مۇسۇلمانلار

قۇرئاندا ھەج

ھەج بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ تەرجىملىرى
«ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ مۇبارەكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. ئۇ يەردە ئوچۇق ئالامەتلەر بار. ئىبراھىمنىڭ ماقامى بار. كىم ئۇ يەرگە كىرسە ئامانلىققا ئېرىشىدۇ. ئۇ يەرگە بېرىشقا كۈچى يەتكەن كىشىگە ھەج قىلىش پەرز قىلىندى. كىم كاپىر بولسا بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھنىڭ ئالەملەرگە ئېھتىياجى يوقتۇر»- ئال ئىمران 3/96-97.
«بىز ئىبراھىمنى بەيتۇللاھنىڭ ماكانىغا ئورۇنلاشتۇرغان چېغىمىزدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلما، تاۋاپ قىلغۇچىلار، قىيامدا تۇرغۇچىلار ۋە رۇكۇ-سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئۆيۈمنى پاك تۇت.
ئىنسانلارنى ھەجگە چاقىرغىن. ئۇلار پىيادە ۋە يىراق يوللاردىن كەلگەن ئۇرۇق ئۇلاغلار ئۈستىدە يېنىڭغا كېلىپ،
مەنپەئەتلىرىنى كۆرسۇن، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىدىن بىلىنگەن كۈنلەردە بىسمىللاھ، دەپ قۇربانلىق قىلسۇن. ئى قۇربانلىق قىلغۇچىلار! قۇربانلىقىڭلاردىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، موھتاجلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار،
ئۇلار بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تەفەسىنى[1] ئادا قىلسۇن، نەزىرلىرىگە ۋاپا قىلسۇن ۋە كونا ئۆي بولغان كەبىنى تاۋاف قىلسۇن.
ھەج ئەنە شۇلاردىن ئىبارەتتۇر. كىم ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان نەرسىلەرگە ھۆرمەت قىلسا، رەببىنىڭ دەرگاھىدا ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە ھالال قىلىندى، لېكىن بۇلاردىن قۇرئاندا ھاراملىقى بايان قىلىنغانلىرى مۇستەسنا. ئۇھالدا ئاللاھ چەكلىگەن نەرسىلەردىن، بولۇپمۇ نىجىس بۇتلاردىن ۋە يالغان سۆزدىن ساقلىنىڭلار.
ئاللاھقا بىۋاسىتە دۇئا قىلىڭلار، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەڭلار. كىم ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسە، بىلىپ قويسۇنكى ئۇ ئاسماندىن چۈشۈپ كېتىپ قۇشلارغا يەم بولغاندەك ياكى بوران ئېلىپ يىراق بىر جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ.
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش مانا مۇشۇنداقتۇر. كىم ئاللاھ قويغان نىشانلارغا ھۆرمەت قىلسا، بىلسۇنكى بۇ قەلبلەرنىڭ تەقۋالىقىدىندۇر.
سىلەر ئۈچۈن قۇربانلىق ماللىرىدا مۇئەييەن مۇددەتكىچە مەنپەئەتلەر بار. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېتىپ بارىدىغان يېرى كونا ئۆي بولغان كەبىدۇر.
بىز ھەر ئۈممەتكە قۇربانلىق قىلىشنى[2] بەلگىلىدۇق. بىز بۇنى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت ھايۋانلىرىنى بىسمىللاھ، دەپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق. سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. ئۇنداقتا پەقەت ئۇنىڭغىلا بويسۇنۇڭلار. ئاللاھقا چىن قەلبىدىن بويسۇنغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»- ھەج 22/26-34.
«ھەج بىلىنگۈچى ئايلاردىدۇر. كىم بۇ ئايلاردا ئېھرام باغلاپ ھەجنى باشلىسا، بىلسۇنكى ھەج ئەسناسىدا ئەر-خوتۇن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار گەپ-سۆزلەرنى قىلىشقا، گۇناھ قىلىشقا، جېدەللىشىشكە قەتئىي بولمايدۇ. ياخشىلىقتىن نېمە قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئوزۇق ئېلىۋېلىڭلار، ئەڭ ياخشى ئوزۇق تەقۋالىقتۇر. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى، مەندىن قورقۇڭلار!
ھەج مەۋسۇمىدە تىجارەت قىلىپ رەببىڭلاردىن رىزىق تەلەپ قىلىشىڭلاردا سىلەرگە ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر. ئەرەفاتتىن ئايرىلىپ مۇزدەلىفە تەرەپكە سەلدەك ئاققان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرامدا ئاللاھقا زىكىر ئېيتىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە قانداق كۆرسەتكەن بولسا، ئۇنىڭغا شۇنداق زىكىر ئېيتىڭلار. سىلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى چوقۇم ئازغۇنلاردىن ئىدىڭلار.
ئاندىن ئىنسانلار سەلدەك ئاققان يەردىن سىلەرمۇ سەلدەك ئېقىڭلار. ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلەڭلار. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر.
ھەج ئىبادەتلىرىڭلارنى ئادا قىلغان چېغىڭلاردا، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى ياد ئەتكەندەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى: ‹رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادا بەرگىن› دەيدۇ. بۇنداقلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچبىر نېسىۋىسى بولمايدۇ.
ئۇلاردىن يەنە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى: ‹رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن› دەيدۇ.
ئەنە شۇنداق دېگەنلەرگە ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى بەك تېزدۇر.
ساناقلىق كۈنلەردە ئاللاھقا زىكىر ئېيتىڭلار. كىمكى ئالدىراپ مىنادىن ئىككى كۈندە قايتسا، ئۇنىڭ ئۈستىدە ھېچ گۇناھ قالمايدۇ. كىمكى مىنادا يەنە بىر كۈن قالسا، ئۇنىڭ ئۈستىدىمۇ ھېچ گۇناھ قالمايدۇ. بۇ تەقۋادار بولغانلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھدىن قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر»- بەقەرە 2/197-203.
«سەفا بىلەن مەرۋە ئاللاھ ئىبادەت يەرلىرى قىلىپ بەلگىلىگەن نىشانلاردىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش نىيىتى بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلىپ، سەفا ۋە مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلغانلار گۇناھكار بولمايدۇ. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىر ياخشىلىق قىلسا، بىلسۇنكى ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ، قىلمىشىنى بىلىدۇ»- بەقەرە 2/158.
«باشلىغان ھەج ۋە ئۆمرەڭلەرنى ئاللاھ ئۈچۈن تاماملاڭلار. ئەگەر توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزۈڭلارغا ئاسان بولغىنىنى ئەۋەتىڭلار. بۇ مال، بوغۇزلىنىدىغان يېرىگە بارمىغىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار. لېكىن ئىچىڭلاردىن بىرى كېسەل بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى بېشىدىن بىر ئەزىيەت چەككەنلىكى ئۈچۈن ۋاقتىدىن ئىلگىرى بېشىنى چۈشۈرسە بىر فىدىيە بەرسۇن. فىدىيە، روزا تۇتۇش ياكى سەدىقە بېرىش ياكى قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا بولسا، ھەجگىچىلىك ئۆمرە قىلىپ ساۋاب قازانغان كىشى قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزىگە ئاسان بولغىنىنى قۇربانلىق قىلىشى لازىم. تاپالمىغانلار ھەج ئەسناسىدا ئۈچ كۈن، قايتقان چېغىڭلاردا يەتتە كۈن بولۇپ جەمى تولۇق ئون كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ھۆكۈم، ئائىلىسى مەسجىدى ھەرامنىڭ تەۋەلىكىدە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغانلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھدىن قورقۇڭلار ۋە بىلىڭلاركى ئاللاھنىڭ جازاسى بەك قاتتىقتۇر»- بەقەرە 2/196.


[1]– «تەفەسىنى ئادا قىلسۇن» نىڭ مەنىسى توغرىسىدا تەپسىرلەردە ئاساسلىق ئىككى كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ. بىر كۆزقاراشقا ئاساسەن تەفەسنى ئادا قىلماق، ئېھرام سەۋەبىدىن بەدەندە پەيدا بولغان كىرلەرنى تازىلىماق، خۇسۇسەن تىرناقلارنى ۋە بەدەننىڭ بەزى يەرلىرىدىكى تۈكلەرنى ئالماق بۇرۇتنى كەسمەك، چاچنى چۈشۈرمەك/ قىرقىماق، دېمەكتۇر. يەنە بىر كۆزقاراشقا ئاساسەن تەفەسنى ئادا قىلماق، ھەم بۇ ئىشلارنى قىلماق ھەم ھەجنىڭ مىنا، ئەرەپات ۋە مۇزدەلىفىدە قىلىنىدىغان پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلماق، دېگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزچە بۇ «تەفەسىنى ئادا قىلسۇن» نىڭ ئەڭ توغرا مەنىسى، «ھەجنىڭ مىنا، ئەرەپات ۋە مۇزدەلىفىدە قىلىنىدىغان پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ تازىلىق قىلسۇن» دۇر.

[2]– بۇ يەردە «قۇربانلىق قىلىش» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز «مەنسەك» دۇر. مەنسەك قۇربانلىق قىلىش ماكانى، قۇربانلىق قىلىش زامانى ۋە قۇربانلىق قىلىش، دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر