان كىشى،
3- يەتكۈزگۈچىگە ھەسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن توغرىدىن باش تارتىدىغان كىشى،
4- ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ يولىنى چىڭ تۇتقانلىقىنى دىندارلىق دەپ ئويلاپ قالغان كىشى،
5- ئۆز خىيالىدىكى «كاتتا زاتلار» غا قارىغۇلارچە ئەگىشىدىغان كىشى.
بۇنى ئاللاھ تەئالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىمۇ تەكىتلەيدۇ:
1- «بىز نازىل قىلغان قۇرئان مۇئمىنلارغا شىپا ۋە رەھمەت بولىدۇ، زالىملارنىڭ تېخىمۇ كۆپ زىيان تارتىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدۇ»- (ئىسرا 17/82).
2- «كىم رەھماننىڭ قۇرئانىدىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇنىڭغا بىر شەيتان مۇسەللەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەيتان ئۇنىڭ ھەمراھى بولىدۇ.
شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ئويلايدۇ»- (زۇخرۇف 43/36-37).
3- «ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆز بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى. ئۇنىڭ ئايەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىغۇچىدۇر، ھەمدە ئىككىدىن-ئىككىدىندۇر، رەببىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقىدىغانلارنىڭ تېرىلىرى ئۇنىڭدىن تىترەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ تېرىلىرى ۋە قەلبلىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۇمشايدۇ. ئەنە شۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشىگە ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ»- (زۇمەر 39/23).
4- «ئى مۇھەممەد! ئاسمان بۇلۇتلار بىلەن يېرىلىدىغان ۋە پەرىشتىلەر توپ – توپ ھالدا چۈشۈرۈلىدىغان كۈننى زىكىر قىلغىن.
ئۇ كۈنى پۈتكۈل پادىشاھلىق رەھماننىڭ بولىدۇ ۋە ئۇ كۈن كاپىرلار ئۈچۈن قاتتىق بىر كۈن بولىدۇ.
ئۇ كۈنى زالىم ئىككى قولىنى چىشلەپ مۇنداق دەيدۇ: ‹پەيغەمبەر كۆرسەتكەن يولنى تۇتقان بولسامچۇ!
ۋاي ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ!
ئۇ مېنى، ماڭا كەلگەن قۇرئاندىن يىراقلاشتۇردى› شەيتان ئىنساننى مانا مۇشۇنداق ياردەمسىز قويىدۇ»- (فۇرقان 25/25- 29).
ئاللاھ بىزنى قۇرئان كەرىمنىڭ ھىدايىتىدىن ئايرىمىسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر