مۇسۇلمانلار

ساۋابىنى ئاتاشقا بولامدۇ

سوئال:
قۇرئان ئوقۇپ ئالغان ساۋاپنى ئۆلۈكلەرنىڭ روھىغا ئاتاشقا بولامدۇ؟
جاۋاب:
بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:
«وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى»
«ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»– نەجم 53/39.
باشقىسى ئوقۇغان قۇرئان شۇ باشقىسى قىلغان ئىشتۇر. بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر باشقىسى كۆرمەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىمايدۇ: بىرىنچى، ئىنسانلارغا مەنپەئەتى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە (مەسجىد، مەدرىسە سالغانغا ئوخشاش) . ئىككىنچى، پايدىلىق ئىلىم (باشقىلارغا ئۆگىتىلگەن ئىلىم ۋە يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەر). ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت»- مۇسلىم، ۋەسىيەت 14 ھەدىس نومۇرى 1631. تىرمىزى، ئەھكام 1297. نەسەئى، ۋەسايا 3591. ئەبۇ داۋۇد، ۋەسايا 2494.
يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن بىر كىشى قىلغان ئەمەلنىڭ يەنە بىر كىشىگە پايدىسى بولمايدىغانلىقى ئېنىق بىر شەكىلدە بىلىنىدۇ. شۇڭا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىبادەتنى باشقا بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلىپ ئادا قىلىشقا بولمايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئىبادەتنى قىلغان بىر مۇسۇلمان، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاللاھ تەئالا ئالدىدىكى قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاللاھ تەئالانىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن قىلىدۇ ۋە قىلىشى لازىم. ئاللاھ تەئالا بۇنداق ئەمەلنى كىم قىلغان بولسا، ئەجىرنى شۇ قىلغۇچىغا بېرىدىغانلىقىنى نۇرغۇنلىغان ئايەتتە بايان قىلىدۇ.
ئال ئىمران 57-، نىسا 152- ۋە 173-، فاتىر 30 – ئايەت قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئۇجۇرەھۇم»، بەقەرە 62-، 274-، 277-، ئال ئىمران 199-، نەھل 97-، ھەدىد 19- قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئەجرەھۇم» دېگەن ئىپادىلەر ئەمەلنى كىم قىلسا ئەجىر (ساۋاب) نى شۇنىڭ ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ھەقتە يەنە بىر گەپ، ئىككى نەرسىنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىنسان ھاسىل بولىدۇ. بىرى تەن، يەنە بىرى روھ. ئىنسان ئۆزى ئىستېمال قىلغان يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن تېنىنى (بەدەنىنى) غىزالاندۇرىدۇ؛ ئۆزى قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلەر بىلەن روھىنى غىزالاندۇرىدۇ. بىر كىشىنىڭ باشقىسى يەپ – ئىچكەن نەرسە بىلەن قورسىقى تويمىغاندەك، باشقىسى قىلغان ئىبادەت بىلەنمۇ روھى غىزالانمايدۇ.
بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ قۇرئاننى باشقىسى ئۈچۈن ئوقۇغان «نىمكار» نىڭ: «مەن بۇ قۇرئاننى پالانى ئۈچۈن ئوقۇيمەن» دېگەن سۆزى ياكى شۇنداق نىيىتى: «مەن ماۋۇ تاماقنى  پالانى ئۈچۈن يەيمەن، شۇ پالانىنىڭ قورسىقى تويسۇن» دېگەندەك گەپ بولىدۇ. قۇرئان ئوقۇشقا نىمكار سالغۇچى كىشىنىڭ بىر «نىمكار» غا: «دادامنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇپ بەرسىلە» دېگەن سۆزى، «دادام ئۈچۈن تاماق يەپ بەرسىلە، دادامنىڭ قورسىقى تويسۇن» دېگەندەك گەپ بولىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا «قۇرئان ئوقۇپ ئالغان ساۋاپنى ئۆلۈكلەرنىڭ روھىغا ئاتاش» قۇرئانغا خلاپتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلمىغان ۋە ئۆگەتمىگەن بىدئەت ئىشتۇر.
«قۇرئان ئوقۇپ ئالغان ساۋابنى ئۆلۈكلەرنىڭ روھىغا ئاتاش» ئەقلىي جەھەتتىنمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ھېچكىم قۇرئان ئوقۇپ قولىغا ماددىي بىر ساۋاب ئالالمايدۇ. بۇ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ نىيىتىگە قاراپ ئەمەل دەپتىرىگە يېزىلىدۇ.
بىر كىشىنىڭ «ئوقۇغان قۇرئانىمنىڭ ساۋابىنى پالانىغا ئاتىدىم» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى «ئى ئاللاھ! ماۋۇ قۇرئاننى مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئەمەس، پالانى ئۈچۈن ئوقۇدۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن ساۋابىنى مېنىڭ ئەمەس، پالانىنىڭ دەپتىرىگە يېزىۋەتسىلە. چۈنكى مېنىڭ بۇنىڭغا ئېھتىياجىم يوق، شۇڭا بۇنى ئاۋۇ كىشىگە بېرەۋەتتىم» دېگەن بولىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا ناھىيىتى چوڭ ئەدەپسىزلىكتۇر، ئۆزىنى بىلمىگەنلىكتۇر.       

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر