مۇسۇلمانلار

قۇرئاندا دىندارلىق 3

قۇرئاندا دىندارلىق
ئىسلامنىڭ سىرتىغا چىققان ھەر قانداق ئىنسان يا نەپسىنىڭ يا باشقا بىرىنىڭ قۇلى بولىدۇ. ئۇ خاتا يولدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى قوللىغۇچىلارنى ئىزدەشكە باشلايدۇ ۋە ئۆزىگە ئوخشاش چۈشەنچىدىكىلەر بىلەن بىرلىشىدۇ. بۇلار خاتا كۆز قاراش ۋە خاتا قىممەت قاراشلاردىمۇ ئورتاقلىشىدۇ. بۇتپەرەسلەردە تېپىلىدىغان بۇ ئورتاق ئالاھىدىلىكىنى قۇرئان مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:
« ئىبراھىم ئېيتتى: «بۇ دۇنيادا (بۇتلارغا چوقۇنۇش مەقسىتىدە يىغىلىشىڭلارنىڭ) ئاراڭلاردىكى دوستلۇققا سەۋەب بولۇشى ئۈچۈن، ﷲنى قويۇپ بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالدىڭلار»-ئەنكەبۇت 29/25.
ھەر قانداق ئىنسان ئۆزىنىڭ خاتا قىلىۋاتقانلىقى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، شەيتاندىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ﷲ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلا»-نەھل 16/36.
«ھەقىقەتەن بىز سېنى ھەق (دىن) بىلەن (مۆمىنلەرگە) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارغا) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن»-فاتىر 35/24.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن ھەر مىللەتكە ئەلچى كەلگىنىگە قارىغاندا، مەۋجۇت دىنلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئاساسىدا بىر ئەلچىنىڭ چاقىرىقى تېپىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەككىنىڭ ئۆتمۈشىدىمۇ پەيغەمبەرلەردىن ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسالاملار ئۆتكەن. قۇرەيشلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ نەسلىدىن بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىشەتتى ۋە ئۇنىڭدىن قالغان ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشاتتى.
 ئۆتمۈشتە ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسالاملار بار بولسىمۇ مەككىلىكلەر شېرىك ئېتقادلارغا كىرىپ كەتكەن ئىدى. خرىستىيانلارنىڭ چوڭ بىر قىسمى ئىسا ئەلەيھىسالامنى ۋە مۇقەددەس روھ جىبرائىل ئەلەيھىسالامنى ئاللاھنىڭ شېرىكى ھېسابلاپ مۇشرىك بولغان ئىدى.
ئاللاھ دىنلاردىكى بۇزۇلۇشنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى ئەھلى كىتابقا دېگەن بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق بايان قىلىدۇ:
«ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى ناسارالار جامائەسى) دىنىڭلاردا ھەددىدىن ئاشماڭلار، ﷲنىڭ شەنىگە ھەق (سۆز) دىن باشقىنى ئېيتماڭلار (يەنى ﷲ قا شېرىكى ۋە بالىسى بولۇشتىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىڭلار). مەسىھ ئىسا ـ مەريەمنىڭ ئوغلى، پەقەت ﷲنىڭ رەسۇلىدۇر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ﷲ نىڭ ئوغلى ئەمەستۇر)، مەريەمگە ﷲ نىڭ ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر (يەنى ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىز، ﷲنىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن سۆزىدىن يارىتىلغاندۇر)، ﷲ تەرىپىدىن كەلگەن بىر روھتۇر، ﷲقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىڭلار، (ﷲ ، ئىسا، مەريەمدىن ئىبارەت) ئۈچتۇر دېمەڭلار، (ﷲ ئۈچ دەيدىغان ئېتىقادتىن) قايتىڭلار، (بۇ) سىلەرگە پايدىلىقتۇر، ﷲ پەقەت بىر ئىلاھتۇر، بالىسى بولۇشتىن اﷲ پاكتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ﷲنىڭدۇر (يەنى ﷲنىڭ مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر)، ﷲ يېتەرلىك ھامىيدۇر»-نىسا 4/171.
ئاۋۋال يەھۇدىلار چەكتىن ئىشىپ، خاتا يولغا ماڭدى، ئاندىن خىرىستىيانلار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«(ئى مۇھەممەد!) »ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) دىنىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار» دېگىن. بەنى ئىسرائىلدىن كاپىر بولغانلارغا داۋۇدنىڭ ۋە مەريەم ئوغلى ئىسانىڭ تىلى بىلەن (يەنى زەبۇردا ۋە ئىنجىلدا) لەنەت قىلىندى. بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ لەنەتكە ئۇچرىشى) ئۇلارنىڭ ئاسىيلىق قىلغانلىقلىرى ۋە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكلىرىدىن بولدى»-مائىدە 5/77-78.
يەھۇدى ۋە خرىستىيانلار مۇشۇنداق چەكتىن ئېشىپ ئۆزىنىڭ دىنى ئۆلىمالىرىغا قۇل بولغان ئىدى. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى ، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا (يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ﷲتىن باشقا) ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ﷲ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىدىن پاكتۇر»-تەۋبە 9/31.
ئادى ئىبن ھاتىم مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يېنىغا بوينۇمغا  ئالتۇن بىر كرېستنى ئېسىپ كەلگەن ئىدىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام، ئادى، ئۇ بۇتنى تاشلا دېدى ۋە يۇقىرىدىكى ئايەتنى ئۇقۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلار بۇ نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلمىدى. لېكىن، ئۇلار خالىغان بىر نەرسىنى ھالال قىلغۇسى كەلسە ھالال قىلدى، ھارام قىلغۇسى كەلسە ھارام قىلدى»[1] ئۇلارنىڭ ئىلاھ قىلىنىشى مانا مۇشۇنداق بولغان.
خۇلاسە شۇكى، توغرا دىن، ئەقىلنى ئىشلىتىشنى ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئۇيغۇن مېڭىشنى تەلەپ قىلىدۇ. چەكتىن ئاشقانلار بولسا، دىننى ئەقىل بىلەن چۈشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى دېيىشىدۇ، ئاللاھنىڭ كىتابىنىڭ ئورنىغا ئۇلۇغ دەپ قارالغان مەخلۇقلارغا بويسۇنۇشنى تەۋسىيە قىلىشىدۇ. مەسىلەن: ئۈچ ئىلاھ ئېتىقادىنى ئەقىلنىڭ قۇبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلگەن كاتولىكلار مۇنداق دەيدۇ: «ئىماننىڭ سەۋەبى، يۈز بېرىۋاتقان ھەقىقەتلەرنىڭ ئاددى ئەقلىمىز بىلەن چۈشىنىلىشى ۋە ھەقىقەت بولۇپ كۆرۈنىشى ئەمەستۇر»[2]. ئېتىقاد قىلىش، بىر چېركاۋ ئىشىدۇر. چېركاۋنىڭ ئىمانى بىزنىڭ ئىمانىمىزدىن بۇرۇن كېلىپ، بىزنىڭ ئىمانىمىزنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە يېڭىلايدۇ. چېركاۋ بارلىق ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئانىسىدۇر. ئانىسى چېركاۋ بولمىغاننىڭ، ئاتىسى تەڭرى بولمايدۇ»[3].  
ئاللاھ تائالا يەھۇدى ۋە خرىستىيانلارغا مۇنداق دەيدۇ:
«(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) سىلەر تەۋراتقا، ئىنجىلغا ۋە سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە، سىلەر ئېتىبارغا ئالغۇدەك دىندا بولغان بولمايسىلەر». پەرۋەردىگارىڭدىن نازىل قىلىنغان ئەھكاملار ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە يامانلىق ۋە كۇفرىنى ئاشۇرىدۇ، كاپىر قەۋم ئۈچۈن قايغۇرمىغىن (چۈنكى پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقىرىش ئۇلارنىڭ ئادىتىدۇر)- مائىدە 5/68.
ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئاگاھلاندۇرۇشتا بولۇپ، مۇنداق دەيدۇ؛
«كىم رەھماننىڭ قۇرئانىدىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇنىڭغا بىر شەيتان مۇسەللەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەيتان ئۇنىڭ ھەمراھى بولىدۇ. شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ئويلايدۇ»- زۇخرۇف 43/36-37.
قۇرئان، فىترەتنىڭ سۆزگە ئايلانغان ھالىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇمۇمىيدۇر. ئۇنى بايان قىلغان ۋە يەتكۈزگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تېلىمۇ ئۇمۇمىيدۇر. قۇرئاندا بايان قىلىنغانلار، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىدە ۋە ئەتراپىدا كۆرىۋاتقان فىترەت دەلىللىرىنىڭ بايانى  بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى چۈشەنمەك ئاسان بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىنسانلارنى ھاياتقا باغلايدىغان قۇرئاننى ئۇلارغا چۈشەندۈرۈش، توغرا دىننى يەتكۈزۈش كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
« شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۇئمىنلارغا، مۇكاپاتلىرىنىڭ چوڭ بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ.
 بۇ قۇرئان يەنە ئۇ مۇئمىنلارغا، بىزنىڭ ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئەلەملىك بىر ئازاب تەييارلىغانلىقىمىز بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ»-ئىسرا 17/9-10.
          


[1]– تىرمىزى، تەپسىرۇل قۇرئان، 10.

[2]– كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرى، 156-پاراگراف.

[3]– كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرى، 181-پاراگراف.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر