مۇسۇلمانلار

قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
قىرىنداشلىرىم ياخشىمۇسىزلەر، قۇران كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتسا بولامدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاپ:
بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمنى ھاياتىمىزغا رەھبەر قىلىشىمىز ئۈچۈن نازىل قىلغان. ھاياتىمىزغا رەھبەر بولىدىغان بىر كىتابنى خالىغان چاغدا تۇتۇپ پايدىلىنىشىمىز لازىم.
قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتسا بولمايدۇ دېگۈچىلەرنىڭ ھېچقانداق دەلىلى يوق. بولار تارىختىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ قۇرئاندىن يىراقلىشىشىغا سەۋەبچى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن قورقىشى لازىم.
ئىنسان داۋاملىق تاھارەت بىلەن تۇرمايدۇ. تاھارىتىم بولمىغاندىن كېيىن قۇرئاننى تاھارەت ئالغان چېغىمدا تۇتامەن دەپ قۇرئاننى قولىغا ئالمايدۇ، شۇنداقلا قۇرئاندىن يىراقلىشىدۇ.
قۇرئاندا ياكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىدە «قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتماڭلار» دېگەن مەزمۇندا بىر ھۆكۈم بولسا، بۇنىڭغا بويسۇنماي ئامالىمىز يوق، لېكىن ئۇنداق بىر ھۆكۈم يوق. ئەكسىچە تاھارەتسىز تۇتۇشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىل بار. مەسىلەن:
1- تاھارەت ئايەتلىرى مەدىنىدە نازىل بولغان. مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەر ۋە ئايەتلەر قەغەزلەرگە، تېرە پارچىلىرىغا ۋە بەزى تاختىلارغا يېزىلغان. ئۇ چاغدىكى مۇسۇلمانلار ئۇ ئايەتلەر ۋە سۈرىلەر يېزىلغان نەرسىلەرنى تۇتۇپ ئوقۇغان ۋە ئوقۇتقان. ئۇلارنىڭ تاھارەتسىز ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. چۈنكى ئۇ چاغلاردا تاھارەت دەيدىغان بىر نەرسە يوق. تاھەرەت نامازنىڭ شەرتىدۇر.
شۇڭا قۇرئان كەرىمدە «نامازغا تۇرساڭلار تاھارەت ئېلىڭلار» دېگەن مەزمۇندا ئايەت بار (سۈرە مائىدە 6- ئايەت). «قۇرئان ئوقۇغاندا ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىرەجىم دەڭلار» دېگەن مەزمۇندا ئايەت بار(سۈرە نەھل 98- ئايەت). قۇرئان ئوقۇشنىڭ ۋە قۇرئان تۇتۇشنىڭ بۇنىڭدقن باشقا ھېچقانداق شەرتى يوق.
2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رەئىسلىرىغا خەت ئەۋەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەتنى ئېلىپ بارىدىغان ساھابىلىرىنى يولغا سېلىشنىڭ ئالدىدا «تاھارىتىڭلار بارمۇ؟ بولمىسا ئېلىۋېلىڭلار، تاھارىتىڭلار سۇنۇپ كەتكەنلا يەردە يېڭىلاپ مېڭىڭلار، ئۇ پادىشاھلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ‹تاھارىتىڭلار بارمۇ يوقمۇ؟› دەپ سوراڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ تاھارىتى بولمىسا بۇ خەتنى تۇتمىسۇن» دېگەن مەزمۇندا ھېچبىر ئاگاھلاندۇرۇشتا بولمىغان. ئۇ خەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئايەتلەر ئىدى.
3- ئەگەر قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتقىلى بولمىسا، بۈگۈنكى قۇرئان كەرىم ئېلىنغان ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى، دىسكا (Floppy) ۋە پلاستىنكالارنى، قۇرئان كەرىم ئېلىنغان يانفونلارنى ۋە دىگىتال (Dijital) قۇرئانلارنى نېمىچۈن تاھارەتسىز تۇتقىلى بولىدۇ؟ ھەممىسىنىڭ ئىچىدە قۇرئان كەرىم بارغۇ؟ تۇتقىلى بولمىسا ھەممىسىنى تۇتقىلى بولماسلىق كېرەك. چۈنكى ھەممىسىنىڭ ئىچىدە قۇرئان بار. ھەتتا قۇرئان كەرىمنى يادقا بىلىدىغان قارىملارغىمۇ تاھارەتسىز تېگىپ بەرسەك بولمىسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بالا- چاقىلىرىنىڭ تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ئۇلارغا يېقىنلىشىشى لازىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ قۇرئان كەرىم بار…
ئېتىراز
ئەزىز قېرىندىشىم! سىز قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز تۇتۇش ۋە تۇتماسلىق توغرىسىدا ناھايىتى ياخىشى چۇشەنجە بېرىپسىز، ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن. لېكىن سىز سۇرە ۋاقىئەنىڭ 79- ئايىتىنىڭ تەپسىرىنى ئاز-تۇلا كۇرۇپ قويسىڭىز، ئۇ يەردە ئاللاھ، «تۇتمىسۇن ئۇ قۇرئاننى پەقەتلا پاك ھالەتتە تۇتسۇن» دىگەن. بۇ ئايەت توغرىسىدا كۇپ كۈز قاراشلار بولغان. دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملىرى قۇرئانى كەرىمنى تەھارەت بىلەن تۇتۇشقا تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ ھەمدە بۇنىڭغا ئايەت-ھەدىس دەلىل.
جاۋاپ:
مۆھتەرەم قېرىندىشىم! سىز سۈرە مائىدەنىڭ 6- ئايىتىگە ئۇبدان قارىسىڭىز ۋە ئۇ ئايەتنى ئەرەبچە قائىدە بويىچە مۇلاھىزە قىلسىڭىز تاھارەتنىڭ قايسى ئىبادەت ئۈچۈن شەرت قىلىنغانلىقىنى چۈشىنىشىڭىز قىيىن بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەبچىدىن تولۇق مەلۇمات بولۇش لازىم. ئىنشائاللاھ سىزنىڭ ئەرەبچىدىن ئۇبدان مەلۇماتىڭىز باردۇ. بىزگە سالغان لوقمىڭىزدىن قارىغاندا تەرجىمىڭىز يېڭى چىققاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولسا، ئاللاھ سىزگە ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلسۇن.
ۋاقىئە سۈرىسىىڭ 79- ئايىتىنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ سىز تەرجىمە قىلغان شەكىلدە ئەمەس. سىز «…ئۇ قۇرئاننى…» دەپ تەرجىمە قىلغان سۆزنىڭ ئەرەبچىسى لا يەمەسسۇھۇ «لَا يَمَسُّهُ» دىكى ھۇ «هُ» ئالمىشى بولۇپ، بۇ ئالماش يېنىدىكى يەنى 78- ئايەتتىكى كىتابى مەكنۇن «كِتَابٍ مَكْنُونٍ» غا قايتىدۇ. ئەرەبچىدىن خەۋىرى بولغانلار بۇنى بىلىدۇ. چۈنكى ئەرەبچىدە ئالماش ئەڭ يېقىنغا قايتىدۇ. ئىككىنچىدىن سىز «پەقەتلا پاك ھالەتتە» دەپ تەرجىمە قىلغان سۆز ئەلمۇتەھھەرۇن «الْمُطَهَّرُونَ» دېگەن كەلىمىدۇر. بۇ كەلىمە مۇتەئەددىي ئىسىم مەفئۇل يەنى ئۆتۈملۈك مەجھۇل سۈپەتداش بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى «پاك قىلىنغۇچىلار» دېگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ مەنىسى ھەرگىزمۇ «پاك ھالەتتە ياكى تاھارەتلىك ياكى تاھارىتى بار» دېگەن بولمايدۇ. قۇرئان كەرىمدە پاك بولغۇچىلار دېگەن ئىپادە ئۈچۈن ئەلمۇتەتەھھىرىين ۋە ئەلمۇتتەھھىرىين «المتطھرين، المطھرين» (بەقەرە سۈرىسى 222- ئايەت ۋە تەۋبە سۈرىسى 108- ئايەتلەرگە قاراڭ) دېگەن كەلىمىلەر كېلىدۇ. بۇ كەلىمىلەر ئۆتۈمسىز ئېنىق سۈپەتداش بولۇپ، مەنىسى پاك بولۇش پېئىلىنى ئۆزى قىلغۇچىلار دېگەن بولىدۇ. پاك قىلىنىش باشقا، پاك بولۇش باشقىدۇر.
قۇرئان كەرىمدە تەتھىير «التطھير» دېگەن مەسدەردىن تۈرلەنگەن پېئىللەرنىڭ مەنىسى باشقىدۇر. تەتەھھۇر «التطھر» ياكى ئىتتىھار «الإطّھار» ياكى تۇھر «الطھر» دېگەن مەسدەرلەردىن تۈرلەنگەن پېئىللەرنىڭ مەنىسى باشقىدۇر. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 125- ئايىتى، ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 42- ۋە 55- ئايەتلىرى، تەۋبە سۈرىسىنىڭ 103- ئايىتى، مائىدە سۈرىسىنىڭ 6- ۋە 41- ئايەتلىرى، ئەنفال سۈرىسىنىڭ 11- ئايىتى، ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 33- ئايىتى، ھەج سۈرىسىنىڭ 26- ئايىتى مۇددەسسىر سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەردىكى پېئىللەر ۋە سۈپەتداشلار تەتھىيردىن تۈرلەنگەن بولۇپ، مەنە ئېيتقان ۋاقتىمىزدا ئۇلارنىڭ ئۆتۈملۈك ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.
بەقەرە سۈرىسىنىڭ 222- ئايىتى، تەۋبە سۈرىسىنىڭ 108- ئايىتى، ئەئراف سۈرىسىنىڭ 82- ئايىتى، نەمل سۈرىسىنىڭ 56- ئايىتى قاتارلىق ئايەتلەردىكى پېئىللەر تەتەھھۇردىن ياكى تۇھرىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، مەنە ئېيتقان چېغىمىزدا ئۇلارنىڭ ئۆتۈمسىز ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. مەن بۇنى مىسال ئۈچۈن دەۋاتىمەن. قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن ھەر كەلىمىگە بەلكى ھەربىر ھەرپگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندا ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىنى توغرا چۈشىنەلەيمىز، شۇنداقلا خاتا يوللارغا كىرىپ قالمايمىز.
ۋاقىئە سۈرىسىنىڭ 79- ئايىتىنى سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىز بويىچە تەرجىمە قىلساق يەنى ئالماشنى يېقىنى بولغان 78- ئايەتتىكى كىتابى مەكنۇنغا ئەمەس، يىراقتىكى يەنى 77- ئايەتتىكى قۇرئان كەرىمگە قايتۇرۇپ مەجھۇل سۈپەتداشنى ئۆز ھالى بىلەن قويۇپ تەرجىمە قىلساق، ئالدىمىزغا مۇنداق بىر مەنە چىقىدۇ:
«تۇتمايدۇ ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاننى پەقەت باشقىشى تەرىپىدىن پاك قىلىنغۇچىلار، باشقىسى تەرىپىدىن تازىلانغۇچىلار، باشقسى تەرىپىدىن تاھارەت ئالدۇرۇلغۇچىلار تۇتىدۇ».
بۇنىڭ مەنىسى قۇرئاننى تۇتماقچى بولغان كىشىنىڭ تاھارىتى بولۇشى ۋە ئۇ تاھارەتنىڭ ئۆزى ئالغان تاھارەت ئەمەس، باشقىلار ئالدۇرۇپ قويغان تاھارەت بولۇشى كېرەك دېگەن بولىدۇ. بۇ مەنىنى ئېيتىش ئۈچۈن ئاللاھ بەرگەن ئەقىلنى يوقاتقان بولۇش لازىم.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەبچىدە تاھارەت ۋۇدۇئ دېيىلىدۇ، تاھارەتنىڭ مەنىسى پاكلىق، پاكلانماق دېگەن بولىدۇ.
سىزنىڭ تەرجىمىڭىزدە نەفيى پېئىلى (بولۇشسىز بايان پېئىلى) نەھيى پېئىلى (بولۇشسىز بۇيرۇق پېئىلى) گە ئۆزگەرتىلگەن، ئالماش ئۆز جايىغا قايتۇۇرۇلمىغان ۋە مەجھۇل سۈپەتداشقا ئېنىق سۈپەتداش مەنىسى ئېيتىلغان.
ۋاقىئە سۈرىسىنىڭ ئۇ ئايىتىنىڭ بېشىدىكى ۋە ئاخىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە تەرجىمە قىلساق مۇنداق بىر مەنا چىقىدۇ:
«ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش كاپىرلار دېگەندەك ئەمەس)، يۇلتۇزلارنىڭ ئورۇنلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى-
بىلسەڭلەر بۇ ناھايىتى چوڭ قەسەمدۇر-
شۈبھىسىزكى، ئۇ ھۆرمەتلىك قۇرئاندۇر،
ساقلانغۇچى كىتابتىدۇر،
ئۇنى پاكىزلانغۇچىلاردىن باشقىسى تۇتالمايدۇ،
ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغۇچىدۇر»- ۋاقىئە 56/75-80.
بۇ ئايەتتە قۇرئاننىڭ قانداق بىر كىتاب ئىكەنلىكى بىلەن پەيغەمبىرىمىزگە ۋەھىي نازىل قىلغان پەرىشتىلەرنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنىدۇ. بۇ پەرىشتىلەرنىڭ باشقا سۈپەتلىرى ئەبەسە سۈرىسىدە بايان قىلىنىدۇ:
«… قۇرئان ئايەتلىرى بىرەر ئەسلىتىشتۇر.
خالىغان كىشى قۇرئاندىن نەسىھەت ئالسۇن.
ئۇ ئايەتلەر قىممەتلىك سەھىپىلەردىدۇر.
بۇ سەھىپىلەر ئالىي سۈپەتلىك پاك سەھىپىلەردۇر،
ئەلچىلەرنىڭ قوللىرىدىدۇر.
بۇ ئەلچىلەر ھۆرمەتلىك ۋە ياخشى ئەلچىلەردۇر»- ئەبەسە 80/11-16.
ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر