مۇسۇلمانلار
ئاللاھنىڭ سۈننىتى 1

ئاللاھنىڭ سۈننىتى

قۇرئاندا ۋە ئەنئەنىۋى دىنى چۈشەنچىدە سۈننەت

سۈننەت، قۇرئاننىڭ ئاساسلىق ئۇقۇملىرىدىن بىرىدۇر. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى، يول ۋە ئۇسلۇب دېمەكتۇر.[1] بۇ سۆز 11 ئايەتتە 16 قېتىم تىلغا ئېلىنىدۇ. ئىككى ئايەتتە ئاللاھ، بارلىق ئىنسانلارنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇن ئىش قىلىشىنى بۇيرۇيدۇ.[2] قالغان توققۇز ئايەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بولسا سۈننەتكە ئۇيغۇن ئىش قىلمىغانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاقىۋەتلەرنى بايان قىلىدۇ.[3]

ئا- ئاللاھنىڭ سۈننىتى

ئاللاھنىڭ سۈننىتى، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن بېرى تەتبىقلىنىۋاتقان ئىسلام دىنىدۇر. ئاللاھقا ئىشەنگەن، ئۇ دىنغا كىرىدۇ ۋە ئىسلامنىڭ نېمەتلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. بۇ دىننى مەنپەئەتلىرىگە قارشى دەپ چۈشەنگەنلەر زىيان تارتىدۇ. ئاللاھ تائالا، نىسا سۈرىسىنىڭ 26 – ئايىتىگىچە نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ھەققىدە ھۆكۈملەر بەرگەندىن كىيىن مۇنداق دەيدۇ:

﴿يُرِيدُ اللَّهُ لِيُبَيِّنَ لَكُمْ وَيَهْدِيَكُمْ سُنَنَ الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ وَيَتُوبَ عَلَيْكُمْ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ٢٦﴾

«ئاللاھ سىلەرگە بايان قىلىشنى، سىلەرنى سىلەردىن بۇرۇنقىلارنىڭ يوللىرىغا باشلاشنى ۋە تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى ئىرادە قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» – (4 – سۈرە نىسا، 26 – ئايەت).

ئاللاھ سۈننىتىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن نەبىيلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە كىتاب ۋە ھېكمەت بەرگەندۇر. ئۇ كىتابلار مەزمونى جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن بىر بىرىنى تەستىقلايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِذْ أَخَذَ اللَّهُ مِيثَاقَ النَّبِيِّينَ لَمَا آتَيْتُكُم مِّن كِتَابٍ وَحِكْمَةٍ ثُمَّ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مُّصَدِّقٌ لِّمَا مَعَكُمْ لَتُؤْمِنُنَّ بِهِ وَلَتَنصُرُنَّهُ قَالَ أَأَقْرَرْتُمْ وَأَخَذْتُمْ عَلَى ذَلِكُمْ إِصْرِي قَالُوا أَقْرَرْنَا قَالَ فَاشْهَدُوا وَأَنَا مَعَكُم مِّنَ الشَّاهِدِينَ٨١فَمَن تَوَلَّى بَعْدَ ذَلِكَ فَأُولَئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ٨٢﴾

«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ نەبىيلەردىن ئەھدە ئېلىپ: «مەن سىلەرگە كىتاب ۋە ھېكمەت بەرگەندىن كېيىن، قولۇڭلاردىكى كىتابنى تەستىقلايدىغان ئەلچى كەلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىمان كەلتۈرۈشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىشىڭلار كېرەك. بۇ توغرىدا ماڭا ئەھدە بېرىپ ئېغىر يۈكۈمنى ئۈستۈڭلارغا ئالدىڭلارمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلار: «ئەھدە بەردۇق» دېدى. ئاللاھ: «ئۇنداق بولسا گۇۋاھ بولۇڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھ بولغۇچىلاردىنمەن» دېدى. بۇنىڭدىن كېيىن كىم يۈز ئۆرۈسە، ئەنە شۇلار فاسىقلاردۇر‏» – (3 – سۈرە ئال ئىمران، 81 – 82 – ئايەتلەر).

ئە- سۈننەتكە ئەگەشكەنلەرنىڭ يېتەكچىسى كىتاب ۋە ھېكمەتتۇر

سۈننەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگىنىمىزدە، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى ئۆزى ئەۋەتكەن كىتاب ۋە ھېكمەتكە يېتەكلىمەكچى بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھېكمەت، كىتابنىڭ ئىچىدىكى مەلۇماتلار بولۇپ، ئۇ پەقەت ئۇنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەنلەرگە يېتەكچى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ذَلِكَ الْكِتَابُ لَا رَيْبَ فِيهِ هُدًى لِّلْمُتَّقِينَ٢﴾

«ئۇ – بۇ كىتابتۇر، ئىچىدە ھېچ شەك يوقتۇر، تەقۋادارلارنى توغرا يولغا يېتەكلىگۈچىدۇر‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 2 – ئايەت).

قۇرئانغا «بۇ كىتاب» دېيىلىشى، نازىل قىلىنىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان ئاخىرقى كىتاب بولغانلىقى ئۈچۈندۇر.[4]

ھېكمەت، كىتاب ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ. ئەنئام سۈرىسىنىڭ 83-ۋە 88-ئايەتلىرى ئارىسىدا، نۇھ ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىچە 18 پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى سانالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى، ئەۋلادلىرى ۋە قېرىنداشلىرى ئارىسىدىن نەبىيلەر تاللانغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە كىتاب ۋە ھېكمەت بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق خىتاب قىلىندۇ:

﴿أُولَئِكَ الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ فَبِهُدَاهُمُ اقْتَدِهْ… ٩٠﴾

«ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ توغرا يولىغا ئەگەشكىن…» – (6 – سۈرە ئەنئام، 90 – ئايەت).

بۇ ئايەتلەردىكى توغرا يولنىڭ، كىتاب ۋە ھېكمەت ئىكەنلىكى ئوچۇقتۇر. مەككىدە نازىل بولغان بۇ ئەمىرگە ئاساسەن نەبىيىمىز، ھۆكمى نازىل بولمىغان مەسىلىلەردە ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئەگىشەتتى. قىبلىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر نازىل بولغانغا قەدەر قۇدۇسقا قاراپ ناماز ئوقۇشىنىڭ سەۋەبى بۇدۇر (بەقەرە 2/142 – 150). مائىدە سۈرىسى نازىل بولۇشى بىلەن دىننىڭ تاماملانغانلىقى بىلدۈرىلىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق مەسىلىدە قۇرئانغا ئەگىشىش كېرەكلىكى بۇيرۇلىدۇ (مائىدە 5 / 3، 48). ئاللاھ، مائىدە سۈرىسىدە، يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارغا مۇنداق دېيىشىمىزنى بۇيرۇيدۇ:

﴿قُلْ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَسْتُمْ عَلَى شَيْءٍ حَتَّى تُقِيمُوا التَّوْرَاةَ وَالْإِنجِيلَ وَمَا أُنزِلَ إِلَيْكُم مِّن رَّبِّكُمْ وَلَيَزِيدَنَّ كَثِيرًا مِّنْهُم مَّا أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ طُغْيَانًا وَكُفْرًا فَلَا تَأْسَ عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ٦٨﴾

«ئېيتقىنكى: «ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە رەببىڭلاردىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلمىغىچە، ھېچ نەرسىگە ئاساسلانغان بولمايسىلەر». شۈبھىسىزكى، رەببىڭدىن ساڭا نازىل قىلىنغان قۇرئان ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە كۇفرىنى زىيادە قىلىدۇ. ئۇ ھالدا سەن ئۇ كافىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن!‏» – (5 – سۈرە مائىدە، 68 – ئايەت).

چۈنكى تەۋرات ۋە ئىنجىل، يەھۇدى ۋە خىرىستىيانلارغا، قۇرئانغا ئەمەل قىلىشىنى بۇيرۇيدۇ (ئەئراف 7 / 157).

تەۋراتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئىپادە مۇنداق:

«ئۇلارغا قېرىنداشلىرى (ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى) ئارىسىدىن سېنىڭدەك بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىمەن. سۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلايسىلەر. ئۇ ئۆزىگە بۇيرۇلغان بارلىق ئەمىرلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈزىدۇ. مېنىڭ ئىسمىم بىلەن سۆزلەيدىغان بۇ پەيغەمبەرنىڭ يەتكۈزگەن سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغانلارنى جازالاندۇرىمەن»-(تەسنىيە، 18 : 18، 19).

ئىنجىلدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىپادىلەر مۇنداق:

  «مەن ھازىر  مېنى ئەۋەتكەن زاتنىڭ يېنىغا بارىمەن. نىمىشقىكىن سىلەردىن ھېچكىم مەندىن: «نەگە بارىسەن؟» دەپ سورىمىدى.  لېكىن سىلەرگە بۇلارنى دېگەنلىكىم ئۈچۈن يۈرىكىڭلار قايغۇغا تولدى. مەن سىلەرگە ھەق گەپ قىلىۋاتىمەن، مېنىڭ ئايرىلىشىم سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈندۇر. ئەگەر مەن بارمىسام، سىلەرگە ياردەمچى كەلمەيدۇ. ئۇ كېلىپ دۇنيانىڭ گۇناھ، ھەققانىيلىك ۋە كەلگۈسىدىكى ھېساب قاتارلىق مەسىلىلەردىكى خاتالىقلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. گۇناھ توغرىسىدا – چۈنكى ئۇلار ماڭا ئىشەنمەيدۇ. ھەققانىيلىق توغرىسىدا – چۈنكى مەن ئاتامنىڭ قېشىغا بارىمەن ، ئەمدى مېنى كۆرەلمەيسىلەر. ھېساب توغرىسىدا – چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى ھېساب بېرىدۇ. مېنىڭ سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرىم بار، ئەمما ھازىر چىدىيالمايسىلەر. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ يەنى ھەقىقەت روھى كەلگەندە، سىلەرنى ھەقىقەتكە يېتەكلەيدۇ. ئۇ ئۆز ئالدىغا سۆزلىمەيدۇ، ئۇ پەقەت ئاڭلىغانلىرىنىلا ئېيتىدۇ ۋە كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇ مېنى ئۇلۇغلايدۇ»-(ئىنجىل يۇھەننا 16/ 5 -14).    

داۋامى بار…

[1]  ئىبنى مەنزۇر، جامالۇددىن مۇھەممەد ئىبنى مۇقرىن (630 – 711)، « سۈنەن»، لىسانۇل ئەرەب، بەيرۇت. 

[2] نىسا، 4/26؛ ئەھزاپ، 33/38.

[3]  ئال ئىمران، 3/137؛ ئەنفال، 8/38؛ ھىجر، 15/10-15؛ ئىسرا، 17/76-77؛ كەھف، 18/55؛ ئەھزاب، 33/60-62؛ فاتىر، 35/43؛ مۇئمىن، 40/84-85؛ فەتىھ، 48/22-23.

[4]بەقەرە، 2 /89 .

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر