مۇسۇلمانلار
قۇرئاندا زىنانىڭ جازاسى 1

قۇرئاندا زىنانىڭ جازاسى

ئاللاھ تائالا زىنا قىلغان ئەر ۋە ئاياللارنىڭ جازاسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَاللَّاتِي يَأْتِينَ الْفَاحِشَةَ مِن نِّسَائِكُمْ فَاسْتَشْهِدُوا عَلَيْهِنَّ أَرْبَعَةً مِّنكُمْ فَإِن شَهِدُوا فَأَمْسِكُوهُنَّ فِي الْبُيُوتِ حَتَّى يَتَوَفَّاهُنَّ الْمَوْتُ أَوْ يَجْعَلَ اللَّهُ لَهُنَّ سَبِيلًا١٥ وَاللَّذَانِ يَأْتِيَانِهَا مِنكُمْ فَآذُوهُمَا فَإِن تَابَا وَأَصْلَحَا فَأَعْرِضُوا عَنْهُمَا إِنَّ اللَّهَ كَانَ تَوَّابًا رَّحِيمًا١٦﴾

«ئاياللىرىڭلاردىن پاھىشە[1] قىلغۇچىلارنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، سىلەردىن تۆت كىشىنىڭ ئۇلارغا قارشى گۇۋاھچى بولۇشىنى تەلەپ قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسە ئۇ ئاياللارنى ئۆلۈپ كەتكىنىگە قەدەر ياكى ئاللاھ ئۇلارغا چىقىش يولى بەرگەنگە قەدەر ئۆيلەردە تۇتۇڭلار. سىلەردىن ئۇ پاھىشىنى قىلغۇچى ھەر ئىككى كىشىگە تاپا – تەنە قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلسا، ئۇلارغا تاپا – تەنە قىلىشتىن توختاڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر» – (4 – سۈرە نىسا، 15 ~ 16 – ئايەتلەر).

﴿الزَّانِيَةُ وَالزَّانِي فَاجْلِدُوا كُلَّ وَاحِدٍ مِّنْهُمَا مِائَةَ جَلْدَةٍ وَلَا تَأْخُذْكُم بِهِمَا رَأْفَةٌ فِي دِينِ اللَّهِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَلْيَشْهَدْ عَذَابَهُمَا طَائِفَةٌ مِّنَ الْمُؤْمِنِينَ٢﴾

«زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار. ئاللاھنىڭ دىنىنى ئىجرا قىلىشتا ئۇلارغا ئىچىڭلار ئاغرىپ قالمىسۇن، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار. مۇئمىنلاردىن بىر جامائە ھازىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئازابلىنىشىنى كۆزلىرى بىلەن كۆرسۇن» – (24 – سۈرە نۇر، 2 – ئايەت).

ئاخىرقى ئايەت (نۇر سۈرىسى 2 -ئايەت)نىڭ نازىل بولۇشى بىلەن ئالدىنقى ئىككى ئايەت (نىسا، 15-16-ئايەتلەر)نىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالغان بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، زىنا قىلغان ئايال ۋە ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇشتىن باشقا جازا بەلگىلىمىگەندۇر .   

[1]  «پاھىشە»نىڭ مەنىسى قەبىھ گۇناھ بولۇپ بۇ يەردە زىنا كۆزدە تۇتۇلىدۇ.‏

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر