مۇسۇلمانلار

قۇرئاندا دۇئا

قۇرئاندا دۇئا
مۇقەددىمە
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ھەر نەرسىنى بايان قىلىش ۋە تەقۋادارلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە نەبىيلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولغان مۇھەممەدنىڭ شەنى ئۇلۇغ، دەرىجىسى ئۈستۈن بولسۇن. ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە ئەگەشكۈچىلىرى رەھمەت ۋە بەرىكەتكە چۆمسۇن.
ئىنسانىيەتنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادىتى قۇرئانغا ئەمەل قىلىشقا باغلىق. بۇ قۇرئاننى لايىق رەۋىشتە چۈشىنىش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. شۇڭا قۇرئاننى ئوقۇش چۈشىنىش ئۈچۈن، چۈشىنىش ئەمەل قىلىش ئۈچۈن بولۇشى كېرەك. قۇرئانغا كەلسەك، ئۇ ھەر جەھەتتىن مۆجىزە كىتابتۇر، چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. ئۇنىڭدا مەنىسىز ھېچقانداق سۆز، ئەھمىيەتسىز ھېچقانداق ھەرپ ۋە ھېكمەتسىز ھېچقانداق سۆز شەكلى يوق. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭدا مەنىداش (مرادف) سۆزلەرمۇ يوق. لېكىن ئۇنىڭدا مەنا جەھەتتىن بىر-بىرىگە يېقىن سۆزلەر كەلگەن.
قۇرئان ئىلىملىرى ۋە سۆزلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولمىغان ئۆلىمالار ئۇلارنى مەنىداش دەپ گۇمان قىلىپ ئوخشاش مەنا بىلەن تەپسىر قىلغان. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەرەپدارلىرى ئۇ گۇمانلارنى «ئىلىم» دەپ ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاۋام خەلق ئۇلارنى «ئىلمى يەقىن» دەپ ئېتىقاد قىلغان-دە، ئۇنىڭ باشقىسى «ھەققى يەقىن» بولسىمۇ قوبۇل قىلمايدىغان بولغان. مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنى مانا بۇ شەكىلدە تەرك ئېتىشكەن. ئۇلار بۈگۈنكى ھالەتكە ئەنە شۇ سەۋەبتىن كەلگەن.
ھەقنى يەتكۈزۈش، ھەقىقەتنى بايان قىلىش، ھەققانىيەتنى ئوتتۇرىغا قويۇش، خەلقنى ئويغىتىش، خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش، خاتالىقنى كۆرسىتىش بىلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر[1]. ھەقىقەتپەرۋەر ئۆلىمالار بۇ ۋەزىپىنى ھەر زاماندا ۋە ھەر ماكاندا ئورۇنداپ كەلدى[2]. ئىشىنىمىزكى، كۈنىمىزدىمۇ نۇرغۇنلىغان ئۆلىمالار ۋە كۆپلىگەن دىنى مۇئەسسەسەلەر بۇ ھەقتە تىرىشچانلىق قىلماقتا. سۈلايمانىيە ۋەقفى[3] بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. بۇ ۋەقفى ئۇستاز ئابدۇلئەزىز بايىندىر باشچىلىقىدا يىللاردىن بۇيان مۇسۇلمانلارنىڭ يولىنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە غەيرەت قىلماقتا.  
مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا مازار غوجاملاردىن ياردەم تەلەپ قىلىش، ئەۋلىيالارنىڭ روھلىرىغا سېغىنىش، «ئۇلۇغ»لارغا تېۋىنىش، ماشايىخلاردىن مەدەت تىلەش قاتارلىقلارن كۆزگە چېلىقماقتا. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى «چوڭ تەپسىرلەر»دە «دۇئا» بىلەن «ئىبادەت»كە ئوخشاش مەنا بېرىلىشىدۇر، شۇنداقلا بۇ خاتا مەنىنىڭ قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرىگە ئەكس ئېتىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ ھەقتە بىر تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا كىرىشتىم. تەتقىقاتتا دۇئا ۋە ئىبادەت ئاتالغۇلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق توختالدىم. نۇرغۇنلىغان مۇپەسسىرنىڭ بۇ ئىككى ئاتالغۇغا ئوخشاش مەنا بەرگەنلىكىنى بايقىدىم ۋە ئۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتىم.
ئاللاھ تەۋپىق بەرگەي.
1- ئىنسان ياردەمگە موھتاج، ئەقىلغا مۇۋاپىق ھالدا تەلەپ قىلىشى مۇباھ  
ئىنسان ھەر نەقەدەر چىرايلىق شەكىلدە يارىتىلغان[4] ۋە ھۆرمەتلىك قىلىنغان[5] بولسىمۇ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئاجىز يارىتىلغان[6]. ئاللاھ تائالا سانسىزلىغان نېمەتلەرنى يارىتىپ ئۇنىڭ ئالدىدا قويۇش[7] بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا بەزىدە ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن[8] ۋە بەزىدە جازالاش ئۈچۈن[9] مۇسىبەت يەتكۈزىدۇ.
نېمەتلەردىن كۆپ ھاسىل قىلىش ۋە خەۋپ-خەتەرلەردىن ساقلىنىش ئارزۇسى ئۇنىڭ فىترىتىگە سىڭدۈرۈلگەن[10]. ئۇ ھاياتى بويىچە بۇ ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ[11] ۋە ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلغان چېغىدا باشقىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ[12]. ئۇ باشقىسى ياردەم قىلىشقا قادىرلا بولىدىكەن ئۇ بۇ ئىشتىن مەنئى قىلىنمايدۇ[13]، بەلكى باشقىلارغا ياردەم تىلىمىسىمۇ ياردەم قىلىشقا تەشۋىق قىلىدۇ[14]، ھەتتا ئەمىر قىلىدۇ[15]. بۇنىڭغا ئاساسەن، كىمكى مۇرادىغا يېتىشتە ئاجىزلىق ھېس قىلىدىكەن، كۈچى يېتىدىغان بىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلسا ئەقىلغا ۋە شەرىئەتكە مۇۋاپىق ئىش قىلغان بولىدۇ.
2- ياردەم تەلەپ قىلىشتا خاتالىشىش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى
شۇنداق ئىنسانلار باركى، ئاللاھنى قويۇپ «ئەۋلىيا»لاردىن، «ھەزرىتى بۇزرۇكۋار»لاردىن ۋە «پىرى كامىل»لاردىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ سۈننىي سوپىلار شەيخ ۋە ماشايىخلارنىڭ روھلىرىدىن، شىئىي تائىپىلەر ئىماملىرىنىڭ ۋە ئۇلۇغلىرىنىڭ روھلىرىدىن مەدەت تەلەپ قىلىدۇ.  ئۇلار بۇ قىلمىشى بىلەن مۇشرىك ۋە كاپىر بولۇپ كېتىدۇ[16]. چۈنكى ئۇلار ئۇ «ئۇلۇغلار»نى ئەھۋالىمىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، سۆزىمىزنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، قەيەردە بولساق ۋە قايسى تىل بىلەن چاقىرساق بىزگە ياردەم قىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلغان بولىدۇ.  بۇلار بولسا پەقەت ئاللاھنىڭ سۈپىتىدۇر[17].
ئۇلار بۇ قىلمىشىنىڭ توغرىلىقىغا بەزى مۇپەسسىرلەرنىڭ دۇئانى ئاللاھقىلا قىلىشقا ئەمىر قىلىدىغان ئايەتلەرگە ۋە دۇئانى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىشتىن مەنئى قىلىدىغان ئايەتلەرگە قىلغان تەپسىرلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ دۇئانى ۋە ئۇنىڭدىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەرنى ئىبادەت دەپ قىلغان تەپسىرلىرىنى دەلىل قىلىدۇ. ھالبۇكى، دۇئا ۋە ئىبادەت قۇرئان كەرىمدە پەرقلىق ئىككى ئاتالغۇ بولۇپ، ھەر بىرى يەنە بىرىدىن پەرقلىق مەنا ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇنداق دېيىشنى ئۆگەتكەن:
﴿إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ﴾
«ئى ئاللاھ! بىز پەقەت ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، پەقەت سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز»- فاتىھە 1/5.
بۇ ئىشنىڭ ئەسلى مۇنداق: دۇئا قىلىش ئىبادەتنىڭ بىر تۈرىدۇر، ھەتتا ئەڭ مۇھىم تۈرىدۇر[18]. لېكىن ئىبادەتنىڭ ھەممىسى ئەمەستۇر[19]. بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ ئارىسىدا مۇشۇنداق بىر يېقىنلىق بولغانلىقى ئۈچۈن مۇپەسسرىلەرنىڭ كۆپچىلىكى دۇئاغا ئىبادەت مەنىسى بەرگەن[20]. شۇنىڭ بىلەن ئىبادەت دېسە، ناماز، زاكات، روزا ۋە ھەج قاتارلىق بەدەنىي ۋە مالىي ئىبادەتلەرنى چۈشىنىدىغان ئاۋام خەلق ئەۋلىيا-ئەنبىيا، شەيخ-ماشايىخ ۋە مازار غوجاملاردىن مەدەت تىلەشنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلغانلىق دەپ ھېسابلىمىغان ۋە ئۇلاردىن مەدەت تىلىگەن، شۇنداقلا ئۇ مۇپەسسىرلەرنىڭ سايىسىدا مۇشرىك بولۇشتىن قۇتۇلۇپ قالغان.
3- قۇرئان كەرىمدە دۇئانىڭ مەنىسى
قۇرئان كەرىمدە دۇئا ۋە ئۇنىڭدىن تۈرلەنگەن 90 دىن ئارتۇق كەلىمە كەلگەن بولۇپ، مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئا- چاقىرماق
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿لَا تَجْعَلُوا دُعَاءَ الرَّسُولِ بَيْنَكُمْ كَدُعَاءِ بَعْضِكُمْ بَعْضًا
«رەسۇلۇللاھنىڭ چاقىرىقىنى ئاراڭلاردا بىر-بىرىڭلارنىڭ چاقىرىقىغا ئوخشاش كۆرمەڭلار»- نۇر 24/63. 
﴿إِنَّكَ لَا تُسْمِعُ الْمَوْتَىٰ وَلَا تُسْمِعُ الصُّمَّ الدُّعَاءَ
«سەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن، گاسلارغا چاقىرىنى ئاڭلىتالمايسەن»- نەمل 27/80.
ئە- يېلىنىپ ياردەم تەلەپ قىلماق ۋە دادىغا يېتىشنى تەلەپ قىلماق
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ[21].
«رەببىڭلار مۇنداق دېدى: ‹ماڭا دۇئا قىلىڭلار، ئىجابەت قىلاي. ماڭا ئىبادەت قىلىشتىن ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتىدىغانلار خارلىق ئىچىدە جەھەننەمگە كىرىدۇ›»- مۇئمىن 40/60.
ب- مەنسۇپلۇقنى ئىپادىلىمەك
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿ادْعُوهُمْ لِآبَائِهِمْ هُوَ أَقْسَطُ عِندَ اللَّهِ ۚ فَإِن لَّمْ تَعْلَمُوا آبَاءَهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ وَمَوَالِيكُمْ ۚ وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُم بِهِ وَلَٰكِن مَّا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا
«بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاڭلار. بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، بۇ تەقدىردە ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىڭلار ۋە دوستلىرىڭلاردۇر. ئۇلارنى سەۋەنلىكتىن ئۆز ئاتىلىرىدىن باشقا بىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاپ سالساڭلار گۇناھكار بولمايسىلەر، لېكىن بۇنى قەستەن قىلساڭلار گۇناھكار بولىسىلەر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»- ئەھزاب 33/5.
«ئۆز ئاتىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاڭلار»، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئاتىلىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەڭلار.
پ- دۋەت قىلماق
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿ادْعُ إِلَىٰ سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ ۖ وَجَادِلْهُم بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ ۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِ ۖ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ[22].
«سەن ئىنسانلارنى رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەت بىلەن ۋە ياخشى نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن. زۆرۈر تېپىلسا ئۇلار بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ» نەھل 16/125.
ت- سورىماق
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿قَالُوا ادْعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّن لَّنَا مَا لَوْنُهَا ۚ قَالَ إِنَّهُ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٌ صَفْرَاءُ فَاقِعٌ لَّوْنُهَا تَسُرُّ النَّاظِرِينَ
«ئۇلار: ‹بىز ئۈچۈن رەببىڭدىن سورىغىن، بىزگە ئۇنىڭ رەڭگىنى بايان قىلىپ بەرسۇن› دېگەن ئىدى»- بەقەرە 2/69.
ج- تەشۋىق قىلماق
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿أُولَٰئِكَ يَدْعُونَ إِلَى النَّارِ ۖ وَاللَّهُ يَدْعُو إِلَى الْجَنَّةِ وَالْمَغْفِرَةِ بِإِذْنِهِ[23].
«مۇشرىكلار دوزاخقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئوچۇق بىلدۈرۈشى بىلەن جەننەتكە ۋە مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ»- بەقەرە 2/221.
بۇ خىل ئايەتلەردىكى «چاقىرىش» تەشۋىق قىلىش مەنىسىدە.
4- يېلىنىپ تۇرۇپ تىلىمەك مەنىسىدىكى دۇئانىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىش
مۇپەسسىرلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئۆز تەپسىرلىرىدە دۇئانىڭ يۇقىرىدىكى مەنىلىرىنى ئۆز پېتى ئىپادىلىگەن، لېكىن ئۇلار ئۇ مەنىلەرنىڭ ئىچىدىن «ئاللاھقا دۇئا قىلماق- يېلىنىپ ياردەم تەلەپ قىلماق»نى «ئاللاھقا ئىبادەت قىلماق- چوقۇنماق» دەپ تەپسىر قىلغان ياكى ئۇنىڭ مەفئۇلى (ئوبيېكتى) بولۇپ كەلگەن «ئەللەزىينە- زاتلار» ۋە «مەن- كىشى/كىشىلەر»نى «بۇتلار، جانسىز مەخلۇقاتلار» دەپ ئىزاھلىغان. ھالبۇكى، بۇ ئىككى كەلىمە ئەرەبچىدە جانلىق ۋە ئەقىللىق مەخلۇقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلاردىن مېنىڭ ئېنىقلىيالىغانلىرىم تۆۋەندىكىچە:
مۇقاتىل ئىبىن سۇلەيمان (150)، فەررا (207) تەبەرى (310)، ماتۇرىيدى (333)، سەمەرقەندى (373)، ئىبىن ئەبى زەمەنەين (399)، سۇئلەبى (427)، مەككى (437)، قۇشەيرى (465)، سەمئانى (489)، بەغەۋى (518)، ئىبىن ئەتىييە (512)، ئىبنۇلجەۋزى (597)، رازى (606)، قۇرتۇبى (671)، بەيزاۋى (685)، نەسەفى (710)، (خازىن (741)، ئەبۇ ھەييان (745)، ئىبنى كەسىر (774)، جەلالەين (911) شىربىينى (977)، ئەبۇسسۇئۇد (982)، شەۋكانى (1250).
مەسىلەن: بۇلار ئەھقاف سۈرىسىنىڭ 5- ئايىتىدىكى «يەدئۇ»غا «يەئبۇدۇ»نىڭ، «مەن»گە «ئەسنام»نىڭ مەنىسىنى بەرگەن. ئۇلار بۇ تەپسىرىدە تۆۋەندىكى 6 تۈرلۈك چوڭ خاتالىقنى ئۆتكۈزگەن:
1 – «يەدئۇ» غا «يەئبۇدۇ» مەنىسىنى بەرگەن.
2 – «مەن» گە «ما» مەنىسىنى بەرگەن.
3 – «ھۇم» غا «ھىيە» ياكى «ھۇننە» مەنىسىنى بەرگەن.
4 – «غافىلۇن» غا «غافىلەتۇن» ياكى «غافىلاتۇن» مەنىسىنى بەرگەن.
5 – «كانۇۇ» غا «كانەت» ياكى » «كۇننە» مەنىسىنى بەرگەن.
6 – «كافىرىينە» گە «كافىرەتەن» ياكى «كافىراتىن» مەنىسى بەرگەن.
ئۇلار ئەينى خاتالىقنى فاتىر سۈرىسىنىڭ 13- ۋە 14- ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرىدىمۇ ئۆتكۈزىدۇ.
مەشھۇر تەپسىرلەردىكى بۇ خاتالىقلار قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر قايسى تىللارغا قىلىنغان تەرجىمىلىرىدىمۇ ئەكس ئەتكەن. مەسىلەن: تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى تەرجىمىسى، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى تەرجىمىسى، ئۆمەر نەسۇھى بىلمەن تەرجىمىسى، سۇلەيمان ئاتەش تەرجىمىسى، بۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ تۈركچە تەرجىمىلىرىدۇر. مۇھەممەت سالىھ قىلغان ئۇيغۇرچە تەرجىمە ۋە «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» نەشر قىلغان يېڭى ئۇيغۇرچە تەرجىمە.  
5- خاتالىقنىڭ داۋاملىشىشى
ھەر كىشىگە مەلۇمكى، دۇنيالىق ئىشلاردا بىر خاتالىقنى ئۆتكۈزۈش يامان ئىشتۇر، ئۇنى تەكرارلاش تېخىمۇ يامان ئىشتۇر. شۇڭا ئىنسانلار خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ۋە ئۆتكۈزۈپ سالغان خاتالىقىنى تەكرارلىماسلىق ئۈچۈن دىققەت قىلىدۇ. لېكىن ئۇلار نۆۋەت دىنى ئىشقا كەلگەندە ئايەتلەرنىڭ ئاشكارا ھۆكۈملىرىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقلىد قىلىدۇ، كونىلارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى نەقىل قىلغانلىقنى دەلىل كەلتۈرگەنلىك دەپ ئويلايدۇ، بۇرۇنقى ئالىملارغا قارىغۇلارچە ئەگەشكەنلىكنى دىندارلىق دەپ چۈشىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كىتابلىرىغا چىڭ ئېسىلىدۇ ۋە مەزھەپلىرىگە تەرەپدارلىق قىلىدۇ.
قۇرئان كەرىمدىكى يېلىنىپ ياردەم تىلەش دېگەن مەنىدە كەلگەن دۇئانى ئىبادەت دەپ تەپسىر قىلىشتىن ئىبارەت خاتالىق يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك 150- ھىجرىيەدە ۋاپات بولغان مۇقاتىل ئىبىن سۇلەيماندىن تارتىپ، 1250- ھىجرىيەدە ۋاپات بولغان شەۋكانىيغىچە مانا بۇ شەكىلدە داۋاملاشقان. ئەپسۇس، قۇرئان كەرىمنى تەرجىمە قىلغۇچىلار تەپسىرلەردىكى مەزكۇر خاتالىقلارنى ئەينەن نەقىل قىلىشقان. ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، تەپسىرلەرنى بىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەرەبچىمۇ بىلمەيدىغان بەزى ئالىم قىياپەتلىك جاھىللار ئۆز تىلىدا قىلىنغان بىرقانچە تەرجىمە قۇرئاننى ئالدىدا ئېچىپ قويۇپ، بەزى كەلىمىلەرنى باشقا مەنىداش كەلمىلەرگە ئۆزگەرتىش ۋە بەزى جۈملىلەرنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز نامىدا «قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى» چىقىرىشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر تىلدا بىرقانچە پەرقلىق «تەرجىمە قۇرئان» ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئۇ «ئۇلۇغ تەپسىر»لەردىكى خاتالىقلار ئەينەن داۋاملاشقان، شۇنداقلا مەسىلە تېخىمۇ ئېغىرلاشقان.
ئىش بۇ سەۋىيەگە كەلگەندىن كېيىن دۇئاغا ئۆز مەنىسىنى بېرىپ تەرجىمە قىلغان ئالىملارنىڭ تەرجىمىسى كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا «خاتا تەرجىمە» دەپ چەتكە قېقىلغان، ھەتتا بەزىلەر بۇ «خاتالىق»نى «تۈزىتىپ» قويغان. مەسىلەن: تۈركىيەلىك مەشھۇر ئالىم ئەلمالىلى ھەمدى يازىرنىڭ (ر.ھ) ئەھقاف سۈرىسىنىڭ 5- ئايىتىگە بەرگەن مەنىسى مۇنداق:
«ئاللاھنى قويۇپ ئۆزىگە قىيامەتكە قەدەر جاۋاب بېرەلمەيدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلغان كىشىدىنمۇ تېڭىرقىغان كىم بار؟ ئۇلار بولسا بۇلارنىڭ دۇئالىرىدىن غاپىلدۇر».
بۇ ئالىمنىڭ تەرجىمە قۇرئانىنى يېشىپ ئاسانلاشتۇرغانلاردىن بىرى بۇ مەنىنى مۇنداق ئۆزگەرتكەن:
«ئاللاھنى قويۇپ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۆزىگە ھېچ بىر جاۋاب بېرەلمەيدىغان بۇتلارغا دۇئا قىلغان كىشىدىنمۇ ئازغۇن كىم بار؟ ھالبۇكى، ئۇلار چوقۇنغان نەرسىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ يالۋۇرۇشلىرىدىن خەۋەرلىرىمۇ يوقتۇر».
6- تەھرىفنىڭ نەتىجىسى
ئاللاھ تەئالادىن غەيرىيگە دۇئا قىلىش شېرىكتۇر. يەنى رىزىق، شىپالىق، ھىدايەت، شاپائەت، ئىلىم… قاتارلىقلارغا ئوخشاش، ئاللاھدىن غەيرىي بېرىشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسىلەرنى ئەنبىيالاردىن ياكى ئەۋلىيالاردىن ۋە ياكى قانداقلا بىر «ئۇلۇغ زات» دىن تىلەش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. بۇنداق قىلغۇچى مۇشرىكتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلاَ تَدْعُ مِن دُونِ اللّهِ مَا لاَ يَنفَعُكَ وَلاَ يَضُرُّكَ فَإِن فَعَلْتَ فَإِنَّكَ إِذًا مِّنَ الظَّالِمِينَ﴾[24].
«ئاللاھنى قويۇپ، ساڭا پايدا- زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلمىغىن! ئەگەر ئۇنداق قىلساڭ، ئۇ تەقدىردە سەن چوقۇم زالىملاردىن بولىسەن»- يۇنۇس 10/106.
بۈگۈن مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسمى دۇئانى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش بىلەن مۇشرىك بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇلار يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان تەپسىر ۋە تەرجىمىلەرنىڭ سايىسىدا مۇشرىك بولۇشتىن قۇتۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1- بىر-بىرى بىلەن خوشلاشقاندا: «ئۇلۇغلىرىمىزغا ئامانەت، پىرىمگە تاپشۇردۇم، ئەۋلىيالار يار-يۆلەك بولغاي، غوجام يۆلىگەي، خىزىر مەدەتكار بولغاي» دەپ ياكى بېشىغا كۈن چۈشكەندە «داد پىرىم، يا پىرىم مەدەت، پىر دەستىگىر، مەدەت يا جەيلانىي…» دەپ ۋە ياكى ياتقان ـ قوپقان، چىققان-چۈشكەن، ئولتۇرغان-تۇرغان چاغلىرىدا «پىرىم، يا پىرىم، مەدەت يا غەۋس، غەۋسىلئەزەم ئەلمەدەت، مەدەت يا رەسۇلەللاھ» دەپ مۇشرىك بولغانلار.
2- «ئۇلۇغ»لارنىڭ روھلىرىنىڭ بەزى جايلاردا بارلىقىنى ۋە بالا-مۇسىبەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياكى ئارزۇ-ئارمانغا يېتىش ئۈچۈن شۇ جايلارغا بېرىپ ئۇلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىش، قۇربانلىق قىلىش بىلەن مۇشرىك بولغانلار. مەسىلەن:
ئىستانبۇلدا بولۇپمۇ رامىزان ئېيىدا نۇرغۇنلىغان كىشى ئەييۇپ سۇلتاننىڭ (ئەبىي ئەييۇب ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەبرىسىنىڭ)، ۋە زۇھۇرات بابا دەپ بىلىنىدىغان بىر قەبرىنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىدۇ. باشقا ۋىلايەتلەردىمۇ كىشىلەر ئۆز مازار غوجاملىرىنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىدۇ-دە، ئۇلاردىن مۇرادلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى تىلەيدۇ: بەزىلەر نىجانلىق، بەزىلەر شىپالىق، بەزىلەر ئاسان بېيىش، بەزىلەر كۆپ پۇل تېپىش. ھەتتا يىغىلغانلاردىن بەزى ئاياللار بەزى مازار غوجاملارنىڭ ئەتراپىدا «ساڭا بېرەي بىر قورساق، ماڭا بەرگىن بىر بوۋاق» دەپ قورساقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بىر تۈرلۈك ئۇسسۇل ئوينايدۇ[25].
3- «ئۇلۇغ ئەۋلىيا» ۋە «ماشايىخى كىرام»لارنىڭ روھلىرى ئاللاھ بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ۋەسىلە (ۋاسىتە) بولىدۇ دەپ بەزىدە يامانلىقنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ياكى كەلمەسلىكى ئۈچۈن، بەزىدە ياخشىلىقنىڭ ھاسىل بولۇشى ياكى داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا تېۋىنىدىغان، شەھەرنى بالايىئاپەتلەردىن ئۇلار ساقلايدۇ دەپ: «قۇتۇبلىرىم شەھەر سىلەرگە ئامانەت، چىلتەنلىرىم ياردەم قىلغايسىلەر» دەيدىغان مۇشرىكلار.
6- خۇلاسە
ئۇزۇندىن بېرى مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنى تاشلاپ، مەزكۇر تەپسىر ۋە تەرجىمىلەرنى چىڭ تۇتتى، شۇنداقلا ئۇلارنى رەسۇلۇللاھقا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىڭ ئۆزى دەپ ئېتىقاد قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەسلا ئەپۇ قىلىنمايدىغان شېرىك پاتقىقىغا پاتتى ۋە ھالى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاشتى. ئۇلار دەرۋەقە ئاللاھنىڭ قۇرئاندا مۇسۇلمانلارغا قىلغان رەھمەتلىرىدىن[26] مەھرۇم قالدى[27]، زېمىن شۇنچە كەڭ تۇرۇپ ئۇلارغا تار كەلدى. مەنزىرە تۆۋەندىكىچە:
شەھەرلەر خارابە، ئىنسانلار سەرسان.
ئۆي-جايلار ۋەيرانە، بالىلار قاچقان.
ئاياللار ھەيرانە. ئەرلەر چارىسىز،
ھەر تەرەپ يىغا-زار، پەريادقا تولغان.
 
كۆزلەر قان ياش تۆككەن، چىرايلار سولغان،
يۈرەكلەر تىترىگەن، قورساقلار ئاچقان،
ئۈمىدلەر يوقالغان، ئىش ئەسقاتمىغان،
مال- دۇنيا، بايلىقلار قىلىنغان تالان.
مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى دورىنى دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسىپ بويىچە ئىستېمال قىلمىغان ياكى ئۆزى خالىغانچە دورا ئىستېمال قىلغان ۋە ياكى ئالدىدا تۇرغان دورىنى ھېچ ئىستېمال قىلمىغان، نەتىجىدە كېسىلى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان كېسەل ئادەمگە ئوخشايدۇ. تۆۋەندىكى شېئىرنى ئوقۇغان كىشى نېمىدىگەن ياخشى ئوقۇغان ئىكەن-ھە:
ئەجەب ئىشقۇ ئەجەب ئىش بەكمۇ كۆپتۇر ئەجەب ئىش،
يېنىدىكى دورىنى ئالماسلىق بىر ئەجەب ئىش.
ئۆلۈپ كەتكەن تۆگىدەك چۆلدە تارتىپ ئۇسسۇزلۇق،
دۈمبىسنىڭ ئۈستىدە سۇ يۈكلەنگەن تۇرۇقلۇق[28].
 
 
تۈگىدى
 
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.



[1]– «رەسۇلنىڭ ۋەزىپىسى روشەن تەبلىغدىنلا ئىبارەتتۇر» (مائىدە 99/5، نۇر 45/24، ئەنكەبۇت 18/29)؛ «ئاللاھ كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى بەرگەن بىر كىشىنىڭ ئىنسانلارغا: ‹ئاللاھنى قويۇپ ماڭا بەندە بولۇڭلار› دېيىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن ئۇ: ‹كىتابنى ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق رەببىڭلارغا بەندە بولۇڭلار› دەيدۇ» (ئال ئىمران 3/97). بۇ ئايەتلەر دالالەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھنىڭ كىتابىنى تەبلىغ قىلىشتۇر. ئۇلارنىڭ ۋارىسى بولغانلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۇ كىتابنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ئارقىلىق تەبلىغنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر (ئە.س): «مېنىڭ تەرىپىمدىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار» دېگەن. (بۇخارى، ئەنبىيا 50؛ تىرمىزى، ئىلىم 13، 2669؛ دارىمى، سۇنەن، ئىلىم 559؛ ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل، مۇسنەد 2/25، 488، 583).

[2]– كۈنىمىزدە يەر شارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مۇسۇلمان بارلىقى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.

[3]– بۇ ۋەقفى 1993- يىلى تۈركىيەلىك بىر دىنى ئالىم، پروفېسسور دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر باشچىلىقىدا بىرقانچە ئاكتىپ تۈرك مۇسۇلمان تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى دىن ۋە فىترەت (تەبىئەت) توغرىسىدا ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. مەن 2002- يىلى بۇ يەرگە ئىشقا كىرگەن.

[4]– تىن 95/4.

[5]– ئىسرا 17/70.

[6]– نىسا4/28.

[7]– بەقەرە 2/29: ئىبراھىم 14/32-34؛ نەھل 16/12، 14؛ ھەج 22/36، 37، 65؛ ئەنكەبۇت 29/61؛ لۇقمان 31/20، 29؛ فاتىر 35/13؛ جاسىيە 45/12-13).

[8]– بەقەرە 155:2.

[9]– نەھل 112:16؛ شۇرا 42/30.

[10]– ئال ئىمران 3/14. ئادىيات 100/8.

[11]– ئىنشىقاق 84/6.

[12]– قەسەس 28/15.

[13]– قۇرئان كەرىمدە يەئجۇج ۋە مەئجۇجنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن قورققان قەۋم بىلەن زۇلقەرنەيننىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىپ بىر سېپىل سېلىشى (كەھف 18/94-96)، مۇسانىڭ تەرەپدارىدىن بولغان كىشىنىڭ، مۇسانىڭ دۈشمىنىدىن بولغان كىشىگە قارشى مۇسادىن ياردەم تەلەپ قىلىشى (قەسەس 28/15) زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ بىر ئىشتا ئاجىز كېلىپ قالغان كىشى ياردەم قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان بىرايىن ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

[14]– «كىمكى ئۆز قېرىندىشىغا يار-يۆلەك بولىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولىدۇ»- (مۇسلىم، سەھىھ، زىكىر، دۇئا، تەۋبە ۋە ئىستىغفار، 11، 38 – (2699)؛ ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، ئەدەب، 4946؛ تىرمىزى، سۇنەن، ھۇۇدد 1425، ئەبۋابۇل بىررى ۋەسسىلە 1930، ئەبۋابۇل قىرائات 2945؛ ئىبىن ماجە، سۇنەن، ئىفتىتاھۇل كىتاب، 17/ 225).

[15]– «ياخشىلىققا ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار» (مائىدە 5/2).

[16]– يۇنۇس 10/106-107؛ مۇئمىنۇن 23/117؛ فاتىر 35/13-15؛ ئەھقاف 46/4-6.

[17]– ئەئراف 7/180؛ ئىسرا 17/110؛ تاھا 20/8؛ مەريەم 19/93؛ ھەشر 59/24.

[18]– «رەببىڭلار مۇنداق دېدى: ‹ماڭا دۇئا قىلىڭلار، ئىجابەت قىلاي. ماڭا ئىبادەت قىلىشتىن ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتىدىغانلار خارلىق ئىچىدە جەھەننەمگە كىرىدۇ›»- (مۇئمىن 40/60). ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش دېمەكتۇر. ئاللاھقا دۇئا قىلىش ئىبادىتىنى قىلماسلىقنىڭ ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلىق ھېسابلىنىشى ئاللاھقا دۇئا قىلىشنىڭ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقانلىق بولىدىغان ئىبادەتنىڭ بىر تۈرى ۋە ئەڭ مۇھىم قىسمى ئىكەنلىكى كۆرسىتىدۇ.

[19]– چۈنكى ئىبادەتنىڭ تۈرلىرى كۆپتۇر. ناماز، روزا، ھەج، زاكات…. قاتارلىقلارغا ئوخشاش.

[20]– بۇ ھەقتە ئالدىمىزدا توختىلىمىز.       

[21]– باشقا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەر: فۇرقان 25/77؛ ئەنئام 6/40، 41، 71؛ ئىسرا 17/67؛ ھەج 22/12.

[22]– ئوخشاش مەنىدىكى كەلىمە: فۇسسىلەت 41/33.

[23]– مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەر: يۇنۇس 10/25، يۇسۇف 13/33، غافىر 40/41.

[24]– ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: مۇئمىنۇن 23/117، شۇئەرا 26/213، قەسەس 28/88، جىن 72/18، 20، فاتىر 35/13، 14، ئەھقاف 46/ 5، 6.

[25]– بۇ ئۇسسۇل تۈركىيەدە «قورساق ئۇسسۇلى» دەپ ئاتىلىدۇ.

[26]– يۇنۇس 10/102؛ رۇم 30/ 47؛ غافىر 40/51؛ مۇنافىقۇن 63/8.

[27]– بۈگۈن يەر يۈزىدە پارتلىغان ھەر بومبا مۇسۇلماننىڭ دىيارىدا پارتلىماقتا، ئاققان كۆز ياشلىرى مۇسۇلماننىڭ كۆزىدىن ئاقماقتا، مۇسۇلماننىڭ بالىلىرى ئۆلتۈرۈلمەكتە، مۇسۇلماننىڭ ئىززىتى دەپسەندە قىلىنماقتا، مۇسۇلماننىڭ غۇرۇرى ئاياغ ئاستى قىلىنماقتا. قىسقىسى مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرى تۆكۈلمەكتە، ماللىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنماقتا، شەھەرلىرى بومباردىمان قىلىنماقتا، خاتىرجەم تۇرغىلى يېرى يوق سەرگەردان بولۇپ پاناھگاھ ئىزدەپ يۈرگەن «مۇلتەجى»لەرمۇ مۇسۇلمانلاردىن تەركىب تاپماقتا.

[28]– بۇ بىر ئەرەب شائىرىنىڭ شېئىرى بولۇپ، ئەسلى تېكىستى مۇنداق:
«وَمِنَ الْعَجَائِبِ وَالْعَجَائِبُ جَمَّةٌ … قُرْبُ الشِّفَاءِ وَمَا إِلَيْهِ وُصُولُ.
كَالْعِيسِ فِي الْبَيْدَاءِ يَقْتُلُهَا الظما… والماء فوق ظهورها محمولُ.
ئىبىن قەييىم جەۋزىيە (ۋاپاتى: 751 ھ/1350 م)، زادۇل مەئاد 4/93.
 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر