مۇسۇلمانلار
قۇرئاندا يېمەك-ئىچمەك 1

قۇرئاندا يېمەك-ئىچمەك

1§. ئومۇمىي بايان

قۇرئان كەرىمدە، ئىنسانلارنىڭ يېمەك – ئىچمەكلىرى پەرقلىق مۇناسىۋەتلەر بىلەن زىكىر قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت ۋە ھېكمىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن زىكىر قىلىنىدۇ. بىر قىسمى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنىڭ قاتارىدا زىكىر قىلىنىدۇ، بىر قىسمى جەننەتنىڭ نېمەتلىرى قاتارىدا زىكىر قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَفِي ٱلۡأَرۡضِ قِطَعٞ مُّتَجَٰوِرَٰتٞ وَجَنَّٰتٞ مِّنۡ أَعۡنَٰبٖ وَزَرۡعٞ وَنَخِيلٞ صِنۡوَانٞ وَغَيۡرُ صِنۡوَانٖ يُسۡقَىٰ بِمَآءٖ وَٰحِدٖ وَنُفَضِّلُ بَعۡضَهَا عَلَىٰ بَعۡضٖ فِي ٱلۡأُكُلِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ  ٤﴾

«زېمىندا بىر – بىرىگە قوشنا ھەر خىل يەر پارچىلىرى[1]، ئۈزۈملەردىن ھاسىل بولغان باغلار، ئېكىنلەر، بىر ئۇرۇقتىن ئوخشاش بىرقانچە تال ئۈنۈپ چىققان ۋە بىر ئۇرۇقتىن پەقەتلا بىر تال ئۈنۈپ چىققان خورما دەرەخلىرى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل سۇ بىلەن سۇغىرىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز مەھسۇلاتنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن تەمدە ئۈستۈن قىلىمىز. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا ئەقىللىرىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار»[2].

﴿ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجَ بِهِۦ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ رِزۡقٗا لَّكُمۡۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡفُلۡكَ لِتَجۡرِيَ فِي ٱلۡبَحۡرِ بِأَمۡرِهِۦۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡأَنۡهَٰرَ  ٣٢﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، سىلەرگە رىزىق بولسۇن دەپ ئۇ سۇ ئارقىلىق تۈرلۈك – تۈرلۈك مېۋە ۋە مەھسۇلاتلارنى چىقاردى، ئۆز ئەمرى بىلەن دېڭىزدا ئۈزۈشى ئۈچۈن كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۆستەڭلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى»[3].

﴿مَّثَلُ ٱلۡجَنَّةِ ٱلَّتِي وُعِدَ ٱلۡمُتَّقُونَۖ فِيهَآ أَنۡهَٰرٞ مِّن مَّآءٍ غَيۡرِ ءَاسِنٖ وَأَنۡهَٰرٞ مِّن لَّبَنٖ لَّمۡ يَتَغَيَّرۡ طَعۡمُهُۥ وَأَنۡهَٰرٞ مِّنۡ خَمۡرٖ لَّذَّةٖ لِّلشَّٰرِبِينَ وَأَنۡهَٰرٞ مِّنۡ عَسَلٖ مُّصَفّٗىۖ وَلَهُمۡ فِيهَا مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ وَمَغۡفِرَةٞ مِّن رَّبِّهِمۡۖ كَمَنۡ هُوَ خَٰلِدٞ فِي ٱلنَّارِ وَسُقُواْ مَآءً حَمِيمٗا فَقَطَّعَ أَمۡعَآءَهُمۡ  ١٥﴾

«تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەت مۇنداق: ئىچىدە بۇزۇلمىغان سۇ ئۆستەڭلىرى، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈت ئۆستەڭلىرى، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەي ئۆستەڭلىرى ۋە سۈزۈلدۈرۈلگەن ھەسەل ئۆستەڭلىرى بار. ئۇلار ئۈچۈن ئۇ جەننەتتە ھەر تۈرلۈك مېۋە ۋە رەببىدىن مەغپىرەت بار. بۇ نېمەتلەرگە ئېرىشكەن تەقۋادارلار، دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناق سۇ  بىلەن سۇغىرىلغان، قايناق سۇ ئۈچەيلىرىنى پارچە – پارچە قىلىۋەتكەن كىشىلەر بىلەن ئوخشاشمۇ؟»[4].

2§. ئىچىملىكلەر

1.     سۇ

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱللَّهُ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَآۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَسۡمَعُونَ  ٦٥﴾

«ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك تۇپراققا ھايات بەرمەكتىدۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا قۇلاق سالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار»[5].

﴿أَوَ لَمۡ يَرَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَنَّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ كَانَتَا رَتۡقٗا فَفَتَقۡنَٰهُمَاۖ وَجَعَلۡنَا مِنَ ٱلۡمَآءِ كُلَّ شَيۡءٍ حَيٍّۚ أَفَلَا يُؤۡمِنُونَ  ٣٠﴾

«كاپىرلار كۆرمىدىمۇ؟ ئاسمانلار بىلەن زېمىن تۇتاش ئىدى، ئۇ ئىككىسىنى بىز ئايرىدۇق، بىز ھەر جانلىق نەرسىنى سۇدىن ياراتتۇق. ئۇلار يەنىلا ئىشەنمەمدۇ؟»[6].

﴿وَٱللَّهُ خَلَقَ كُلَّ دَآبَّةٖ مِّن مَّآءٖۖ فَمِنۡهُم مَّن يَمۡشِي عَلَىٰ بَطۡنِهِۦ وَمِنۡهُم مَّن يَمۡشِي عَلَىٰ رِجۡلَيۡنِ وَمِنۡهُم مَّن يَمۡشِي عَلَىٰٓ أَرۡبَعٖۚ يَخۡلُقُ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ ٤٥﴾

«ئاللاھ پۈتكۈل جانلىقلارنى سۇدىن ياراتتى. ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»[7].

﴿وَٱذۡكُرۡ عَبۡدَنَآ أَيُّوبَ إِذۡ نَادَىٰ رَبَّهُۥٓ أَنِّي مَسَّنِيَ ٱلشَّيۡطَٰنُ بِنُصۡبٖ وَعَذَابٍ  ٤١ ٱرۡكُضۡ بِرِجۡلِكَۖ هَٰذَا مُغۡتَسَلُۢ بَارِدٞ وَشَرَابٞ  ٤٢﴾

«بەندىمىز ئەييۇبنى زىكىر قىلغىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: ‹شەيتان ماڭا ھارغىنلىق ۋە ئازاب يەتكۈزدى› دەپ نىدا قىلغان ئىدى. ئۇنىڭغا ‹پۇتۇڭنى يەرگە ئۇرغىن، ئەنە سوغۇق سۇ! يۇيۇنىسەن ۋە ئىچىسەن› دېدۇق»[8].

2.     سۈت

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَإِنَّ لَكُمۡ فِي ٱلۡأَنۡعَٰمِ لَعِبۡرَةٗۖ نُّسۡقِيكُم مِّمَّا فِي بُطُونِهِۦ مِنۢ بَيۡنِ فَرۡثٖ وَدَمٖ لَّبَنًا خَالِصٗا سَآئِغٗا لِّلشَّٰرِبِينَ  ٦٦﴾

«شۈبھىسىزكى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردە سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار: سىلەرنى ئۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمى بىلەن سۇغىرىمىز. ئۇ، ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنىدىكى ئوزۇقلۇقلار بىلەن قاننىڭ ئارىسىدىن كېلىدىغان، ئىچكۈچىلەرنىڭ گاللىرىدىن سىلىق ئۆتۈپ كېتىدىغان ساپ سۈتتۇر»[9].

﴿وَإِنَّ لَكُمۡ فِي ٱلۡأَنۡعَٰمِ لَعِبۡرَةٗۖ نُّسۡقِيكُم مِّمَّا فِي بُطُونِهَا وَلَكُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ كَثِيرَةٞ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ  ٢١﴾

«شۈبھىسىزكى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردە سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار. بىز سىلەرنى ئۇلارنىڭ سۈتلىرى بىلەن سۇغىرىمىز. ئۇلاردىن كۆپ پايدىلىنىسىلەر ۋە گۆشلىرىنى يەيسىلەر»[10].

3.     ھەسەل

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَأَوۡحَىٰ رَبُّكَ إِلَى ٱلنَّحۡلِ أَنِ ٱتَّخِذِي مِنَ ٱلۡجِبَالِ بُيُوتٗا وَمِنَ ٱلشَّجَرِ وَمِمَّا يَعۡرِشُونَ  ٦٨ ثُمَّ كُلِي مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ فَٱسۡلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلٗاۚ يَخۡرُجُ مِنۢ بُطُونِهَا شَرَابٞ مُّخۡتَلِفٌ أَلۡوَٰنُهُۥ فِيهِ شِفَآءٞ لِّلنَّاسِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ  ٦٩﴾

«رەببىڭ ھەسەل ھەرىسگە مۇنداق ۋەھىي قىلدى: ‹تاغلاردا، ئورمانزارلىقلاردا ۋە ئىنسانلار تەييارلىغان ساندۇقلاردا ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۆيلەر ياسىغىن. ئاندىن كېيىن مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يېگىن، ئاندىن رەببىڭ ساڭا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن يوللاردا ماڭغىن‹. ئۇلارنىڭ قورساقلىرىدىن رەڭگىلىرى ھەر خىل ئىچىملىك چىقىدۇ. ئۇ ئىچىملىكدە ئىنسانلار ئۈچۈن شىپا بار. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار»[11].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 – جىلد، 211 – 215- بەتلەر.

[1] بىر – بىرىگە يېقىن، لېكىن ھەر خىل. يەنى يەر – مۇنبەت يەر، شورلۇق يەر، ئاچچىق يەر، تاتلىق يەر، يۇمشاق يەر، قاتتىق يەر، تۈز يەر، ئېگىز – پەس يەر دېگەندەك بىرقانچە خىلغا ئايرىلىدۇ. ھەتتا يەرلەرنىڭ رەڭگىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. ھالبۇكى، ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇز نۇرلىرى ئوخشاشلا چۈشىدۇ. يامغۇرمۇ ئوخشاشلا ياغىدۇ.   

[2] 13 – سۈرە رەئد، 4 – ئايەت.

[3] 14 – سۈرە ئىبراھىم، 32 – ئايەت.

[4] 47 – سۈرە مۇھەممەد، 15 – ئايەت.

[5] 16 – سۈرە نەھل، 65 – ئايەت.

[6] 21 – سۈرە ئەنبىيا، 30 – ئايەت.

[7] 24 – سۈرە نۇر، 45 – ئايەت.

[8] 38 – سۈرە ساد، 41 – ۋە 42 – ئايەتلەر.

[9] 16 – سۈرە نەھل، 66 – ئايەت.

[10] 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 21 – ئايەت.

[11] 16 – سۈرە نەھل، 68 – ۋە 69 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر