مۇسۇلمانلار

قۇرئاندا ئەھلى دوزاخ

قۇرئاندا ئەھلى دوزاخ
1- كاپىرلار:
«كاپىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر»- بەقەرە 2/39.
«كاپىر بولغان ۋە كاپىر پېتى ئۆلگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ لەنىتى ياغىدۇ. ئۇلار ئۇ لەنەتنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ»- بەقەرە 2/161-162.
«كاپىرلارنىڭ ۋەلىيلىرى تاغۇتلاردۇر. ئۇلار كاپىرلارنى يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇقلارغا چىقىرىدۇ. ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر»- بەقەرە 2/257.
«كاپىرلارنىڭ نە ماللىرى، نە بالىلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر»- ئال ئىمران 3/116.
«كاپىر بولغان ۋە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، توغرا يولغىمۇ باشلىمايدۇ. ئۇلارنى پەقەت جەھەننەمنىڭ يولىغىلا باشلايدۇ. ئۇلار جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ ئاللاھقا ناھايىتى ئاساندۇر»- نىسا 4/168-169.
«ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئەجەبلەنسەڭ، ئۇلارنىڭ: ‹بىز ئۆلۈپ تۇپراق بولۇپ كەتكەندىن كېيىن يېڭىدىن يارىتىلامدۇق؟› دېگەن سۆزى ئەجەبلىنەرلىكتۇر[1]. ئەنە شۇلار رەببىگە كاپىر بولغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر»- رەئد 3/5.
«ئاللاھ كاپىرلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا دوزاخنى تەييارلىدى. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ھېچقانداق دوست ۋە ياردەمچى تاپالمايدۇ.
ئۇلار يۈزلىرى ئوتنىڭ ئىچىدە ئۆرۈلۈپ-چۆرۈلگەن كۈندە مۇنداق دەيدۇ: ‹كاشكى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ!›
ئۇلار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹رەببىمىز! بىز باشلىقلىرىمىزغا ۋە كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلىپتۇق. ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپتۇ. رەببىمىز! ئۇلارغا ئازابنى ئىككى ھەسسە بەرگىن، ئۇلارنى چوڭ بىر لەنەت بىلەن لەنەتلىگىن›.»- ئەھزاب 33/64-68.
«كاپىرلار گۇرۇھ-گۇرۇھ ھالەتتە جەھەننەمگە ھەيدىلىدۇ. ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ ۋە جەھەننەمنىڭ دەرۋازىۋەنلىرى ئۇلارغا: ‹سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن، رەببىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە تىلاۋەت قىلىدىغان ۋە سىلەرنى بۇ كۈنۈڭلارغا مۇلاقات بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئەلچىلەر كەلمىگەنمىدى؟› دەيدۇ. كاپىرلار: ‹شۇنداق، ئەلۋەتتە كەلگەن ئىدى! لېكىن ئازاب سۆزى كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى› دەيدۇ.
ئۇلارغا: ‹جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار! سىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر. چوڭچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!› دېيىلىدۇ»- زۇمەر 39- 71-72.
«مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالى شەيتاننىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. شەيتان ئۆز ۋاقتىدا ئىنسانغا: ‹كاپىر بول› دېدى. ئىنسان كاپىر بولغان ئىدى ئۇ: ‹مەن سەن بىلەن ئادا-جۇدا، چۈنكى مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن قورقىمەن› دېدى. نەتىجىدە بۇ ئىككىسىنىڭ ئاقىۋىتى، دوزاخقا تاشلىنىش ۋە دوزاخنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قېلىش بولدى. ئەنە شۇ زالىملارنىڭ جازاسىدۇر»- ھەشر 59/116-17.
«كاپىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!»- تەغابۇن 64/10.
«ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن ئىبارەت بولغان كاپىرلار جەھەننەم ئوتىنىڭ ئىچىدىدۇر، ئۇلار ئۇ يەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر»- بەييىنە 98/6.
2- مۇرتەتلەر
سىلەردىن كىم دىنىدىن يېنىپ كاپىر ھالىتىدە ئۆلسە ئۇنداقلارنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ . ئۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ»- بەقەرە 2/217.
«بۇ پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ۋە روشەن دەلىللەرنى كۆرۈپ ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
ئەنە شۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇلار بۇ لەنەتنىڭ ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ»- ئال ئىمران 3/86-88.
3- مۇشرىكلار
«مۇشرىكلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ كاپىرلىقىغا ئۆزلىرى شاھىتلىق قىلغان ھالدا ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىنى ئاۋات قىلىش سالاھىيىتى يوقتۇر. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتتى. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچى كىشىلەردۇر»- تەۋبە 9/17.
«توغرا ۋەدىنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقاندا كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا چەكچىيىپ كېتىدۇ. ئۇلار: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بىز بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدۇق. بەلكى بىز زالىم ئىدۇق» دېيىشىدۇ.
ئۇ كۈنى ئۇلارغا: ‹سىلەر ۋە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرىڭلار دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر. دوزاخقا كىرىسىلەر!› دېيىلىدۇ. ئۇلار ئەگەر ئىلاھ بولسا ئىدى دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى. ھالبۇكى، ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىدۇر. ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە توختىماي پەرياد چېكىپ تۇرىدۇ ۋە ھېچ نەرسە ئاڭلىمايدۇ»- ئەنبىيا 21/97-100.
«ئۇلار (مېھرىبان ئاللاھنىڭ بەندىلىرى) ئاللاھغا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقىمۇ دۇئا قىلمايدىغان، ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەيدىغان ۋە زىنا قىلمايدىغان كىشىلەردۇر. كىم بۇلارنى قىلسا جازاغا ئۇچرايدۇ، قىيامەت كۈنى ئىككى ھەسسە ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ ۋە ئازاب ئىچىدە مەڭگۈ خارلىنىدۇ»- فۇرقان 25/68-69.
4- جازانىخورلار
«ئۆسۈم يەيدىغانلار، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم قوپقاندەكلا قوپىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ: ‹سودا-سېتىقمۇ خۇددى ئۆسۈم مۇئامىلىسىگە ئوخشاشتۇر›، دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى ئاللاھ سودا-سېتىقنى ھالال، ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى ھارام قىلغان. كىم رەببىدىن كەلگەن نەسىھەتكە بويسۇنۇپ ئۆسۈمدىن توختىسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۆسۈمنى داۋاملاشتۇرغانلار بولسا، دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.»- بەقەرە 2/275.

5- ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلغۇچىلار
«كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ. ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، خارلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.»- نىسا 4/14.
«… كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە جەھەننەم ئوتى بار، ئۇنداقلار ئۇ ئوتنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ.»- جىن 72/23.
6- ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەر
«ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۇلاردىن باش تارتقان كىشىلەر دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر»- ئەئراف 7/36.
«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئۆتمۈشتە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىپ بېرىمىز. ساڭا ئۆز تەرىپىمىزدىن ئەسلەتكۈچى بىر كىتاب ئاتا قىلدۇق.
ئۇ كىتابتىن يۈز ئۆرۈگەنلەر قىيامەت كۈنى دۈمبىسىدە ئېغىر بىر يۈك كۆتۈرىدۇ.
ئۇلار ئۇ يۈك ئاستىدا مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ يۈك قىيامەت كۈنى ئۇلار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان يۈك!»- تاھا 20/99-101.
«ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تارتىشىدىغانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىدىغاندۇ؟ ئۇلار كىتابنى ۋە بىز ئەلچىلىرىمىزگە ئەۋەتكەن نەرسىلەرنى يالغان دېگەن كىشىلەردۇر. ئۇلار يېقىندا بىلىپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر سېلىنىدۇ. ئۇلار سۆرىلىدۇ، قايناق سۇ ئىچىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ. ئاندىن ئۇلارغا: ‹ئاللاھتىن باشقا چوقۇنغان نەرسىلىرىڭلار قەيەردە؟› دېيىلىدۇ
ئۇلار: ‹ئۇلار بىزنى تاشلىۋەتتى. بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچ نەرسىگە دۇئا قىلمايتتۇق› دەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى مانا مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ. ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: ‹بۇ ئازاب سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە كۆرەڭلىگەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر». ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!›»- مۇئمىن 40/69-76.
7 مۇناپىق ئەرلەر ۋە مۇناپىق ئاياللار
«شۈبھىسىزكى، مۇنافىقلار دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىن قەۋىتىدىدۇر. ئۇلار ئۈچۈن ھېچبىر ياردەمچى تاپالمايسەن»- نىسا 4/145.
«ئاللاھ مۇناپىق ئەرلەر بىلەن مۇناپىق ئاياللارغا ۋە كاپىرلارغا جەھەننەمنىڭ ئوتىنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار ئۇ ئوتنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ. جەھەننەمنىڭ ئوتى ئۇلارغا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنى لەنەتلىدى. ئۇلار ئۈچۈن مۇقىم بىر ئازاب بار»- تەۋبە 9/68.
«ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋمنى دوست تۇتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار سىلەردىنمۇ ئەمەس، ئۇ قەۋمدىنمۇ ئەمەس. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن قەسەم قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىنى قالقان قىلىپ ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار.
ئۇلارنىڭ ماللىرىمۇ، بالىلىرىمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا تىرىلدۈرگەن كۈندە، ئۇلار ھازىر سىلەرگە قەسەم قىلغاندەك ئاللاھقا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار پايدا ئالىمىز، دەپ ئويلايدۇ، بىلىڭلاركى، ئۇلار يالغانچىلاردۇر.
شەيتان ئۇلارنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇردى. ئەنە شۇلار شەيتاننىڭ گۇرۇھىدۇر. بىلىڭلاركى، شەيتاننىڭ گۇرۇھى زىيان تارتقۇچىلاردۇر»- مۇجادەلە 58/14-19.

8- مۇئمىنلارنى قەستەن ئۆلتۈرگەن قاتىللار
«كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر. ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ ۋە لەنەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا كاتتا بىر ئازاب تەييارلىدى»- نىسا 4/93.
9- زالىملار
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھنىڭ ئازابى سىلەرگە كېچىسى يېتىۋاتقان چېغىڭلاردا ياكى كۈندۈزدە كەلسە، نېمە قىلىسىلەر؟ گۇناھكارلار ئۇ ئازابتىن نېمىنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ ئۇ ئازابقا بېشىڭلارغا كەلگەندىن كېيىن ئىشىنەمسىلەر؟ ھازىرمۇ؟ بۇنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلاتتىڭلارغۇ؟›.
ئاندىن زالىملارغا: ‹ئەبەدىي ئازابنى تېتىڭلار! پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلار بىلەن جازالاندۇرۇلىسىلەر ئەمەسمۇ؟› دېيىلىدۇ.
ئۇلار سەندىن: ‹ئۇ ئەبەدىي ئازاب راستمۇ؟› دەپ سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ھەئە، رەببىم بىلەن قەسەمكى، ئۇ ئازاب ئەلۋەتتە راستتۇر. سىلەر ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر›.
زالىملىق قىلغان ھەر كىشى زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولسا ئىدى، ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرنى پىديە قىلغان بولاتتى. ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە چوقۇم ئىچىدە پۇشايمان قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چوقۇم ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ»- يۇنۇس 10/50-54.
«ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقاندا پەرىشتىلەر جانلىرىنى ئالغان كىشىلەردۇر. ئۇ چاغدا ئۇلار: ‹بىز ھېچبىر يامانلىق قىلمىغان ئىدۇق› دەپ تەسلىم بولىدۇ. ئۇلارغا: ‹ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جەھەننەمنىڭ ئىشىكلىرىدىن كىرىڭلار، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر› دېيىلىدۇ. كىبىرلىك كىشىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى نېمىدېگەن يامان!»- نەھل 16/28-29.
10- گۇناھكارلار
«ئۇ كۈنى گۇناھكارلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: ‹ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن ئايرىلىڭلار. مەن سىلەردىن: ‹ئى ئادەمنىڭ ئەۋلادى! شەيتانغا ئىبادەت قىلماڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر›، دەپ ئەھدە ئالمىدىممۇ؟ سىلەرگە: ‹ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر›، دېمىدىممۇ؟
شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن نەسىللەرنى ئازدۇردى. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمىدىڭلارمۇ؟ ئەنە شۇ، سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان جەھەننەم! بۈگۈن ئۇنىڭغا كىرىڭلار، چۈنكى سىلەر تۇزكورلۇق قىلدىڭلار›.
ئۇ كۈنى ئۇلارنىڭ ئاغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، قىلمىشلىرىنى بىزگە قوللىرى سۆزلەيدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ»- ياسىن 59-65.
11- يامان ئىشلارنى قىلغۇچىلار
«يامان ئىشلارنى قىلغانلار بولسا، قىلغان يامانلىقىنىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالىنىدۇ. ئۇلارنى خارلىق باسىدۇ. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئۇلارنىڭ يۈزلىرى گويا قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىلىرى بىلەن ئورالغاندەك قارىيىپ كېتىدۇ. ئەنە شۇلار دوزاخنىڭ ئەھلىدۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچى كىشىلەردۇر»- يۇنۇس 10/27.
12- قىيامەت كۈنى ياخشىلىقى يېنىك كەلگەنلەر
«ياخشىلىقى يېنىك كەلگەنلەر زىيان تارتقۇچىلاردۇر ۋە جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى يالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەھەننەمدە ئۇلارنىڭ كالپۇكلىرى قورۇلۇپ چىشلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ»- مۇئمىنۇن 23/103-104.
«كىمنىڭ ياخشىلىقلىرى يېنىك كېلىدىكەن، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيەدۇر. ھاۋىيە نېمىدۇر، سەن نەدىن بىلىسەن؟ ئۇ قىزىق بىر ئوتتۇر»- قارىئە 101 /8-11.

[1] – يەنى، ئى مۇھەممەد! ئەگەر بىر ئىشقا ئەجەبلىنىدىغان بولساڭ، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ: «بىز ئۆلۈپ تۇپراق بولۇپ كەتكەندىن كېين يېڭىدىن يارىتىلامدۇق؟» دېگەن سۆزىگە ئەجەبلەنگىن.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر